رۇسىيە-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ تېلېفونلىشىشىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش توختىتىشتىكى ئىختىلاپىنى ھەل قىلمىقى تەس
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-21 10:17
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش، رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە ئىككى تەرەپ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش توختىتىشى توغرىسىدا بىر قىسىم ئىجابىي سىگناللارنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ يەنىلا مەۋجۇت. ھازىر رۇسىيە-ئۇكرائىنا جەڭ مەيدانىدا ئۇرۇش ئىس-تۈتەكلىرى تېخى تارقىمىدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى چۆرىدىگەن رىقابىتى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، بۇ قېتىمقى سۆزلىشىش رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇش توختىتىش ئىختىلاپىنى ھەل قىلالمايدۇ.
ئىپادە ئاكتىپ بولدى
رۇسىيە-ئامېرىكا باشلىقلىرى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تېلېفونلاشتى. ئامېرىكا ئاقساراي ۋە رۇسىيە زۇڭتۇڭى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش، رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەن.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى تور بېكىتى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پۇتىن تىرامپ ئوتتۇرىغا قويغان رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ 30 كۈن ئىچىدە بىرلا ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ۋاز كېچىش تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە رۇسىيە ئارمىيەسىگە دەرھال مۇناسىپ بۇيرۇق چۈشۈردى. ترامپ ئوتتۇرىغا قويغان 30 كۈن ئۇرۇش توختىتىش تەشەببۇسىغا قارىتا، رۇسىيە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ بارلىق ئۇچرىشىش لىنىيەسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش، كونترول قىلىش، ئۇكرائىنا چېگراسى ئىچىدىكى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى مەجبۇرىي سەپەرۋەر قىلىش ۋە قايتىدىن قوراللاندۇرۇشنى توختىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاق ساراي شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرلىشىشىغا، توقۇنۇشنى توختىتىشنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىشتىن باشلىنىشىغا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قارا دېڭىزىدا ئۇرۇش توختىتىش، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش ۋە مەڭگۈلۈك تىنچلىقنى يولغا قويۇش توغرىسىدا تېخنىكا جەھەتتىن سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلدى.
تاراتقۇلارنىڭ باشقا خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي 3-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە تاراتقۇلارغا، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنانىڭ قارشى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا قارشى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەسىگە ھۇجۇم قىلىشنى ھەقىقىي توختىتالىسا، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشۇۋاتقان ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆزئارا كېلىشىپ قىسمەن ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
رۇسىيە-ئامېرىكا باشلىقلىرى تېلېفونلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى ستېۋېن ۋىتكوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە 3-ئاينىڭ 23-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇش توختىتىش تەپسىلاتى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.
ئىختىلاپ روشەن
تېلېفونلىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ترامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ: پۇتىن بىلەن تېلېفونلىشىش «مول نەتىجىلىك بولدى»، ئىككىيلەن تىنچلىق كېلىشىمىدىكى «نۇرغۇن ئامىللار»نى مۇزاكىرە قىلدۇق، دېدى. ئەمما نۇرغۇن ئامېرىكا تاراتقۇلىرى رۇسىيەنىڭ تېلېفوندا ترامپ ئوتتۇرىغا قويغان 30 كۈن ئۇرۇش توختىتىش تەشەببۇسىغا قوشۇلمىغانلىقىغا دىققەت قىلدى.
تەھلىلچىلەر يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ تېلېفونلىشىش مەزمۇنى توغرىسىدىكى بايانىدا پەرق بار، تېلېفونلىشىشتا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ زېمىنىنى ئايرىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلىش-قىلماسلىق تىلغا ئېلىنمىدى، بۇ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى چۆرىدەپ ئۇرۇش توختىتىشىدا يەنىلا نۇرغۇن ئىختىلاپنىڭ بارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
نۇرغۇن چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپ تېلېفونلىشىپ بولغاندىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ 30 كۈن ئىچىدە قارشى تەرەپنىڭ «بارلىق ئېنېرگىيە ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرى»گە ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، رۇسىيە قارشى تەرەپنىڭ «ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى» گە ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما كۆۋرۈك قاتارلىق باشقا ئۇل ئەسلىھەلەرنى تىلغا ئالمىغان. بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۇتىن ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ئۇكرائىنانى چەت ئەلنىڭ ھەربىي ياردىمى ۋە ئاخبارات ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزۈل-كېسىل توختىتىشقا باغلىق، دېگەن قاراشتا چىڭ تۇردى، ئەمما ترامپ تاراتقۇلارغا تېلېفوندا ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ تېلېفونلىشىشتىن بۇرۇن يەنە ئىككى تەرەپنىڭ يەر قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ «ئالاھىدە مۈلۈكنى بۆلۈشۈش»نى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئەمما ئىككى تەرەپ باياناتىدا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ زېمىنىنى ئايرىش، «ئالاھىدە مۈلۈك»نى ئايرىش، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنى جازالىشى قاتارلىق مۇھىم قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلغان قىلمىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قارالمىلارنىڭ «تىلغا ئېلىنماسلىقى» ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ روشەن ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دەپ قارالدى: گەرچە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشتا ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولۇشنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇرۇش توختىتىش دائىرىسى ۋە كەلگۈسى سۆھبەت شەرتى قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەر ۋە تەپسىلاتلاردا يەنىلا پەرق بار.
كۆپ تەرەپلەرنىڭ كۈچ سىنىشىشى
رۇسىيە-ئامېرىكا باشلىقلىرى تېلېفونلاشقان كۈنى، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ جەڭ مەيدانىدىكى توقۇنۇشى يەنىلا داۋاملاشتى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى شۇ كۈنى رۇسىيەنىڭ بېلگورود ئوبلاستىغا بەش قېتىم ھۇجۇم قوزغىدى، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى، دېدى. بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە ئارمىيەسى يەنە ئۇكرائىنانىڭ سۇمېي ئوبلاستىدىكى ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ۋە قورال-ياراغلىرىغا 40 نەچچە قېتىم زەربە بېرىپ، تەخمىنەن 40 ئاۋىياتسىيە بومبىسىنى ئىشقا سالدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە رۇسىيە - ئۇكرائىنا جەڭ مەيدانىدىكى ئۇرۇش ئىس-تۈتەكلىرىنى تىنچىتىش تەس، ئامېرىكا، ئۇكرائىنا، رۇسىيە، ياۋروپانىڭ دەۋا تەلىپىنى ھەل قىلىش تەس، ئۇرۇش توختىتىش ۋە توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنى چۆرىدىگەن كۈچ سىنىشىش يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ.
زېلېنسكىي 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىنىدۇ، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇرۇش توختىتىش شەرتسىز بولۇشى كېرەك، پۇتىن تېلېفوندا بىر قاتار ئۇرۇش توختىتىش شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى ئىمكانقەدەر ئاجىزلاشتۇرۇش. ئۇ يەنە بىر قېتىم: توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇكرائىنا بولمىغان سۆھبەت نەتىجىسىز بولىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.
«نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بىر قىسىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى رۇسىيە «ئارقىغا سوزۇش تاكتىكىسى» قوللىنىپ، سىرتتىكىلەرگە ئۆزلىرىنى سۆھبەتكە قاتنىشىۋاتقاندەك كۆرسىتىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جەڭ مەيدانىدا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ، ئۈستۈنلۈكىنى قوغداۋاتىدۇ، دەپ قارىماقتا.
ياۋروپادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە رەھبەرلىرى رۇسىيە-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ تېلېفونلاشقانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» نىڭ تەھلىل ماقالىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى، ئەنگلىيە سۆھبەت نىشانىنىڭ «ئۇكرائىنانىڭ ئادىل، ئۇزاققىچە تىنچ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، بۇ ياۋروپانىڭ تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىشىدىن، ھەقىقىي ئۇرۇش توختىتىش ۋە تىنچلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە يېقىندىن بۇيان كۆپ قېتىم ئۇچراشتى، ياۋروپامۇ بۇنىڭغا جىددىي ئارىلاشتى. ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەت ۋە رايون تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇنجى قېتىم «پىدائىيلار ئىتتىپاقى» ۋىدىيولۇق باشلىقلار يىغىنى ئېچىپ، ئۇكرائىناغا داۋاملىق ياردەم بېرىش ۋە رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى ھەم 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ھەربىي ئىشلار يىغىنى ئېچىشقا قوشۇلدى. 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ئۇكرائىناغا 3 مىليارد 500 مىليون ياۋرو ياردەم بېرىشنى تەستىقلىدى.
ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ياۋروپانىڭ بىر قاتار ھەرىكەتلىرى ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان مەيدانىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇ ياۋروپانى «تاشلىۋېتىلگەندەك» ھېسسىياتقا كەلتۈردى، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ئىختىلاپى كۈچەيدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۆپ تەرەپنىڭ دەۋا تەلىپىنى كېلىشتۈرۈش تەس بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشى كەمچىل، شۇنداقلا بۇ ئۇرۇش توختىتىش ئىستىقبالىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل