يېقىندا قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرىدە رايون ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى مۇجەسسەملەندى
جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى ۋە 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا تارقىتىش يىغىنى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن كەلگەن 240 تاراتقۇ ئاقىللار ئامبىرى ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر جەم بولدى. يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار «يۇغۇرما تاراتقۇلار ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتەيلى» دېگەن تېمىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسىنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملەشتۈرۈش ھەمكارلىقى ۋە تاراتقۇ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ قارىدى.
جۇڭگو ئاممىۋى دىپلوماتىيە جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چيۇ شياۋچى سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قەدىمدىن تارتىپ يىپەك يولى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى بىر-بىرىگە زىچ باغلاپ كەلگەن. تارىختا ئىككى تەرەپ چوڭقۇر رىشتە باغلىغان، ھازىرقى زامان ھەمكارلىقى ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقىنىڭ قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ تولۇق ئۇرغۇتۇپ، دۇنيا مەدەنىيلىكىنى بايان قىلىش سىستېمىسىنى تولۇقلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە شەرقنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى قوشتى.
ئۆزبېكىستان مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھكىمىسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باشلىقى قۇجىيېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تارىخىي ئەسلىمىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى كېرەك. «بىز <يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا> دېگەن سۆزنى پۈتۈنلەي قەلبتىن ئېتىراپ قىلىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشقا كۈچ چىقىرىمىز.
دىپلوماتىيە شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شىيەن مۇنداق دېدى:«جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا روھى» جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ 2000 يىلدىن ئارتۇق دوستانە ئالاقە تارىخى ۋە جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ھەمكارلىق ئەمەلىيىتىدە يىلتىز تارتقان، شۇنداقلا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش دەۋرى ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئىككى تەرەپ ئورتاق دۇچ كەلگەن تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىك خىرىسىغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرغان.
جۇڭگو ـ ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنىڭ باش كاتىپى سۈن ۋېيدۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئورتاق زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش-«جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ھازىر جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تۇتقا قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، رايون ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرغۇچى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرگە تەرەققىيات پايدىسى ئېلىپ كېلىپ، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
رەقەملىك تېخنىكا دۇنيانىڭ تارقىتىش ئەندىزىسى، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە كەسىپ ئېكولوگىيەسىنى تېز سۈرئەتتە قايتا بەرپا قىلىۋاتىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسىنى سۇپا قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقل، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەقىل-پاراسەت تارقىتىش قاتارلىق رەقەملىك تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يېتىلدۈرۈپ، رەقەملىك كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى رۇسىيە، شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتخانىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكاز تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ جىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سۈنئىي ئەقل قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلار جۇڭگو ـ ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. سۈنئىي ئەقلنى يېتەكچى قىلغان، نەتىجىسى مول بولغان جۇڭگو ـ ئوتتۇرا ئاسىيا رەقەملىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسى تېز شەكىللىنىپ، رايون تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
لياۋنىڭ داشۆسى رۇسىيە، شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۈي جېڭ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ ئاقىللار ئامبىرى رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئەقلىي ھۆكۈمەت ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملىك يىپەك يولىنى چۆرىدەپ، كۆپ مەنبەلىك قوللىنىش مەنزىرىسى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بەرسە بولىدۇ.
«قازاقىستان ئوقەتچىلىك گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تاراتقۇلىرى رەقەملىك مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بىرلىكتە ئۆستۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات تارقىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي، ئىشەنچلىك، ھەمكارلىشىپ تەڭ بەھرىلىنىدىغان ئۇچۇر ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، رەقەملىك دەۋردىكى ئالاقە، ئۆزئارا ئىشىنىشكە پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.
مۇنبەردە، نۇرغۇن ئەزىز مېھمانلار يەنە رەقەملىك ئېتىكا قۇرۇلۇشى ۋە رەقەملىك خەۋپسىزلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئادىل، بىخەتەر، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان دۇنيا رەقەملىك ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تېخنىكىنىڭ باشتىن-ئاخىر تىنچ تەرەققىي قىلىش، مەدەنىي تەرەققىي قىلىش ئورتاق ئارزۇسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
تاراتقۇلار ھەمكارلىقى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يىپەك يولى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى مۇھىم تۇتقا. يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاراتقۇلارنىڭ مەزمۇننى ئورتاق بەرپا قىلىش، تېخنىكىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تارقىتىش كۈچى ۋە خەلقئارادىكى سۆز ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
قىرغىزىستان خەۋەر دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى سېرمېتالىيېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يىپەك يولى سودا يولى بولۇپلا قالماستىن، يەنە تىنچلىق، ھۆرمەت ۋە تەرەققىياتنىڭ سىمۋولى». جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تاراتقۇلىرى ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەلئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، شۇڭا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
تاجىكىستان ئاۋىستا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خامداموۋ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تاراتقۇلارنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىنى بىرلىكتە خەۋەر قىلغانلىقىنى ئەسلەپ: بىز تارىخنى خاتىرىلەپلا قالماي، يەنە يېزىق ۋە كۆرۈنۈش ئارقىلىق تارىخقا قاتنىشىۋاتىمىز، دېدى، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇخبىرلىرىنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشى يەككە يۆنىلىشلىك خەلق ناخشا-قوشاقلىرىنى توپلاشتىن چوڭقۇر ئورتاق بەرپا قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى، بۇ خىل يۈزلىنىش رىغبەتلەندۈرۈشكە ۋە كۈچەيتىشكە ئەرزىيدۇ.
تۈركمەنىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىلى، «تۈركمەنىستان تاشقى سىياسىتى ۋە دىپلوماتىيەسى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى جۇماقۇلىيېۋ مۇنداق دېدى: «تاراتقۇلار ئالاقىسى ئارقىلىق، بىز تونۇشنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خاتا چۈشەنچىلەرنى ئازايتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىش پۇرسىگە ئىگە بولدۇق». جۇڭگو رەقەملەشكەن ئاخبارات تەرەققىياتى جەھەتتە مول تەجرىبىلەرنى توپلىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل