ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى، ئۇرۇش توختىتىش ئىستىقبالى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-20 16:55

 ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن جايلارغا شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى، ھۇجۇمدا 300دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى. پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس): ئىسرائىلىيە بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنىڭ ئەۋج ئېلىشىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاغدۇرۇلدى، دېدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسرائىلىيە بىلەن خاماسنىڭ مەيدان ئىختىلاپى ئېنىق، غەززە رايونى توغرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 2-باسقۇچلۇق سۆھبىتى ئۇزۇنغىچە باشلانمىدى، بۇنىڭ بىلەن ۋەزىيەت يامانلىشىپ كونتروللۇقىنى يوقاتتى. نۆۋەتتە، ئىككى تەرەپ قايتىدىن توقۇنۇش ھالىتىگە قايتتى، ئۇرۇشنىڭ قاچان يەنە بىر قېتىم توختىتىلىشىنى پەرەز قىلىش تەس.
ئىسرائىلىيە شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەردە غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن جايلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسىنىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى زۇڭلى نىتانىياخۇ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاتىزنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، پۈتۈن غەززە رايونىدىكى خاماس نىشانلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خاماس ئامېرىكا قاتارلىق ياراشتۇرغۇچى تەرەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق تەكلىپلەرنى، غەززە رايونىدىكى ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى.
غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 310 كىشى قازا قىلدى، پەلەستىن ئاگېنتلىقىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، قازا قىلغانلار ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلار بار ئىكەن. خاماس خاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەۋپسىزلىك ئەمەلدارى مەھمۇد ئەبۇ ۋاتفانىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خاماس نىتانىياخۇ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنى «غەززە رايونىدىكى پۇقرالارغا تاجاۋۇز قىلىش ۋە ئىرقىي يوقىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى» دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە ئىسرائىلىيە بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنىڭ ئەۋج ئېلىشىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قارىدى. خاماس يەنە ئىسرائىلىيە «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى قارار قىلدى»، غەززەدىكى تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرىنى بىلگىلى بولمايدۇ، دېدى.
ئامېرىكا ئاق سارىيىنىڭ ئاخبارات كاتىپى كارولىن لېۋىت 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاق سارايدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: ئىسرائىلىيە غەززەگە «كەڭ دائىرىدە ھۇجۇم قىلىش»تىن بۇرۇن تىرامپ ھۆكۈمىتى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپتى، دېدى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمى ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس 1-ئاينىڭ 15-كۈنى غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە غەززەگە قارىتا يولغا قويغان ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئىكەن.
سۆھبەت توسالغۇغا ئۇچرىدى
ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس 1-ئاينىڭ 15-كۈنى غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا، ئىككى تەرەپ بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇردى، لېكىن بۇ جەرياندا داۋالغۇش ئۈزۈلمىدى، ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ ئارقا-ئارقىدىن ئەيىبلىدى. ئىككىنچى باسقۇچلۇق سۆھبەت ئەسلىدە 2-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلىنىپ، خاماس قويۇپ بېرىلمىگەن ئىسرائىلىيەلىك بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدىن چېكىنىپ چىقىش قاتارلىق ئىشلار مۇزاكىرە قىلىنماقچى بولغان ئىدى، لېكىن سۆھبەت قايتا-قايتا كەينىگە سۈرۈلۈپ ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسرائىلىيە خاماستىن ئاساسلىقى ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنى تېزدىن قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، خاماس بولسا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدىن غەززە رايونىدىن ئومۇميۈزلۈك چېكىنىپ چىقىپ، مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئىسرائىلىيە «دۆلەت زېمىنى گېزىتى» بۇنىڭدىن ئىلگىرى تەھلىل قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئومۇميۈزلۈك ئەسكەر چېكىندۈرۈش، توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئېنىق مۇددىتىنى ئوتتۇرىغا قويمىسىلا، خاماس ئىسرائىلىيەلىك بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بەرمەيدۇ، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئىككى تەرەپ يول قويمىغاچقا، سۆھبەت قاتمۇقات توسالغۇغا ئۇچرىدى.
شاڭخەي چەتئەل تىللىرى داشۆسى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ پىروفېسسورى دىڭ لوڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككىنچى باسقۇچلۇق سۆھبەتنىڭ توختاپ قېلىشى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىختىلاپىنى ئاشكارىلاپلا قالماستىن، ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكىنىڭ يان بېسىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى سەۋەبىدىن خاماس تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشتە ئىككىلىنىپ قالدى، بۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاساسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى بىلەن باراۋەر.
ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىندىن بۇيانقى يۇقىرى قاتلام كادىرلار ئىشلىرىدىكى ئۆزگىرىشمۇ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈردى. نىتانىياخۇ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى دۆلەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رونېن بارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ ئىش دۆلەت ئىچىدىكى كۆپ تەرەپلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. ئامېرىكا ئاكسىئوس ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: رونېن بار ئىلگىرى ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس سۆھبىتىدە ھالقىلىق رول ئوينىغان، نىتانىياخۇ يېقىندا ئۇنى سۆھبەت كوللېكتىپىدىن چېكىندۈردى. ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئاممىۋى رادىيو ئىستانسىسى تەھلىل قىلىپ، ئىسرائىلىيەدىكى «سىياسىي بوران» ۋە ئىچكى قىسىمدىكى ئىختىلاپ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر قالايمىقانچىلىققا پاتۇرۇپ قويدى، دېدى.
ۋەزىيەت يەنە يامانلىشىشى مۇمكىن
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى خاماسنىڭ غەززە رايونىدىكى كۆپلىگەن نىشانلىرىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قازا قىلىشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ بۇندىن ئىلگىرى ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاساسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇشى مۇمكىن، غەززەدە قاچان يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش توختىتىلىشىنى مۆلچەرلەش تەس.
دىڭ لوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ئىسرائىلىيە دۆلەت ئىچىدىكى ئوڭ قانات كۈچلەرنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى ھەمدە خاماسنىڭ ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى كەينىگە سۈرۈشى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلاشقاندا، ئىسرائىلىيە بىلەن خاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنىڭ ئاساسى قالمىدى، كېيىنكى ۋەزىيەت يەنىمۇ يامانلىشىشى مۇمكىن. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ياراشتۇرۇش كۈچلىرى يەنىلا ئۇرۇش توختىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، ئەمما قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر چوڭ.
ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىي ئوبزورچىسى ئانشېر پۇفېف مۇنداق دېدى: ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە غەززە رايونىدا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك يەر يۈزى ھۇجۇمى قوزغىشى مۇمكىن، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى بۇنىڭغا تەييارلىق كۆرۈپ قويدى.
ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى ئىستىمسون مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جېسسى مارك مۇنداق دەپ قارىدى: ترامپ ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنىڭ خاماسقا زەربە بېرىشىنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ قوللايدۇ، ئىسرائىلىيە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي ھەرىكەتتە تېخىمۇ «ۋەھشىي» بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسرائىلىيە دۆلەت ئىچىدىكى چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات كۈچلەرنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى غەززە رايونىدىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىش ساداسى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، نىتانىياخۇ ھۆكۈمىتى بەلكىم بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلىشىشى مۇمكىن.
غەززەدە ئۇرۇش ئىس-تۈتەكلىرى قايتا كۆتۈرۈلسە، سىرتتىكىلەر ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ داۋالغۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ئىيوردانىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى ئەيمەن سەفادى بۇندىن بۇرۇن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بۇزۇلۇشى غەززەنى يەنە بىر قېتىم دوزاخقا سۆرەپ كىرىپلا قالماستىن، يەنە پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق رايونىنى تەشۋىش، ئېنىقسىزلىق ۋە قالايمىقانچىلىققا پاتۇرۇپ قويىدۇ، دېگەن ئىدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى، ئۇرۇش توختىتىش ئىستىقبالى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن جايلارغا شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى، ھۇجۇمدا 300دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى. پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى