ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىق ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-23 11:00
قەدىرلىك دوستلار، 22-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى گۇاڭشىنىڭ نەننىڭدا ئاياغلاشتى. بەش كۈن داۋاملاشقان جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى يەر شارىدىكى 60 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 3260 كارخانىنى جەلپ قىلدى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئادەم قېتىم سانى 226 مىڭغا يېتىپ، تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى. 9-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، تولۇقسىز مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىدە 700 تۈردىن ئارتۇق نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىساد-سودا بويىچە ئىمزالانغان تۈر 500 دىن، كۆپ ساھە، كۆپ خىل شەكىلدىكى نەتىجە 270 تۈردىن ئاشقان. كۆرگەزمىگە قاتناشقان نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىق ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، دوستلۇق ھەمكارلىقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا يېڭى قۇۋۋەت قوشۇلدى.
بۇ، بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا تۇيغۇسىغا تولغان جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى
جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باش كاتىپى ۋېي جاۋخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ كۆلىمى 160 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىنغان سۈنئىي ئەقىل مەخسۇس سارىيىنىڭ كۆلىمى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، بۇ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ يەككە باش تېما سارىيى بولۇپ، تەخمىنەن 1200 تۈرلۈك كۆرگەزمە بۇيۇمى كۆرگەزمە قىلىندى، سۈنئىي ئەقىل، تۆۋەن  بوشلۇق ئىقتىسادى، ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردىكى مەھسۇلاتلار بەس-بەستە بۇ يەردە كۆرگەزمە قىلىندى، مەخسۇس سارايدىكى سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 140 مىليون يۈەندىن ئاشتى.
نۆۋەتتە، گۇاڭشى دۆلەت يولغا قويغان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىش پىلانى قاتارلىق زور پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، «بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇدا تەتقىق قىلىش + گۇاڭشى توپلاشتۇرۇش + شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا قوللىنىش»تىن ئىبارەت سۈنئىي ئەقىل تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نۇرغۇن كەسىپلەرنىڭ باش ھالقىسىدىكى كارخانىلارنى ئارقا-ئارقىدىن گۇاڭشىغا ئورۇنلاشتۇردى. 22-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىنىڭ AI تەسىراتچىسى، نەننىڭ كەسپىي تېخنىكا داشۆسى سۈنئىي ئەقىل شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى سۇ خۇڭ مۇنداق دېدى: گۇاڭشى مول سۈنئىي ئەقىل ئەمەلىي مەنزىرىسىگە ئىگە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بازىرىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان تىك چوڭ مودېلنى توپلاشتۇرغىلى ۋە ماسلاشتۇرغىلى، ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرغىلى بولىدۇ.
سىنگاپور كارخانىسى كۇبېر AI تۇنجى قېتىم جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تۈرتكە بولىدىغان چېگرا ھالقىغان دېڭىز تىرانسپورتى ئەشيا ئوبوروتىنى ھەل قىلىش لايىھەسىنى نۇقتىلىق كۆرگەزمە قىلدى. بۇ كارخانىنىڭ سېتىش مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى جاڭ خۇيمىن مۇنداق دېدى: سۈنئىي ئەقىل پۈتۈن مۇساپىدە خېرىدارلارنىڭ مالنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش، پورتقا يېتىپ كەلگەندە مال چۈشۈرۈش، تاموژنا رەسمىيىتىنى تۈگىتىپ يوللاش، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق بارلىق ھالقىلاردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، چېگرا ھالقىغان تىرانسپورتنى چېگرا ئىچىدىكى تىرانسپورتقا ئوخشاش ئاددىيلاشتۇردى، ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ بازار يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد ئالاقىسى قانچە قويۇق بولسا، سۈنئىي ئەقىلنى قوللىنىشنىڭ ئىستىقبالى شۇنچە پارلاق بولىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىدە، «سۈنئىي ئەقىل +» ئارقىلىق قۇۋۋەت قوشۇلغان 44 كەسىپ تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالاندى، بۇ، ياسىمىچىلىق، مۇلازىمەتچىلىك، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. تايلاند ئاممىۋى تارقىتىش ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى ۋاچالىن سېتاكۇدان 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىدىن بۇيان ئۇدا كۆرگەزمىگە قاتناشتى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ سۈنئىي ئەقىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى ئارقىلىق سۈنئىي ئەقىلنىڭ ھەر قايسى ساھە-كەسىپلەرگە قانداق قۇۋۋەت قوشىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، سۈنئىي ئەقىلغا ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق يولىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كاتىبات باشقارمىسى مەھەللە ۋە كارخانا ئىشلىرى بۆلۈمى مەھەللە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى رۇڭرۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا تۇيغۇسىغا تولغان جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى! نۆۋەتتە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ئەنئەنىۋى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش بىلەنلا چەكلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىگە قاراپ كېڭىيىۋاتىدۇ، سۈنئىي ئەقىل ۋەكىللىكىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە قوللىنىلىشى دۇنياۋى يۈزلىنىش، مەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ بۇ يۈزلىنىشكە قۇچاق ئاچقانلىقى ھەم ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.
