ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىنى سېتىۋالغاندىن كېيىنكى تىجارەت ئىستىقبالى قانداق؟
ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىنى سېتىۋېلىشى يېقىندا رەسمىي تاماملاندى، ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتى ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىنى تولۇق مەبلەغلىك بالا شىركەتكە ئايلاندۇردى. بۇنىڭ بىلەن 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان، بىر يېرىم يىل داۋاملاشقان بۇ سېتىۋېلىش ئاخىرلاشتى. ئەمما ياپونىيە تاراتقۇلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىنى سېتىۋالغاندىن كېيىنكى تىجارەت ئىستىقبالىدىن ئانچە ئۈمىدۋار ئەمەس.
ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىنى سېتىۋېلىش جەريانىغا نەزەر سالساق، نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلار يۈز بەردى دېيىشكە بولىدۇ. 2023-يىلى 12-ئايدا ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتى 14 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى، شۇ چاغدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى باھانە قىلىپ، ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىنى سېتىۋېلىشىنى رەسمىي توسۇش توغرىسىدىكى مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويدى. 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىككى شىركەت بايدىن ۋە ئامېرىكا چەتئەل مەبلەغ سېلىش كومىتېتى قاتارلىقلارنى ئوبيېكت قىلىپ رەسمىي ئەرز سۇنۇپ، سوت مەھكىمىسىدىن بايدىننىڭ سېتىۋېلىشنى توسۇش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەمدە بۇ سېتىۋېلىش دېلوسىنى قايتىدىن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىنى سېتىۋېلىش پىلانىغا شەرتلىك يول قويدى.
بۇ مەزگىلدە تاراتقۇلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى، ، ياپونىيە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى نىيىتىدىن ياندۇرۇپ سېتىۋېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلىدى، بۇ زور سوممىلىق مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بېرىش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كېلىشىمى ئىمزالاش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئالتۇن پېيى بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاخىرىدا ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتى ھەر بىر پاينى 55 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ بارلىق پېيىنى سېتىۋېلىپ، جەمئىي 14 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتى مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئۆستۈرۈپ، ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ كونا ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغ سوممىسىنى دەسلەپكى پىلاندىكى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 11 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپەيتىپ، بارلىق مەبلەغنى 2028-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە نەقلەشتۈرۇش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتى كەلگۈسىدە يەنە يېڭى تۈرلەرگە داۋاملىق مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتى يەنە ئامېرىكا پولات ـ تۆمۈر شىركىتىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتمەسلىك: ئامېرىكا پولات-تۆمۈر باش ئىشتابىنى پىتتسبۇرگدىن يۆتكىمەسلىك؛ ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىگە مەبلەغ سېلىشتا كېلىشىمنى بۇزماسلىق، قىسقارتماسلىق، كېچىكتۈرمەسلىك؛ زاۋۇتنى تاقىماسلىق ياكى ۋاقتىنچە توختاتماسلىق ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە كارخانىنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان «ئالتۇن پاي»نى تارقىتىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىنى سېتىۋېلىشتا چىڭ تۇرۇشى كەلگۈسىگە بولغان ئۈچ ھۆكۈمدىن بولغان. بىرىنچى، ياپونىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى پولات ـ تۆمۈر بازىرى تارىيىشقا يۈزلەندى؛ ئىككىنچى، ياپونىيە پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنىڭ گۈللەنمە بازارلاردا رىقابەت كۈچى كەمچىل؛ ئۈچىنچى، ئامېرىكا پولات-تۆمۈر بازىرىنىڭ ئېھتىياجى كۈچلۈك، لېكىن ئامېرىكا پولات-تۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارى ئاجىز. سېتىۋالغاندىن كېيىن، ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتى ئامېرىكىنىڭ پولات-تۆمۈر ئۈسكۈنىلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ياپونىيە پولات-تۆمۈر كەسپىگە غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاموژنا بېجى ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئامىلنىڭ تەسىرىدە، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ئامېرىكا پولات-تۆمۈر بازىرىدا ياپونىيە بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈستۈنلۈكىنى يوقىتىدۇ.
بىراق ياپونىيە تاراتقۇلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ كەلگۈسى تىجارەت ئىستىقبالىدىن ئانچە ئۈمىدۋار ئەمەس.
بىرىنچى، ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتى ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىنى سېتىۋالغاندىن كېيىنكى مالىيە ئەھۋالى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. دەسلەپكى پىلان بويىچە، ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىنى سېتىۋېلىشىغا 14 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مەبلەغ كېتەتتى. لېكىن ھازىر ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتى 2028-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىگە يەنە 11 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەردى ھەمدە كەلگۈسىدە يەنە داۋاملىق مەبلەغ سالىدۇ.
ياپونىيەنىڭ غايەت زور مەبلەغ سېلىشىنىڭ مۇناسىپ جاۋابقا ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىكىدە غايەت زور ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت. خەلقئارا دەرىجە باھالاش ئورگىنى ئۆلچەملىك پور 5-ئايدا، بۇ قېتىمقى سېتىۋېلىش ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتىگە مالىيە يۈكى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.
ئىككىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كېلىشىمىنىڭ كونكرېت ماددىسى ۋە «ئالتۇن پېيى»نىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش دائىرىسىدە ئېنىق بولمىغان جايلار مەۋجۇت، كەلگۈسىدە ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ تىجارىتىنىڭ توسالغۇسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ياپونىيە مىئۇرا قانۇن ئىشلىرى ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى يۆ جىمېي مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق كونكرېت ئىشلىرىغا قول تىقسا، ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ تىجارەت مۇستەقىللىقى زور خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ.
ئۈچىنچى، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئەنگلىيەدىن باشقا بارلىق سودا ھەمراھلىرىدىن ئىمپورت قىلىنغان پولات-ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن %50 تاموژنا بېجى ئالىدۇ، بۇ گەرچە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى پولات - تۆمۈر ياساش سودىگەرلىرىنى قوغدىسىمۇ، لېكىن يۇقىرى پۇل پاخاللىقى قاتارلىق نۇقسانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىشى ۋە يېڭى ئاپتوموبىل سېتىشىنى چەكلەپ، ئامېرىكىنىڭ پولات-تۆمۈر ئېھتىياجىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر، ياپونىيە پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا سالغان مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىش يولى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن، دېدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى