ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۈتۈن دۇنيا ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئابرۇيىنى ئۆزى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-07-02 16:42

ئامېرىكا يېقىندا ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دىپلوماتىيە سىياسىتى» ژۇرنىلىدا، «دۇنيا ۋاشىنگتوننىڭ قوپال ۋە ھەمىشە بىر تەرەپلىمىلىك تولغان جاھانگىرلىك قىلمىشىدىن بىزار بولۇپ كەتتى» دېيىلدى.
يېقىندىن بۇيان كۆپ تۈرلۈك خەلقئارا ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىمۇ بۇ كۆز قاراشنى ئىسپاتلىدى. بۇ ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن ئايان بولۇشىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاممىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوبرازىغا بولغان باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە قوشنىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان «ياقتۇرۇش دەرىجىسى» تۆۋەنلىگەن.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئامېرىكا ئەلاچىلىقى» سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ زومىگەرلىك، مۇتتەھەملىك قىلمىشىغا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق سابىق ۋەكىلى جېۋ روبىنس پۈتۈن دۇنيا ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئابرۇيىنى ئۆزى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتە دېدى.
كۆپ تۈرلۈك خەلقئارا ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا تەختكە چىققاندىن بۇيان، دۇنيانىڭ ئامېرىكىغا بولغان قارىشى كۈنسېرى ناچارلاشقان. بولۇپمۇ مېكسىكا، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ قوشنا دۆلەتلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىناۋىتى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.
ئامېرىكا پېۋ تەتقىقات مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان ئەلرايىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار 24 دۆلەت ئىچىدە، 19 دۆلەتتىكى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق خەلقئارا ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا بولغان «ئىشەنچىسى كەمچىل» ياكى «قىلچە ئىشەنچىسى يوق» ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، مېكسىكىدىكى زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىغا «ئىشەنمەسلىك» نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، %91 كە يەتكەن، شىۋېتسىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتتىكى زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىغا «ئىشەنمەسلىك» نىسبىتىمۇ %80 تىن ئاشقان.
ئامېرىكا ئەتىگەنلىك مەسلىھەت شىركىتى يېقىندا ئېلان قىلغان ئەلرايىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئامېرىكىنى يەر شارى بويىچە ساپ ياقتۇرۇش دەرىجىسى 2024-يىلىنىڭ بېشىدىكى «مۇسبەت 20»دىن يۇقىرى بولۇشتىن تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ «مەنپىي 1.5»گە چۈشۈپ قالغان، بۇ ئۇنىڭ يەر شارى بويىچە ساپ ياقتۇرۇش دەرىجىسىنىڭ 2022-يىلى 1-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەنپىي قىممەتكە چۈشۈپ قېلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، 41 دۆلەت ئىچىدە 38 دۆلەت ئاممىسىنىڭ ئامېرىكىنى ياقتۇرۇشى تۆۋەنلىگەن. ترامپ ھۆكۈمىتى 4-ئايدا ئاتالمىش «باراۋەر تاموژنا بېجى»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ يەر شارىدىكى ئوبرازى تېخىمۇ چۈشۈپ كەتكەن.
ئەنگلىيە ۋارۋىك داشۆسىنىڭ سىياسىيشۇناسلىق تەتقىقاتچىسى سىتىۋ دۇن پۈتۈن دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر ئامېرىكا ۋە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى تېزدىن تونۇپ يەتمەكتە دەپ قارىدى. ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك يول مەسلىھەت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دۇك داۋىد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ تۈرلۈك سىياسىتى ئامېرىكىنى «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەم ئىشەنگىلى بولمايدىغان ھەمكارلىق ھەمراھى»غا ئايلاندۇرۇپ قويدى دېدى.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ترامپ ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن بۇيان كۆچمەنلەر، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد-سودا ۋە خەلقئارا ئىدارە قىلىش قاتارلىق قارالمىلاردا باشقا دۆلەتلەرگە ئۈزلۈكسىز دۈشمەنلىك قىلىپ ۋە ھۇجۇم قوزغاپ، يەر شارى ئاممىسىنىڭ ئامېرىكىنى ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە ئىشىنىش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ۋاشىنگتون ئەرەب مەركىزىنىڭ نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىسى چارلىز دۇن «ئامېرىكا ئەلاچىلىقى» سىياسىتىنىڭ دۇنياغا بولغان ھۇجۇمىنىڭ شىددەتلىك ۋە چوڭقۇر بولۇشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، بۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى دەپ كۆرسەتتى.
ترامپ ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز «توپتىن چېكىنىپ»، «كېلىشىمنى بۇزۇپ»، يەر شارى «تاموژنا بېجى ئۇرۇشى»نى قوزغىدى، ئۇنىڭ شەخسىيەتچىلىك، مەنپەئەتپەرەسلىك ۋە زومىگەرلىك، مۇتتەھەملىك قىلمىشى تولۇق ئاشكارىلاندى. بۇ ئىشلارنىڭ ئارقىسىدا، ئامېرىكىنىڭ «ئامېرىكا ئەلاچىلىقى» نامى بىلەن ئۆزىنىڭ خەلقئارا مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ئىپادىلەندى. نوم چومىسكى، روبېرت كاگېن قاتارلىق ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئامېرىكا «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ لۈكچەك دۆلەت»كە ئايلىنىپ قالدى.
ئامېرىكا «سىياسىي گېزىتى»نىڭ ياۋروپا بېتىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «ناچار»، «ئېچىنىشلىق»، «قۇرۇشتىكى مەقسىتى ئامېرىكىغا ئورا كولاش» دەپ ئاتىدى، بۇ خىل سۆزلەر ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى ئىناۋىتىنى زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتتى. ئامېرىكا يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ھەربىي چىقىمنى ئاشۇرۇش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتتى، كانادا، دانىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ زېمىنىغا ئاشكارا كۆز قىزارتتى. «ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى»نىڭ ئوبزورىدا، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ «رەھىمسىز ھەقىقىي قىياپىتى تەدرىجىي ئاشكارىلاندى» دېيىلدى. ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى بويىچە مۇئاۋىن ياردەمچىسى بېن روز ترامپ ھۆكۈمىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئۆزىنىڭ قوغداش ھەققىنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان كەسىپ دەپ قاراپ، يەر شارىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ئوبرازىنىڭ تېز سۈرئەتتە غۇلاپ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكىنىڭ يەر شارىدىكى تەسىر كۈچىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاشتى. ئامېرىكا سېتون خول داشۆسى دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى خۇاڭ يەنجۇڭ مۇنداق دېدى: ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «يىراقنى كۆرەلمەيدىغان سودىۋازلىقى» ۋە ھەممىگە ھەيۋە قىلىدىغان «ئامېرىكا ئەلاچىلىقى» ئىدىيەسى ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنى تېزلەتمەكتە.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ «خەلقئارا ۋەدىسى»گە خىلاپلىق قىلىشى ئۇنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى يەنىمۇ ۋەيران قىلدى. كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ يەر شارى ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسنى ھەل قىلىش ئارزۇسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ يوقلۇقىنى تونۇپ يەتتى.
ئامېرىكا بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقى «ئامېرىكا ئەلاچىلىقى» ئىدىيەسى يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئۇلىنى چىرىتىپ، ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچىنى كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاشتۇردى دەپ قارىدى. باشلىقلار يىغىنىنىڭ ساھىبخان دۆلىتى كانادانىڭ زۇڭلىسى كارنېي ئامېرىكىنىڭ غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ نەزىرىدىمۇ ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى يېتەكچى رولى «ئۆتمۈشكە ئايلاندى» دېدى.
خۇددى ئىسپانىيە «ئاۋانگارتلار گېزىتى»دە ئېيتىلغاندەك، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ نەزىرىدە، ئامېرىكا «مۆلچەرلەش تەس، ئۆكتەم ھەم تۇراقسىز ھەمراھ» بولۇپ قالدى. شىۋېتسىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى كارل بىلىت ماقالە ئېلان قىلىپ، دۇنيا «ئامېرىكا ئەمدى ئۇنچە مۇھىم بولمايدىغان دەۋرگە قەدەم قويماقتا» دېدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرۇغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پۈتۈن دۇنيا ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئابرۇيىنى ئۆزى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى

ئامېرىكا يېقىندا ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دىپلوماتىيە سىياسىتى» ژۇرنىلىدا، «دۇنيا ۋاشىنگتوننىڭ قوپال ۋە ھەمىشە بىر تەرەپلىمىلىك