بىر-بىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئېھتىياجى ئۈچۈن ياخشى سۇپا ھازىرلاندى 
«بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا كۆرگەزمە رايونىدا، ليۇليەن مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلغان «ليۇيوۋيوۋ» ماركىسى كۆرگەزمە ئورنى ليۇليەن ھەۋەسكارلىرى بىلەن لىق تولدى. بۇ ماركا گۇاڭشى ئەركىن سودا رايونى چىنجۇ پورتى بۆلەك رايونى تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىغا تەۋە. كۆرگەزمە ئورنىنىڭ مەسئۇلى چۆ زۇڭيۈەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپىمىز مالايسىيە مۇساڭ شاھى ليۇليەن مېۋىسىنى گۇاڭشىغا ئىمپورت قىلىپ، ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن سېتىش، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ۋە جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونى 3.0 نۇسخىسىنىڭ يېڭى پۇرسىتى ياراتقان سىياسەت پايدىسىدىن پايدىلىنىپ، مالايسىيا مۇساڭ شاھى ليۇليەن مېۋىسىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشى بارغانسېرى قولايلاشتى، تەننەرخى يەنىمۇ تۆۋەنلىدى، بۇ خىل ھەمكارلىق ئۇسۇلى جۇڭگو ئاممىسىنى تېخىمۇ ئەرزان ليۇليەن مېۋىسى ۋە ليۇليەن مەھسۇلاتلىرىنى يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مالايسىيە ليۇليەن كەسپىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ۋېيتنامنىڭ تىراڭ نىگۇيەن رىۋايىتى ماركىلىق داڭلىق قەھۋەسى ئۇدا 22 يىل جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى. بۇ كارخانىنىڭ ئالىي بازار دىرېكتورى خۇاڭ ۋېيچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى كارخانىمىزنىڭ جۇڭگو بازىرىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىشىغا ياردەم بەردى، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ئېلىپ كەلگەن قەغەزسىز تاموژنىغا مەلۇم قىلىش ۋە باجدا ئېتىبار بېرىش، كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ تۈرتكىسىدە، كارخانىمىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگوغا كىرىشى تېخىمۇ قولايلىشىپ، سېتىش سوممىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ۋىيېتنامنىڭ يەنە بىر قەھۋە كارخانىسى كونناينىڭ كۆرگەزمە ئورنىنىڭ مەسئۇلى رۈەن چىڭخەي مۇخبىرغا، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ۋە جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونى 3.0 نۇسخىسىنىڭ جەلپ قىلىشى بىلەن، كارخانىمىز ئىككى ئايدىن كېيىن جۇڭگو بازىرىغا كىرىشنى قارار قىلدى دېدى.
جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونى 2002-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان ھەم 2010-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى ۋە دەرىجىسى ئۆستى. نۆۋەتتە، ئەركىن سودا رايونىنىڭ 3.0 نۇسخىسى سۆھبىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گاۋ جىنخۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ 3.0 نۇسخىسى قۇرۇلۇشى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ.
جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىنىڭ باش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ بىڭنەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە جەمئىي 69 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق كېلىشىم ئىمزالاپ، كامبودژا پىنومپىن-سىخانۇك پورتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، مالايسىيە شەرقىي دېڭىز قىرغىقى تۆمۈريولى قاتارلىق چوڭ تۈرلەرنى قۇرۇشقا قاتناشقان. كامبودژا ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەزىرى خۇخا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كارخانىسى كامبودژادا قۇرۇشقا قاتناشقان پىنومپىن-سىخانۇك پورتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇش تۈرلىرى شۇ جاينىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى، كامبودژا قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو بازىرىنىڭ تاللىشىنى بېيىتتى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا سېلىنمىسى قوش يۆنىلىشلىك ئاشتى، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى بىر-بىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئېھتىياجى ئۈچۈن ياخشى سەھنە ھازىرلاپ بەردى.
كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىق ئۈچۈن ئۇرۇق سېلىندى
بىرما بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىدىكى باش تېما دۆلىتى بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ كاچىن ئىشتاتى مىتكىنا شەھىرى بۇ يىللىق جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىدىكى بىرمىنىڭ «جەلپكار شەھىرى» ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى بىرما دۆلەت سارىيىدا، كاچىن ئىشتاتىدىن كەلگەن قىزلار «ميوڭزو ناخشىسى» ناملىق شوخ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلنى ئويناپ، نەق مەيداندىكى نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى. جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مودا كىيىم ھەپتىلىكى، ياش ناخشىچىلار مۇسابىقىسى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىغىنى، «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئۆرپ-ئادىتى» ناملىق كۆرۈنۈشلۈك مۇزىكىلىق ئويۇن قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىدە نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلىدى.
لائوس سانائەت ۋە سودا مىنىستىرلىقى سودا ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى كانگو جانتوفون جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا كۆپ مەيدان ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق، لائوس بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى، ئىككى تەرەپ كىشىلىرىنىڭ بېرىش-كېلىشى ۋە مەدەنىيلىكتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش-كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىققا ئۇرۇق سالىدۇ.
سىرىلانكا بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ھەمكارلىق ھەمراھى. سىرىلانكىنىڭ گۇاڭجۇدىكى باش كونسۇلى راسىنكا دامۇراگ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىنىڭ ئەھمىيىتى كۆرگەزمە مەنىسىدىن ھالقىپ كەتتى، ئۇ، مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، گۈللىنىشتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش سۇپىسى، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى گۇۋاھچىسى.
جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ياش باشلامچىلار يۇمىلاق ئۈستەل سۆزلىشىش يىغىنى جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھىم يۈرۈشلۈك پائالىيىتى. بۇ يىللىق يۇمىلاق ئۈستەل سۆزلىشىش يىغىنىدا «ياشلارنىڭ كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش-رايون كەسىپ ھەمكارلىقى ۋە ياشلار ئەمەلىيىتى» تېمىسىدىكى 1-باسقۇچلۇق جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ياش باشلامچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش پىلانى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى ئېلان قىلىندى.
گاۋ جىنخوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياشلار كەلگۈسىدىكى باشلامچىلار، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ياشلار ساھەسىنى ھەمكارلىقنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى دەپ قارايدۇ، ئالاقىدار پىلاننىڭ سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈشى-ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋىتىگە پايدىلىق.
لائوسنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى بېنتوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقان 34 يىلدىن بۇيان، رايون ھەم دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىرلىكتە مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى قاتارلىق ھەمكارلىق سۇپىسى ئارقىلىق، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى-جۇڭگو ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، رايوننىڭ ئۇزۇن مۇقىم بولۇشى، ئورتاق گۈللىنىشىگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇلىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇلل موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇربانىسا جاپپار
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىق ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى

جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىق ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى