ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

6-نۆۋەتلىك دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر رەھبەرلىرى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگونىڭ بازار پۇرسىتى قىزغىن مۇزاكىرە قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-07-02 16:02

يېقىندا شەندۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 6-نۆۋەتلىك دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر رەھبەرلىرى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى چىڭداۋ خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، 43 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 570 مېھمان يىغىنغا قاتناشتى. بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر بىلەن جۇڭگو دۇنيانى تۇتاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش» بولۇپ، بۇنىڭدا دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرگە سىياسەت جەھەتتە سۆزلىشىش، كەسىپلەرنى تۇتاشتۇرۇش، تۈرلەر ھەمكارلىقى بويىچە ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىش مەقسەت قىلىنغان.
يېڭى قىياپەتنى كۈتۈۋېلىش، دىققەتنى يېڭى ساھەگە مەركەزلەشتۈرۈش، يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش، بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا نۇرغۇن يارقىن نۇقتىلار بارلىققا كەلدى، قالتىس نەتىجىلىك بولدى، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، چەت ئەل مەبلىغىنى قارشى ئېلىشتەك ئاكتىپ سىگنال چىقارغانلىقى نامايەن قىلىندى.
«جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدىم»
كورېيە شىجيې گۇرۇھى كۆپ قېتىم باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ گۇرۇھنىڭ باشلىقى سۈن جىڭجى مۇنداق دېدى، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر رەھبەرلىرى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ئالتە نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، سىجىل ئېچىۋېتىلگەن سۆزلىشىش مېخانىزمى ئارقىلىق، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر بىلەن جۇڭگو بازىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ جۇڭگونى چۈشىنىش، جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشتىكى مۇھىم سۇپىسىغا ئايلاندى. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.
بۇ ياپونىيە مىزۇخو پۇل مۇئامىلە گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى سيجى ئىمەينىڭ ئىككىنچى قېتىم باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى. ئۇ مۇنداق دېدى، خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، دۇنيا بازىرى بىر تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىقنىڭ زەربىسىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ۋە خەلقئارالاشتۇرۇش مۇساپىسىنى قەتىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدى.
تۇنجى قېتىم يىغىنغا قاتناشقان مىسىر ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كىلىئو پاترا گۇرۇھىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئەبۇ ئەييىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىسىر بىلەن جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇش رامكىسىدا ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىپ، ئىقتىساد ـ سودا ئالاقىسى، كەسىپلەرنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «باشلىقلار يىغىنى دۆلەت ھالقىغان ھەمكارلىقنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى نامايان قىلدى، بىز جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە كەسىپ زەنجىرى ۋە قىممەت زەنجىرىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز».
ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دۆلەت ھالقىغان 28 شىركەتتىن كەلگەن 47 مېھمان ئۆمەك تەشكىللەپ يىغىنغا قاتناشتى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەل مارجان مەبلەغ سېلىش ۋە تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئابدۇل مەجىد ئەلفاھىم مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە مەن جۇڭگو نامايان قىلغان يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدىم، بىز جۇڭگو بازىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ زور پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدۇق».
«جۇڭگو بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور، كەلگۈسىگە ئىشەنچىمىز كامىل».
باشلىقلار يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان «دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر جۇڭگودا: مەبلەغ سېلىپ كەلگۈسىدە تەڭ پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىش يولىغا قايتا ئاتلىنايلى» ناملىق تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى، جۇڭگودا يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا 59 مىڭغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.9 ئاشقان، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى 116 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، چەت ئەل سودىگەرلىرى جۇڭگودا مەبلەغ سېلىپ قۇرغان كارخانا 1 مىليون 239 مىڭدىن ئېشىپ، ئەمەلىي ئىشلەتكەن چەت ئەل مەبلىغى جەمئىي 20 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.
جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يانس ئېسكىلون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە، يەنە ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بار، نۇرغۇن ياۋروپا كارخانىلىرى جۇڭگودا تەتقىقات مەركىزى تەسىس قىلىشنى تاللىدى. ئىككى تەرەپ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كاربونسىزلاشتۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن ھەمكارلىق پۇرسىتىگە ئىگە. ياۋروپا-جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ سۆزلىشىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ ھەمدە خىرىسنى ھەل قىلىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پاناسونىك ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى جۇڭگو شەرقىي شىمالىي ئاسىيا شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى جاۋ بىڭدى مۇنداق دېدى: جۇڭگو رايونىنىڭ سېتىش كىرىمى ھازىر پاناسونىك شىركىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئومۇمىي سېتىش كىرىمىنىڭ %24ىنى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگو پاناسونىك شىركىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەڭ چوڭ كەسپىي بازىسىغا ئايلاندى. جۇڭگو بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، بىزنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى.
لۇئىس جېرۈيفۇس گۇرۇھىنىڭ يەر شارى باش سودا ئەمەلدارى، قوشۇمچە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ لىدىرى جۇ شۆجۈن مۇنداق دېدى: ئادىل رىقابەت مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك، جۇڭگو دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ «مەبلەغ سېلىش مۇنبەت تۇپرىقى»، جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغانلىق. جۇ شۆجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، گۇرۇھىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگودا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، گۇاڭجۇدا فۇلىڭ يېمەكلىك پەن ـ تېخنىكا كەسپى رايونى قۇردى، شاڭخەيدە گۇرۇھ يەر شارى تەتقىقات مەركىزى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، لۇئىس جېرۈيفۇس گۇرۇھىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى سېتىش سوممىسى پۈتۈن دۇنيادىكى سېتىش سوممىسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلىدى.
شىۋېيتسارىيە كارخانىسى گىلىنكورې گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى گارى نېگېل مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇرۇھ بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى. گىلىنكورېنىڭ كەلگۈسى جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بىز ئىلگىرىكىدەكلا جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى ساقلاپ، سودا، مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىمىز.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

6-نۆۋەتلىك دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر رەھبەرلىرى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگونىڭ بازار پۇرسىتى قىزغىن مۇزاكىرە قىلىندى

يېقىندا شەندۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 6-نۆۋەتلىك دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر رەھبەرلىرى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى چىڭداۋ خەلقئارا يىغىن