ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-07 10:58

مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش بىلەن رەڭدارلىشىدۇ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئىلىش بىلەن بېيىيدۇ.
بېلارۇسىيەنىڭ چالغۇسى «چىنبالۇڭ» بىلەن ئورۇنلانغان «يەسىمەن گۈلى»دىن قازاقىستان كۇڭزى شۆيۈەنىدىن چىققان جاراڭلىق كىتاب ئوقۇش ئاۋازىغىچە، يەنە پاكىستان لۇبەن كاسىپخانىسىدا كەسپىي ماھارەت ئۆگىتىشكىچە ...... 20 نەچچە يىل ناھايىتى ۋاقىت تېز ئۆتۈپ كەتتى، جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن قەلبداش بولۇپ، مەدەنىيەت سەنئەت، تىل مائارىپى، كەسپىي تەربىيەلەش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كۈنسايىن قويۇقلاشتى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش خۇددى رەڭگارەڭ گۈلدەك جۇلالىنىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشىدىغان، يېقىن ئۆتىدىغان قەلىب رىشتىسى بارغانسېرى چىڭىدى.
دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق. «ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەش» تىن ئىبارەت «شاڭخەي روھى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن كەلگەن، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىككە ئىگە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى خەلق ئاممىسى خۇددى ئۇرۇق-تۇغقاندەك بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتتى.
بېلارۇسىيە دۆلەتلىك گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئۆتكەندە، جۇڭگونىڭ مىللىي مۇزىكىسى «يەسىمەن گۈلى»نىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بېلارۇسىيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت-سەنئەت داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بېلارۇسىيەنىڭ چالغۇسى بىلەن «يەسىمەن گۈلى»نى ئۆزگىچە بېلارۇسىيە پۇرىقىغا ئىگە قىلىپ، جۇڭگو-بېلارۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيلىكتە ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشتەك ئىناقلىق مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.
بۇ بېلارۇسىيە دۆلەتلىك گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ بۇ يىللىق «مۇزېي كېچىسى» پائالىيىتى نەق مەيدانىدىكى كۆرۈنۈش. سارايدا سىرلانغان بويۇملار، فارفور بۇيۇملار، ياغاچ ئويما، كەشتىچىلىك، خەتتاتلىق، چاغانلىق رەسىم قاتارلىق جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىندى، يەنە خەتتاتلىق، قەغەز قىيما سەنئىتى، خەنفۇ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى دەرسى تەسىس قىلىندى.
گۈزەل-سەنئەت سارىيى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى داريا مارچېنكو مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۈزەل-سەنئەت سارىيىمىز بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، جۇڭگو تېمىسىدىكى نۇرغۇن كۆرگەزمىلەر ئۆتكۈزۈلدى، بېلارۇسىيە خەلقى جۇڭگو مەدەنىيىتىگە ئىنتايىن قىزىقىدۇ. تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق دوستلارنىڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىغا كېلىپ، بېلارۇسىيە سەنئەت مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر جۇغلانمىسىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى بارغانسېرى قويۇقلاشتى: «جۇڭگو مەدەنىيەت كۈنى» بېلارۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلدى، بېلارۇسىيە دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىدا جۇڭگو كىتاب مەركىزى تەسىس قىلىندى، 30-نۆۋەتلىك مىنىسكى خەلقئارا كىنو بايرىمىدا جۇڭگو كىنو كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو فىلىمى «چاڭئەن.چاڭئەن» مىنىسكى خەلقئارا كىنو بايرىمىنىڭ ئالىي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ بېلارۇسىيە دۆلەتلىك تىياتىرخانىسى ھەر يىلى جۇڭگوغا بېرىپ سەييارە ئويۇن قويىدۇ، بېلارۇسىيەدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە ياشلار جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ ...
جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش دولقۇنى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»نىڭ بارغانسېرى يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن «مەدەنىيەت يىلى»، «ساياھەت يىلى» ئۆتكۈزدى؛ كىنو بايرىمى، گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى، مەدەنىيەت كەسپى مۇنبىرى جانلىق ۋە تەسىرلىك بولدى؛ ئاسارئەتىقىلەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمكارلىقى، بىرلىشىپ فىلىم ئىشلەش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش قاتارلىق تۈرلەر ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلۇپ، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى خەلقنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا يېقىنلىشىشىغا تېخىمۇ كۆپ يول ھازىرلاندى.
ئىسلامابادتىكى پاكىستان مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەش مەيدانىدا، شۇ يەرلىك ناخشىچى ناتاشا بەگ «بۈيۈك جۇڭگو» دېگەن ناخشىنى خەنزۇچە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش چوڭقۇر قاتلاملىق دىپلوماتىيە. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك بولۇپ، خەلقنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ.
سىنىپتا، پرويېكتوردا خەنزۇچە خەت كارتون فىلىمى قويۇلۇۋاتتى. دوسكىغا مۇئەللىم بور بىلەن بىر بىخۇا بىر بىخۇادىن «ياخشىمۇسىز» دېگەن خەتنى يېزىۋاتاتتى، ئوقۇغۇچىلار گاھىدا مۇئەللىمگە ئەگىشىپ ئۈنلۈك ئوقۇسا، گاھىدا قەغەزگە يېزىپ مەشىق قىلاتتى. بۇلۇڭدىكى كىتاب جازىسىغا خەنزۇچە ژۇرناللار تىزىلغان بولۇپ، ھاۋادا سۇس سىياھ پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى. قۇياش نۇرى دېرىزىدىن تامدىكى جۇڭگو چىگىچى ئۈستىگە چۈشۈپ تۇراتتى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىرايىنى يورۇتۇپ تۇراتتى.
بۇ قازاقىستان فارابى دۆلەتلىك داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش دەرسخانىسى. شۆيۈەنىنىڭ جۇڭگو تەرەپ مۇدىرى دېڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ جۇڭگو-قازاقىستان ۋىزىسىنى ئۆزئارا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. نۇرغۇن كىشىلەر جۇڭگوغا بېرىپ ئوقۇشنى ئويلايدۇ.
قازاقىستانلىق خەنشۇناس، فارابى دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ خەنشۇناسلىق پىروفېسسورى فاجىما دوللېت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فارابى دۆلەتلىك داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يىلدىن-يىلغا ئۆرلەۋاتىدۇ. ئۇلار بىلىمگە ئىنتىلىش قىزغىنلىقىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تىل ۋە كەسپىي دەرسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تارقىتىدىغان ئەلچىلەرگە ئايلاندى.
دوللېت قازاقىستان بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت تىل ئوقۇتۇشى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئىلمىي ھەمكارلىق قاتارلىق ساھەلەرنى پائال كېڭەيتىپ، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش يولىنى ئاچتى. مېنىڭچە، دەل مۇشۇنداق خەلق ئاممىسى ئارىسىدا يىلتىز تارتقان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق پۇختا ئىشەنچ ئاساسىنى بەرپا قىلدى.
ئۆتكەن 24 يىلدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «دوستلار چەمبىرىكى» بارغانسېرى چوڭايدى، خەلقئارا مائارىپ ھەمكارلىقىمۇ داۋاملىق كۈچەيدى. كۇڭزى شۆيۈەنى ھۆكۈمەت تورىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن شۇ جايدا 50 كۇڭزى شۆيۈەنى قۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رۇس تىلى كەسپىگە ئىمتىھان بېرىدىغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بارغانسېرى كۆپەيگەن، تيەنجىن چەت ئەل تىلى داشۆسى دۆلەت ئىچىدە تۇنجى بولۇپ بېلارۇسىيە تىلى تولۇق كۇرس كەسپىنى ئاچتى، جۇڭگودىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر پارس تىلى، ئوردۇ تىلى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەسىس قىلدى. تىل ۋە مەدەنىيەت كۆۋرۈكى ئارقىلىق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ رىشتىسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى، قازاقىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تاشقى سىياسەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى پولات نۇرغالىيېف مۇنداق دېدى: جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى ھەمكارلىق ساھەسىگە باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئېتىراپ قىلىشنىڭ غايەت زور تەسىرىگە ئۇچرىدى. «شاڭخەي روھى» كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ئۆز ئارا ئىشىنىش ئورتاق تونۇشى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تونۇش تۇيغۇسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە رايون تەرەققىياتىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.  
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى

مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش بىلەن رەڭدارلىشىدۇ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئىلىش بىلەن بېيىيدۇ. جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.