جۇڭگو نۇرغۇن كۆرگەزمىسىلەرنى ئۆتكۈزۈپ، دۇنياغا سودا پۇرسىتى يارىتىپ بەردى
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو تۈرلۈك رايون خاراكتېرلىك كۆرگەزمىلەرنى كەينى-كەينىدىن ئۆتكۈزدى. جىلىننىڭ چاڭچۈندە ئېچىلغان 15-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي شىمالىي ئاسىيا كۆرگەزمىسىدىن باشقا، 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى كۆرگەزمىسى نىڭشيانىڭ يىنچۈەندە باشلاندى؛ 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو-موڭغۇلىيە كۆرگەزمىسى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆكخوت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى كۆرگەزمىسى ۋە خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، جۇڭگو-ئافرىقا ئىقتىساد-سودا كۆرگەزمىسى، جۇڭگو-جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسى قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى ...... جەنۇبتىن شىمالغىچە، شەرقتىن غەربكىچە بىر قاتار كۆرگەزمىلەر جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلۇپ، قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرە بارلىققا كەلدى.
مەيلى تارىخى ئۇزۇن سودا كاتتا مەرىكىسى بولسۇن ياكى ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكا كەسپى كۆرگەزمىسى بولسۇن، رايون كۆرگەزمىسى ئالاھىدە رايوننى مەۋقە قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ستېرېئولۇق كۆپ مەنبەلىك، ھاياتىي كۈچكە تولغان «كۆرگەزمە رامكىسى»نى ئورتاق شەكىللەندۈردى. بۇ سۇپىلار دۇنيا سودا پۇرسىتىنى مۇجەسسەملەيدىغان، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، جۇڭگو پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلىنىدىغان مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشماقتا.
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئالقىشقا ئېرىشىش جۇڭگو پۇرسىتىنىڭ تارتىش كۈچىدىن كەلگەن. جۇڭگودا 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بار، ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەرنىڭ كۆلىمى مۇقىم كېڭىيىپ، دۇنيادىكى يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور چوڭ بازار بولۇپ قالدى. كەلگۈسىدە رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىستېمال تىپىنى ئۆزگەرتىش سۈرئىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلىدۇ، بۇنىڭ ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىغا پايدا يەتكۈزۈدىغانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. بىرازىلىيە 247 ئاخبارات تورىنىڭ ماقالىسىدە: جۇڭگو بازىرى بىرازىلىيەنى كەڭ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، دېيىلدى. سىرىلانكا «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو بازىرىنىڭ بىزنىڭ ئەنئەنىۋى تاۋارلىرىمىزغا بولغان ئېھتىياجى داۋاملىق كۈچىيىۋاتىدۇ. جۇڭگو بازىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، تەرەققىيات پايدىسىدىن ھەمبەھرىلىنىش ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسىغا ئايلاندى، بىر قاتار رايون كۆرگەزمىلىرى ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگونى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە قىممەتلىك پۇرسەت يارىتىپ بەردى. سىرىلانكا سودا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىق تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاسانتا ساماراسىنخا مۇنداق دېدى: جۇڭگو- جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا ئىسلاھاتى ساھەسىدىكى نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايەن قىلدى، جۇڭگو جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى «تورت»ىدىن ھەمبەھرىلەنمەكتە.
بۈگۈنكى كۈندە، رايون كۆرگەزمىسى ئاللىقاچان ئەنئەنىۋى تاۋار سودىسى كاتېگورىيەسىدىن ھالقىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ۋاسىتىسىگە ئايلاندى. 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم «يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودا» ھەمكارلىقىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات يىغىنى تەسىس قىلىندى، بۇنىڭدىن مەقسەت جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى رەقەملىك ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ 15-نۆۋەتلىك جۇڭگو -شەرقىي شىمالىي ئاسىيا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم زامانىۋى كەسىپلەر سارىيى تەسىس قىلىندى، ئاپتوموبىل، سۈنئىي ھەمراھ، رېلىسلىق قاتناش، كاربون تالاسى، بىيودورىگەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى يېڭى مەھسۇلاتلار كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىگە يەتتى ... رايون كۆرگەزمىسى رايون ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ «كۆرگەزمە زالى» بولۇپلا قالماي، يەنە كەلگۈسى ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىدىغان «تەجرىبە ئېتىزى»غا ئايلىنىپ، رايون ئىچى -سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ھەمكارلىقىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. ۋېنگىرىيە ئېكسپورتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گابور يېناي مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش تەدبىرى ۋېنگىرىيەگە يېڭى ئېكسپورت پۇرسىتى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە «جۇڭگو ۋە دۇنيا بازىرىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقى ئۈچۈن دەرۋازا ئېچىپ بەردى».
بىر قاتار رايون خاراكتېرلىك كۆرگەزمىلەردە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرگە نەپ يەتكۈزۈلۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دۇنيا ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان ئورتاق پايدا ئېلىش ئەمەلىي تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلەندى. 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو-جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسىدە جەمئىي 31 مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق تۈرى ئىمزالاندى، ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 13 مىليارد 609 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن %33 ئاشتى؛ 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو -ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى كۆرگەزمىسى ۋە خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق 80 نەچچە مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىمپورت قىلىش، سېتىۋېلىش زاكاز سوممىسى 10 مىليارد 980 مىليون يۈەنگە يەتتى ...... سىلوۋېنىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مېرا خوت مۇنداق دېدى: «ھەمبەھرىلەنگەن خۇشاللىق ھەسسىلەنگەن خۇشاللىق»، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا كۆرگەزمىسى بىر مەيدان تاۋار يەرمەنكىسى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ كاتالىزاتورى. زىمبابۋې «خاتىرە گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى لاۋسون مابېنا مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئافرىقا ئىقتىساد-سودا كۆرگەزمىسى ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى، بۇ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىدۇ.
ھازىر، دۇنيا ئىقتىسادى كۆپ خىل خىرىسقا دۇچ كەلدى، بىر تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا زەربە بولدى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو ئىشىكنى داۋاملىق كەڭ ئېچىۋېتىپ، بىر قاتار رايون كۆرگەزمىلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ھەمكارلىق سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشتىكى قەتئىي پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى. كۆرگەزمىدىكى قايناق مەنزىرىمۇ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنىڭ كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. بۇ بىر تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىققا بېرىلگەن كۈچلۈك ئىنكاس.
شەرقىي شىمالىي ئاسىيادىن ئەرەب رايونىغىچە، ئافرىقىدىن ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپاغىچە، شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ كاتتا مەرىكە تاۋار ۋە تېخنىكىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن پۇرسەتتىن ھەمبەھرىلىنىش، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى. ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو رايون كۆرگەزمىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، دۇنيا بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى قۇۋۋەت، يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلمەكتە.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت









