ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا، ياۋروپا نېمە ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ قېزىلما بايلىقىنى تالىشىدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-21 10:20
3-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە، ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇردى ھەمدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتقا ئاساسەن، ئۇكرائىنا ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان دەرھال 30 كۈن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئۇرۇش توختىتىشنى ئىككى تەرەپ قوشۇلغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇزارتىشقا بولىدۇ، ھەمدە رۇسىيە قوبۇل قىلىشى شۇنداقلا بىرلا ۋاقىتتا ئىجرا قىلىشى كېرەك. ئامېرىكا ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئاخباراتتىن ھەمبەھرىلىنىشنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ھەمدە ئۇكرائىناغا بولغان بىخەتەرلىك ياردىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا- ئۇكرائىنا ئىككى دۆلەت زۇڭتۇڭلىرى ئۇكرائىنانىڭ ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىقىنى ئېچىش توغرىسىدا تېزدىن ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا قوشۇلدى.
بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئامېرىكا-ئۇكرائىنا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئاق سارايدا تالاش-تارتىش قىلغاندىن كېيىنكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش تەدبىرى دەپ قارالدى، بۇ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇكرائىنا قېزىلما بايلىقىنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
ئۇكرائىنانىڭ قېزىلما بايلىقى مول، يەر شارىنىڭ تەخمىنەن %5 قېزىلما بايلىقىغا ئىگە، نۇرغۇن قېزىلما بايلىق زاپىسى ۋە مەھسۇلات مىقدارى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. ئۇكرائىنا قېزىلما بايلىق سانائىتىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى پۈتۈن مەملىكەت سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %16 ىنى ئىگىلەيدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەخمىنەن %20 نوپۇس قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش ۋە باشقۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كان قېزىش ئىجازەتنامىسى بار كارخانا 3500 دىن ئاشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇكرائىنانىڭ كانچىلىق كەسپى سىجىل تەرەققىي قىلىپ، ئېكسپورت كىرىمى دۆلەت ئىقتىسادىدا مۇھىم تىرەكلىك رول ئوينىدى. فىرانسىيە گېئولوگىيە ۋە قېزىلما بايلىقلارنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 2023-يىلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇكرائىنادا 100 خىلدىن ئارتۇق قېزىلما بايلىق بايقالغان بولۇپ، تەبىئىي گاز، نېفىت، كۆمۈر، تۆمۈر، تىتان، لىتىي، سىيرەك يەر قاتارلىق ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 2024-يىلى نۇسخىسىدىكى«دۇنيا كانچىلىق سانلىق مەلۇماتى»غا ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنا بارلىق تۈردىكى (كۆمۈرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قېزىلما بايلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە 40-ئورۇندا تۇرىدىكەن.
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ كان مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىشىدا كۆپ خىل مەسىلىنى كۆزدە تۇتقان.
1-، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، پەن-تېخنىكا چوڭ دۆلىتى ۋە ھەربىي چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ قېزىلما بايلىققا ئېرىشىشى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىقتىدارى ئۈچۈن. ئامېرىكىنىڭ ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق زاپىسى چەكلىك، ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى ئامېرىكىدىكى 50 خىل ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىقنىڭ 12 خىلىنى %100 ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىكەن، 29 خىلىنى (14 خىل لانتان سىستېمىسىدىكى ئېلېمېنتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىمپورت قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن. شۇڭا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بايلىق ئىشلەپچىقىرىشى يەر شارىدىكى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار باھاسىنىڭ داۋالغۇشىنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ. رۇسىيە «يېڭى خەۋەرلەر گېزىتى» تور بېكىتىدە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئامېرىكا سىيرەك يەر مېتاللىرىنى ئەڭ چوڭ ئىستېمال قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، دېيىلدى. دۇنيا بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى ئامېرىكا تەخمىنەن 400 توننا سىيرەك يەر مېتاللىرىنى ئىمپورت قىلغان.
2-، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ قېزىلما بايلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى رۇسىيەگە چەكلىمە پەيدا قىلىدۇ. ھازىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كۆپ قىسىم قېزىلما بايلىقلار رۇسىيە كونتروللىقىدىكى شەرقىي رايوندا بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنانىڭ قېزىلما بايلىق ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىشى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە كونترولللىقىدىكى بۇ رايونلاردىكى قېزىلما بايلىقلارنىڭ تەۋەلىكىنى چەكلەپ قويىدىغانلىقىدىن، ھېچبولمىغاندا رۇسىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىيە فىشكىسىنى كۆپەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
3-، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قېزىلما بايلىقىغا ئېرىشىشى ئاز ئۇچرايدىغان قېزىلما بايلىقلارنى مونوپول قىلىپ، كەسىپنىڭ باش ھالىقىسىنى ئاتالمىش «ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچىسى»نى چەكلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. سىيرەك يەر 17 خىل مېتال خىمىيەلىك ئېلېمېنتنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئەقلىي يان تېلېفون، كومپيۇتېر، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە ھەربىي ئىشلار ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق يۇقىرى پەن تېخنىكا ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ قېزىلما بايلىقلىرى، بولۇپمۇ سىيرەك يەر بايلىقىنى تالان-تاراج قىلىش خاراكتېرىدىكى ماددىلىرىنى تۈزۈشتىكى مەقسىتى ئىمپورتقا تايىنىشنى ئازايتىپ، ئۇنىڭ يەر شارى يۇقىرى پەن-تېخنىكا كەسىپ زەنجىرىدىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
4-، ئۇكرائىنانىڭ لىتىي، تىتان، مانگان قاتارلىق ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىقلىرى ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ يۇقىرى پەن-تېخنىكا كەسپى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مۇقىم ھەم يېتەرلىك ئالاقىدار قېزىلما بايلىقلارغا ئېھتىياجلىق. مەسىلەن، لىتىي بىلەن رۇبىدىي توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسىنىڭ يادرولۇق ماتېرىيالى؛ تىتان ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە ھەربىي سانائەت ساھەسىدە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ؛ مانگان پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى؛ يېۋروپىي يان تېلېفون ئېكرانى ياساشتا ئوچۇق رەڭ ھاسىل قىلىشقا ھەمدە يادرو سانائىتى بىرىكمە دېتالى ياساشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ؛ ئىتتىرىي ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچكە ئىشلىتىلىدۇ، ئاۋىياتسىيە سانائىتىدە مۇھىم ئىشلىتىلىدۇ. ئىسپانىيە «پوچتا گېزىتى»دە ئېيتىلىشىچە، مۆلچەرلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىر كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ياساشقا 400 كىلوگىرام سىيرەك يەر ئېلېمېنتى كېتىدىكەن، بۇ سىيرەك يەر موتور ياكى ئايروپىلان رادارى ياساشقا ئىشلىتىلىدىكەن.
يېقىندا، ئامېرىكا ئۇكرائىناغا ئاتالمىش «سىيرەك يەرنى ياردەمگە ئالماشتۇرۇش» قېزىلما بايلىق مەھسۇلاتلىرى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بۇنىڭغا جىددىي ئەگىشىپ، ئالاقىدار كېلىشىملەرنى تاپشۇرۇپ، ئۇكرائىنا بىلەن كان مەھسۇلاتلىرى جەھەتتە «ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى»نى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. 2024-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاچقۇچلۇق خام ئەشيا توغرىسىدىكى بىر تۈرلۈك قانۇننى ماقۇللىدى. بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى 2030-يىلىغا بارغاندا ئاچقۇچلۇق خام ماتېرىياللارنىڭ %10نى قېزىش، %40 نى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە %15نى يىغىۋېلىشنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە تاماملاشنى پىلانلىدى. لېكىن، ياۋروپادا سىيرەك يەر كېنىنى ئېچىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى، پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىدىن تېخىمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ، پەقەت باشقا بازارلاردىن چىقىش يولى ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.
2024-يىلى كۈزدە، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي ئۆزىنىڭ «غەلىبە پىلانى»دا ئۇكرائىنانى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جاۋابقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ قىممىتى «نەچچە تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى» بولغان قېزىلما بايلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. بۇ يىل 2-ئايدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندىرلىيىن كىيېۋدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ئۇكرائىنا دائىرىلىرىگە بىر قاتار قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ قېزىلما بايلىقلىرىنى تالىشىش مۇددىئاسىنى بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
بىرىنچىدىن، ياۋروپانىڭ ئومۇمىي بايلىقى كەمچىل، تارقىلىشى ئىنتايىن تەكشىسىز، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە قېزىلما بايلىقى مول ھەم يەنىلا غايەت زور ئېچىش بوشلۇقى بار دۆلەتلەر. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇغراپىيەلىك قولايلىق ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقە ئاساسىدا، يېقىن ئەتراپتا قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى ھەل قىلىش تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن تاللاش ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيە بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋىتى قاتمال ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنانى دوغا تىكىشكە مەجبۇر بولدى.
ئىككىنچىدىن، ياۋروپا ئېھتىياجلىق بولغان ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇكرائىناغا مەركەزلەشكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كەسىپ ئىستراتېگىيەسىگە مەسئۇل ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى ستېفانا سېژۇرنى يېقىندا ياۋروپا ئېھتىياجلىق 30 خىل ئاچقۇچلۇق خام ماتېرىيالنىڭ 21 خىلىغا ئۇكرائىنادىن ئېرىشكىلى بولىدۇ، دەپ جار سالدى. ياۋروپا-ئۇكرائىنا كېلىشىمىدىن «قوش پايدا»غا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى، ياۋروپا ئىتتىپاقى نوقۇل ئىمپورت مەنبەسىدىن قۇتۇلۇپ، قېزىلما بايلىقنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنى تۈپتىن ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ ھالقىلىق نۇقتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دانىيە گىرېنلاند ئارىلىغا كۆز تىكىشىگە قارشى تۇرۇشى ئوخشاش سەۋەبنى ئاساس قىلغان.
تۆتىنچى، ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ قاراڭغۇ ئىستىقبالى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قېزىلما بايلىقلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە مەجبۇر قىلدى. ئامېرىكا-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە جىددىي بۇرۇلۇش بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا بولغان ئالا كۆڭۈللىكىنى كۈندىن-كۈنگە ئىپادىلەۋاتىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقنى كۈچەيتىپ، دىپلوماتىيە مۇستەقىللىقى، ھەربىي ئىشلاردا ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋە ئىلغار ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە باشقا دۆلەتلەرنىڭ كەسكىن رىقابىتىگە دۇچ كەلدى. شۇڭا قېزىلما بايلىقلارنى، بولۇپمۇ ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىقلارنى ئىگىلەش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالدىن تاللايدىغان تۈرى بولۇپ قالدى. 
 
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا، ياۋروپا نېمە ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ قېزىلما بايلىقىنى تالىشىدۇ؟

ئامېرىكا، ياۋروپا نېمە ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ قېزىلما بايلىقىنى تالىشىدۇ؟