جۇڭگو ئافرىقىنىڭ سانائەتلىشىشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ياردەم بەرمەكتە
سانائەتلىشىش ئافرىقىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ سانائەتلىشىش ھەمكارلىقى جەھەتتە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. پورت ۋە كەسىپلەرنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش ... جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ھەرقايسى ساھەلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ، قاتتىق تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى قوزغىتىپ، ئافرىقىنىڭ سانائەتلىشىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ياردەم بەرمەكتە.
پورت بىلەن كەسىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنى قايتىدىن بەرپا قىلدى
ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ زېمىنى كەڭ، لېكىن سانائەت ئاساسى نىسبەتەن ئاجىز، رايون تەرەققىياتىنىڭ ماسلاشماسلىقى، تەكشى بولماسلىقى ئافرىقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىدە دۇچ كېلىۋاتقان رېئال خىرىس، ئافرىقا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭپۇڭ ئىقتىساد ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلماقتا.
جۇڭگو پورت قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (جۇڭگو پورت) ھۆددىگە ئالغان كامېرون كېربى چوڭقۇر سۇ پورتى 2-باسقۇچلۇق تۈرىنىڭ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى يېقىندا كېربى چوڭقۇر سۇ پورتى پىرىستانىدا ئۆتكۈزۈلدى. كامېروننىڭ قاتناش مىنىستىرى مۇراسىمدا مۇنداق دېدى: كېربى چوڭقۇر سۇ پورتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشى مەزكۇر دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى دەۋر ئېچىپ، مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
2018-يىلى 1-قاراردا تىجارەت باشلانغاندىن بۇيان، كېربى چوڭقۇر سۇ پورتىنىڭ مال كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %22 ئېشىپ، 60تىن ئارتۇق كارخانىنىڭ ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 6000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى ياراتتى. 2-باسقۇچلۇق پاراخوت توختىتىش ئورنىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پورتنىڭ يىللىق بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى 4 مىليون 500 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنى ئېكسپورت قىلىدىغان يادرولۇق تۈگۈنگە ئايلاندى.
بۇ يىل جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. 25 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئافرىقىنىڭ 100 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىن تاشيول، 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق تۆمۈر يول، مىڭغا يېقىن كۆۋرۈك، يۈزگە يېقىن پورتنى يېڭىدىن قۇرۇشى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلىشى، ئىقتىسادىي ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ماس تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى.
ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتى
ئانگولانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شەھەر خۇاڭبودىكى ئانگولا كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەركىزىدە 20 ياشلىق توماس دېنىس پۈتۈن زېھنى بىلەن مۇئەللىمنىڭ ماشىنا زاپچاسلىرىنى چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىماقتا. دىنىس ئانگولا-جۇڭگو قۇرۇلۇش تېخنىكا شۆيۈەنى ماشىنا-ئېلېكتىر بىر گەۋدىلەشتۈرۈش كەسپىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 76 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى. ئاساسىي دەرس ۋە خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇ پۇرسەت بولسا جۇڭگوغا بېرىپ بىلىمىنى ئاشۇرماقچى ھەمدە كارخانىدا پىراكتىكا قىلماقچى.
ئافرىقا دۇنيادىكى نوپۇس ئەڭ ياش چوڭ قۇرۇقلۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى ۋە جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى مېخانىزمىغا تايىنىپ، جۇڭگو ئافرىقىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قوللىماقتا، شۇنداقلا ئافرىقىنىڭ نوپۇس ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات پايدىسىغا ئايلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىگە ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات قوۋۋىتى قوشماقتا.
ئەنجۇڭ قۇرۇلۇش تېخنىكا شۆيۈەنىنى ۋېنجۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر ۋە كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ «كەسپىي مائارىپىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش»تىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ بىرى. 2025-يىلى 1-ئايدا، شۆيۈەن ئانگولا كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەركىزىدە ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، ھازىر 200 دىن ئارتۇق كۇرسانت تەربىيەلەندى. ۋېنجۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ سىرتقا ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىسى سۇڭ ۋۇيۈ مۇنداق دېدى: «شۆيۈەن جۇڭگو كەسپىي مائارىپىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئوقۇتۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، شۇ جاينىڭ كەسىپ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخنىكا ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ».
پەن-تېخنىكا تىپنى ئۆزگەرتىش يولىنى يورۇتماقتا
زامبىيەنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسى كابۇۋېي شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 25 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا قاتار-قاتار رەتلىك يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، جۇڭگو ئېلېكتىر قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ( جۇڭگو ئېلېكتىر قۇرۇلۇش گۇرۇھى ) ھۆددىگە ئالغان كابۇۋېي 100 مېگاۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقاتتى. زامبىيەنىڭ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بۇ يەككە يورۇقلۇق ۋولت تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلسە، بۇ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونىنى مۇقىم پاكىز توك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تۈرنىڭ سودا دىرېكتورى لى دۇڭشياڭ مۇنداق دېدى: بۇ تۈرنىڭ يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 180 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، 150 مىڭ ئائىلىنىڭ يىللىق توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، بۇ رايوننىڭ %30 توك كەمچىل بولۇش ئەھۋالىنى بىۋاسىتە پەسەيتىپ، شۇ جاينىڭ كانچىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
زامبىيەنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى ماكوزو چىكوت 3-ئايدا تۈر قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دېدى: «بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى بىزنىڭ توك توختاش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپلا قالماي، ئومۇمىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى، تېخىمۇ مۇھىمى بىزنىڭ ئېنېرگىيەدە مۇستەقىل بولۇش ئارزۇ يولىمىزنى يورۇتتى».
ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، سودا، ساياھەت، سانائەت ۋە كانچىلىق ئەزاسى ئالبېرت مۇچاڭگا مۇنداق دېدى: «يېشىل سانائەتلىشىش تاللاش سوئالى ئەمەس، بەلكى ئافرىقىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا چوقۇم جاۋاب بېرىشقا تېگىشلىك سوئال».
كېنىيە مېنېنگاي يەر ئىسسىقلىقىنى ئېچىش تۈرىنىڭ 1-قارارلىق Orpower 22 يەر ئىسسىقلىقى ئېلېكتىر ئىستانسىسى، زامبىيە تۆۋەنكى كايفۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، جەنۇبىي ئافرىقا قىزىل تاش يورۇقلۇق ئىسسىقلىقى ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئۇگاندا كارۇما سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ... جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئېنېرگىيە بوغما ھالىتىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپلا قالماي، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ سانائەتلىشىش تەرەققىياتىغا ھالقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
كېنىيەنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى كېرىل سىنئوئەي:«جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى ھەمراھلار»، دېدى.
كەسىپ ئاساسى مۇستەھكەملىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پەن-تېخنىكىدا ئۆزىنى كۈچەيتىش سالمىقى ئاشۇرۇلدى، جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئافرىقىنىڭ سانائەتلىشىشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ماڭماقتا.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت