ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات يولى
كۆك ئاسمان سۈپسۈزۈك، خەيخې دەرياسى زۇمرەتتەك چاقناپ تۇراتتى. يازنىڭ ئاخىرى، باش كۈزدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى خەيخې دەرياسى ساھىلىغا جەم بولۇپ، ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىيات پىلانىنى تۈزدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىقتىساد سودا سېلىنمىسى ۋە رەقەملىك پەن تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق گۈللىنىش يولىدا مېڭىپ، رايون تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
7-ئاينىڭ 16-كۈنى، خۇبېيدىكى لىق ماددىي ئەشيا قاچىلانغان تۇنجى «جۇڭگو- قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان» تۆمۈر يول-تاشيول بىرلەشمە تىرانسپورت خەلقئارا نۆۋەتچى پويىزى ۋۇخەن ۋۇجياشەن بېكىتىدىن يولغا چىقتى، بۇ ماللار شىنجاڭ قەشقەرگە بېرىپ تاشيول تىرانسپورتىغا ئالماشتۇرۇلۇپ، ئەركەشتام پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، ئاخىرىدا ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتكە يېتىپ بارىدۇ.
گەرچە توشۇش ئۇسۇلى يېرىم يولدا تەڭشەلگەن بولسىمۇ، لېكىن مال توشۇش باشلانغان جايدا بىر قېتىمدىلا ئىلتىماس قىلىنىپ، پۈتۈن مۇساپىدە ساندۇق ئالماشتۇرۇلمايدۇ، ئېچىلمايدۇ. نۆۋەتچى پويىزنىڭ خۇبېيدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەشيا ئوبوروت توشۇش ۋاقتى 20 كۈندىن تەخمىنەن 10 كۈنگە قىسقارتىلىپ، تىرانسپورت ھەققى ۋە سۇغۇرتا تەننەرخى %30 تېجىلىپ، جۇڭگو بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سودىسىغا يەنە يېڭى يول ئېچىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «جۇڭگو ـ قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان» تۆمۈر يول بىرلەشمە ترانسپورت خەلقئارا نۆۋەتچى پويىزى كەينى ـ كەينىدىن قاتنىدى. بۇ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇش، تۇتاشتۇرۇشنىڭ، سودا ئالاقىسىنىڭ بارغانسېرى قويۇقلاشقانلىقىنىڭ ئىنكاسى، شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رايون ھەمكارلىقىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى.
جۇڭگو ـ ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى، جۇڭگو ـ رۇسىيە نېفىت-گاز تۇرۇبىسى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ يۈرۈشۈشى ياخشى بولدى، جۇڭگو-رۇسىيە تۇڭجياڭ تۆمۈريول كۆۋرۈكى، خېيخې تاشيول كۆۋرۈكى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريول تۈرى رەسمىي باشلاندى، كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسپورت كارىدورىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارىدا تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلدى، جۇڭگو بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت قېتىم سانى سىجىل ئاشتى، جۇڭگو-رۇسىيە ھەمكارلىقىدىكى «شىمالىي قۇتۇپ تېز لىنىيەسى 1-نومۇر»دا قاتناش باشلاندى ... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسى داۋاملىق ئۆستى.
جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا كۆپ ساندىكى دۆلەتلەردىن ئۆتىدۇ، بۇ يىل 6-ئايغىچە جەمئىي 110 مىڭدىن ئارتۇق پويىز قاتناپ، رايون تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى. نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇقلۇق بىلەن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ھەمتۈرتكىلىكى، شەرق بىلەن غەربنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تورى تېز شەكىللىنىۋاتىدۇ.
قازاقىستاننىڭ كالا، قوي گۆشى، ئۆزبېكىستاننىڭ خۇرۇمى، ئافغانىستاننىڭ قاتتىق پوستلۇق مېۋىسى، پاكىستاننىڭ تىۋىتلىق شارپىسى، نېپالنىڭ چېيى، ئىراننىڭ خورمىسى ... ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش سەۋىيىسىنىڭ بارغانسېرى ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىق دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ، رايونلارنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، پۇقرالارغا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى.
2024-يىلى، جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا سوممىسى تەخمىنەن 512 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، جۇڭگونىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %8.3 ئىنى ئىگىلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سودىغا تايىنىش دەرىجىسىنىڭ بارغانسېرى ئۆرلەۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى.
كۈچ بىرلىكتە ئىش ئۆملۈكتە. جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇھىم بازىرى، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد-سودىسىنى دۇنيا بىلەن تۇتاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تۈگۈن. تيەنجىن پورتى، چىڭداۋ پورتى قاتارلىق جايلاردا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان نۇرغۇن نۆۋەتچى پويىزلار بۇ يەرگە يىغىلغان بولۇپ، دېڭىزدىكى ماللار قاچىلىنىپلا قالماي، يەنە ئىچكى قۇرۇقلۇق مەركىزىي رايونىدىكى ئالاھىدە ماللار دۇنيا بازارلىرىغا كىرگۈزۈلدى، بۇ جۇڭگو پورتلىرىنى ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەتلىرىنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق «دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى»غا ئايلاندۇردى.
«بىز دېڭىزغا يېقىن بولمىساقمۇ، لېكىن جۇڭگوغا ئوخشاش قوشنا دۆلەت بىز ئۈچۈن دېڭىز-ئوكيانغا باراۋەر» بۇ قازاقىستانلىقلارنىڭ قازاقىستان-جۇڭگو ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىغا بولغان تەسىراتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، مەبلەغ سېلىش ۋە كەسىپ ھەمكارلىق تۈرلىرى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتى، بۇ نېفىت، تەبىئىي گاز، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەرنى قاپلاپلا قالماي، يەنە يېڭى ئېنېرگىيە، يېشىل قېزىلما بايلىق، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەرنىمۇ قاپلىدى. 2025-يىلى 7ـ ئايغىچە، جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرگە سالغان مەبلىغى 84 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، ھەمكارلىق ساھەسى نېفىت، تەبىئىي گاز، قېزىلما بايلىق، پىششىقلاپ ئىشلەش، ياساش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردىن رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەرگە تەدرىجىي كېڭەيدى.
» بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو ـ قازاقىستان ئەيجۈ يېزا ئىگىلىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى، جۇڭگو- بېلارۇسىيە سانائەت رايونى، قىرغىزىستان داتكا-كېمىن توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش لىنىيەسى تۈرى، تاجىكىستان دۈشەنبە 2-نومۇرلۇق تېرمو ئېلېكتىر ئىستانسىسى، بىيادى ئۆزبېكىستان ئاپتوموبىل زاۋۇتى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى پاي قوشقان سىبۇر رۇسىيە تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتى ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى تۈرى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»نىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئەۋرىشىملىكىنىڭ دەلىلى.
ھازىر جۇڭگو قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە موڭغۇلىيەنىڭ بىرىنچى چوڭ مەبلەغ مەنبەسىگە ئايلاندى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە سالغان تۈرلۈك مەبلىغى 140 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن، يېڭىدىن ئىمزالانغان قۇرۇلۇش توختام سوممىسى 1 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بوخەي دېڭىزى، خەيخې دەرياسى ساھلىدا يەنە جەم بولۇپ، ئۆتمۈشنى يەكۈنلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى جۇڭگودىن قايتا يولغا چىقىپ، تېخىمۇ زىچ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل









