2025-يىللىق خەلقئارا پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق ئالماشتۇرۇش مۇنبىرىگە قاتناشقان چەت ئەللىك پارلامېنت ئەزالىرى: شىنجاڭدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يىپيېڭى قىياپىتىنى كۆپ نۇقتىدىن ھېس قىلىش كېرەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-23 10:57
جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 2025-يىللىق خەلقئارا پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق ئالماشتۇرۇش مۇنبىرى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە بېيجىڭ شەھىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇنبەردە «دۇنياۋى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئورتاق تەرەققىياتنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، بەش قىتەدىن كەلگەن 60 تىن ئارتۇق چەت ئەللىك پارلامېنت ئەزاسى ۋە جۇڭگونىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە يېشىل تەرەققىيات، مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئورتاق تەرەققىيات قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىش، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى تەڭ يارىتىش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلدى.
«شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاق، ئىناق، دوستانە بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلماقتا»
چەت ئەللىك پارلامېنت ئەزالىرى شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە قەشقەر، قىزىلسۇ، ئاقسۇ، ئىلى، ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە گۇۋاھچى بولۇپ، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن ھەقىقىي قىياپەتنى چۈشىنىپ، يېشىل تەرەققىياتنىڭ جانلىق تومۇرىنى ھېس قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يىپيېڭى قىياپىتىنى كۆپ نۇقتىدىن ھېس قىلدى.
ئاقسۇدا زىيارەتتە بولغاندا، ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ، بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولغان ئىناق مەنزىرە دومىنىكانىڭ پارلامېنت باشلىقى ئىساكتا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ: بۇ تۇرمۇش مەنزىرىلىرىدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق، دوستانە، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، دېدى.
مېكسىكا كېڭەش پالاتاسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولېۋىنىسكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى شىنجاڭنىڭ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرغانلىقىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بەردى. شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە نەتىجىسى ھەممىگە ئايان، «خەلقنىڭ كىيىش-تويۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلقنىڭ ئىقتىساد جەھەتتە ئۆزىگە تايىنىشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار كىشىلىك ھوقۇقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغانلىق».
ئىتالىيە كېڭەش پالاتاسى دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لىكېرى مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر دوستانە بىللە ياشايدۇ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئەركىن، باراۋەر بولۇش، باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىش-كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلغان ئورتاق قىممەت.
لىبېرىيە ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى گايې مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى، جەمئىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى، مۇقىم ھالدا تەرەققىيات يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولغانلىقىنى، مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ھۆرمەتلەنگەنلىكىنى ۋە قوغدالغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
نامىبىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئەيپۇ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى مەھەللە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقە پونكىتىنى زىيارەت قىلغاندا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى باياشاتلاشتى، بۇ قالتىس نەتىجە. جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىش تەجرىبىسى بىزنىڭ تەتقىق قىلىش ۋە ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. مەن بۇ يەردە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ نامىبىيەلىككە ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشەندۈرىمەن.
«ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى»
ئىلگىرىكى قۇملۇقلار يېشىللىققا پۈركەندى، ئىلگىرىكى ئۈنۈمسىز يەرلەر بۈگۈنكى كۈندە مۇنبەت يەرلەرگە ئايلاندى ... 30 نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، چۆللۈك مىليون مولۇق ئېكولوگىيە ئورمان بەلبېغى ۋە باغۋەنچىلىك بازىسىغا ئۆزگەرتىلىپ، «يېشىل سەددىچىن سېپىلى» بەرپا قىلىندى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدا يارىتىلغان ئېكولوگىيەنى تۈزەش مۆجىزىسى پارلامېنت ئەزالىرىنى ھەيران قالدۇردى. دومىنىكا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئىساك كۆكيارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىلىرىنى دومىنىكىغا ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن يەنىمۇ ئۆرنەك ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2024-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ياقىسىدىكى يوچۇق ئومۇميۈزلۈك ئېتىلىپ، قۇملۇق گىرۋىكىنى ئايلىنىدىغان ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان مۇداپىئە بەلبېغى بەرپا قىلىندى. بۇ قۇرۇلۇش قۇملۇقنىڭ كېڭىيىشىنى توستى ھەمدە نەچچە يۈز مىڭ مو تېرىلغۇ يەرنى كۆپەيتىپ، يەر شارىنىڭ چۆللىشىشىنى تۈزىشىنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. نامىبىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئەيپۇ مۇنداق دېدى: نامىبىيە قۇرغاقچىلىق، يەر چۆللىشىش، سۇ بايلىقى كەمچىل بولۇشنىڭ تەسىرىگە ئاسانلا ئۇچرايدۇ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەنى تۈزەش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ.
پارلامېنت ئەزالىرى سانجى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىدىكى تىك يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە رايونى، يوپۇرماقلىق كۆكتات زاۋۇتى ئۈلگە رايونى ۋە مېۋە-كۆكتات زاۋۇتى ئۈلگە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۇغىرىش، فوتوسىنتېز ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەڭشەش-تىزگىنلەش قاتارلىق بىر قاتار يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن-تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، زىرائەتلەرنىڭ «ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرىدىغان» ئۆستۈرۈش مۇھىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، زىيارەت قىلغۇچى پارلامېنت ئەزالىرى بەس-بەستە سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇردى. ئۆزبېكىستان ئالىي كېڭىشى قانۇن چىقىرىش پالاتاسى يېزا ئىگىلىك ۋە سۇچىلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئايبېك مۇنداق دېدى: بۇ تېخنىكىلار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ سۇ تېجەپ سۇغىرىش، ئەقلىي پارنىك قاتارلىق ساھەلەردىكى يېشىل تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كورېيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى خۇڭ يىشاۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كەڭ تېرىلمە ئېنېرگىيە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. ئىگىلىشىمچە، شىنجاڭ ئېنېرگىيە ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ئارقىلىق، شەرقىي رايونلارغا پاكىز ئېنېرگىيە يەتكۈزۈۋېتىپتۇ. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، يېشىل ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېنىقكى ئىنسانلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك يولى.
بۇرۇندى پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مۇشىۋال مۇنداق دېدى: «ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. شىنجاڭنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات جەھەتتىكى تەجرىبىسى ۋە ئەقىل-پاراسىتى يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. مەن جۇڭگونىڭ <يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ بەرپا قىلىش> تەشەببۇسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن، بۇ تەشەببۇس خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىي ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىشقا پايدىلىق».
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇلل موللا









