ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شامشەيىخ باشلىقلار يىغىنى «تىنچلىق»قا تۆت سوئال بەلگىسى قالدۇرۇپ قويدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-19 10:32

نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە مىسىرنىڭ قىزىل دېڭىز ساھىلىدىكى شەھەر شامشەيىختە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، مۇھىم نوقتا غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قارالمىسىغا مەركەزلەشتى. مىسىر، ئامېرىكا، قاتار ۋە تۈركىيەدىن ئىبارەت تۆت دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ھۆججەت ئىمزالاپ، كېپىل بولغۇچى تەرەپ سالاھىيىتى بىلەن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ۋە يىغىندىن بۇرۇن ئىمزالانغان غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا نۇرغۇن گۇمان قالدۇردى. «تونېلنىڭ بېشىدىكى نۇر» تېخى كۆرۈنمىدى، «توقۇنۇشتىكى قارا قول» مۇ يوقالمىدى، ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىققا تۇتىشىدىغان يول يەنىلا ئەگرى-توقاي ۋە خەتەرلىك توسالغۇلارغا تولغان.
باشلىقلار يىغىنىدىكى ئۈچ تەپسىلات كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى
بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىر قانچە تەپسىلاتى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ۋە ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
بىرىنچى تەپسىلات، باشلىقلار يىغىنىغا پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس ۋە نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى، لېكىن غەززە توقۇنۇشىغا ئالاقىدار تەرەپ پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى ( خاماس ) ۋە ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى قاتناشمىدى. ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇھىم دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پەقەت ۋەكىل ئەۋەتىپ يىغىنغا قاتناشتى. ئىران ۋەكىل ئەۋەتمىدى.
ئىككىنچى تەپسىلات، ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، باشلىقلار يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى كۈتۈۋېلىش ئۆيىدە بىر نەچچە سائەت ساقلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ كەلگەن. ترامپ ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان «20 نۇقتىلىق پىلان»نىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ھېچقانداق كونكرېت جاۋاب بەرمىگەن، پەقەت يىغىنغا قاتناشقان بەزى رەھبەرلەر ئۇرۇشتىن كېيىن غەززەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئاتالمىش «تىنچلىق كومىتېتى»غا مەقسەتلىك قاتناشتى، دېگەن.
ئۈچىنچى تەپسىلات، ئاق ساراي ئېلان قىلغان باشلىقلار يىغىنىدا ئىمزالانغان ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھۆججەتتە غەززە توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش ھەمدە بۇ رايوننىڭ ئارزۇسىغا ئۈمىد، خەۋپسىزلىك، تىنچلىق، گۈللىنىش ئارقىلىق ئېنىقلىما بېرىش تەكىتلەنگەن. لېكىن ھۆججەتتە كونكرېت تەدبىرلەر تىلغا ئېلىنمىغان، بولۇپمۇ «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» پۈتۈنلەي تىلغا ئېلىنمىغان.
مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىردىنبىر يول. مىسىر غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا بىر مەيدان خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ.
ئوتتۇرا شەرققە قالدۇرۇلغان تۆت سوئال بەلگىسى
نۇرغۇن ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدىكى نۇرغۇن تەپسىلاتلار پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان قول تۇتىدىغان مەسىلىلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم كېيىنكى باسقۇچقا قويۇپ قويۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، باشلىقلار يىغىنى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىغا غايەت زور سوئال بەلگىسى قالدۇردى.
بىرىنچى سوئال، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشىدۇ. نۆۋەتتىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىن ئومۇميۈزلۈك ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى بەلگىلەنمىگەن. ئىسرائىلىيە رايون دىپلوماتىيە سىياسىتى تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى روئې جىبرىك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىسرائىلىيە كېيىن ناھايىتى ئاسانلا باھانە تېپىپ يەنە بىر قېتىم ھەربىي ھەرىكەت قوزغايدۇ، نىتانىياخۇ ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتۇپ قېلىنغانلارنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن يەنە قورال ئىشلىتىش ئىھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
ئىككىنچى سوئال، غەززەنى ئۇرۇشتىن كېيىن قايتا قۇرۇش قانداق قانات يايدۇرۇلىدۇ. پەلەستىنلىك تەھلىلچى خۇسام داجانى مۇنداق دېدى: ھەر قايسى تەرەپلەر ھازىر غەززەنى قايتا قۇرۇشنىڭ مەبلەغ مەنبەسى قاتارلىقلار ھەققىدە ھېچقانداق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلمىدى، يۇرت ماكانىدىن ۋە تىرىكچىلىكتىن ئايرىلغان ئىككى مىليونغا يېقىن غەززە خەلقىنىڭ جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجىنى قانداق قاندۇرۇش ئۇرۇش توختىتىلغاندىن كېيىن غەززەنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ خىرىس.
ئۈچىنچى سوئال، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەلەستىنلىك مۇتەخەسسىس ھانى ماسرى مۇنداق دېدى: ھازىر پەلەستىن ۋەكىلى توقۇنۇشتىن كېيىنكى غەززەنى ئىدارە قىلىشنىڭ سىرتىدا قالدى، بۇ غەززە بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ بۆلۈنۈشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، بۇ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تارتىۋالغانلىق بىلەن باراۋەر بولۇپ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» نىڭ ئاساسىنى چىرىتىدۇ.
تۆتىنچى گۇمان، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش رايون ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوتتۇرا شەرق مۇتەخەسسىسلىرى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئەگەر خەلقئارا جەمىيەت ئىشەنچلىك بىخەتەرلىك كاپالىتى تۇرغۇزالىسا، ئۇنداقتا بۇ قېتىمقى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ رايون جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشىدىن ئۈمىد بار. سۇرىيەلىك تەھلىلچى مۇھەممەد نادىر ئۆمەر ئۇرۇش توختىتىش بۇزۇلسا، ئۇرۇش ئوتىنىڭ تېزدىن لىۋان، سۇرىيە ۋە قىزىل دېڭىز رايونىغىچە كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى.
ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدە شۇنچە كۆپ گۇمانلارنىڭ قېلىشىدىكى تۈپ سەۋەب ئۇرۇش توختىتىشنىڭ توقۇنۇشقۇچى تەرەپلەرنىڭ ھالسىرىشى ۋە رايون سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بېسىم ئىشلىتىشىدىن بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتى ئادىل نەزەرگە  ئېلىنمىغان. مىسىر مۇتەخەسسىسى مۇستاپا ئەمىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى غەززە توقۇنۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە ئۇرۇش توختىتىش جەريانىدا، ئامېرىكا «جاللات، زاسېداتېللار ئۆمىكى ۋە سودىيە»لىك رولىنى ئوينىدى، ماھىيەتتە يەنىلا «زوراۋانلىق سىياسىيسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىپادىسى» بولدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئويلىنىشى
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: «20 نۇقتىلىق پىلان» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا بېسىم ئىشلىتىشتىن شامشەيخ باشلىقلار يىغىنى ئارقىلىق ۋەزىيەت يارىتىشقىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم ئويلاندى.
بېيجىڭ چەت ئەل تىلى داشۆسى ئەرەب شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى ليۇ چېن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكا تىنچلىق ياراتقۇچىسى ئەمەس، ئۇنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋە رايون مەسىلىسىدىكى يادرولۇق تەلىپى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، ئىككىنچى، ئىتتىپاقدىشى ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئەۋزەل ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۈچىنچى، ئەرەب دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
مىسىرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق سابىق ۋەكىلى مۇتاز خەلىل مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ رايون ئۈستۈنلۈكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە ئەرەب ئەللىرى بىلەن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئاتالمىش «ئابراھام كېلىشىمى»نى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئەمما بۇ قېتىمقى غەززە توقۇنۇشى ئامېرىكىغا يېڭى قىيىن مەسىلىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەرەب ئەللىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش جەھەتتە مىسىر ئەل ئېھرام سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى سەيىد ئوكاشا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: غەززە توقۇنۇشى ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەگە بولغان ئىشەنمەسلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، ئىسرائىلىيەنىڭ مىسىر قاتارلىق تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىغان ئەرەب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى خېلىلا جىددىيلىشىپ كەتتى. ئەرەب دۇنياسىدىكى ھالقىلىق دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستانى پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش مۇساپىسىنى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى قىلدى.
پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى. ليۇ چېن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: شامشەيخ باشلىقلار يىغىنى بىلەن غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى «تونېلنىڭ بېشىدىكى نۇر» ئەمەس. ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەسىلىنى مەنبەدىن ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر تىنچلىق مۇساپىسىدە «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» يادرو قىلىنمىسا، پەلەستىنلىكلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئادىل ھەل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنمىسا، ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. 
 تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شامشەيىخ باشلىقلار يىغىنى «تىنچلىق»قا تۆت سوئال بەلگىسى قالدۇرۇپ قويدى

نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە مىسىرنىڭ قىزىل دېڭىز ساھىلىدىكى شەھەر شامشەيىختە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، مۇھىم نوقتا غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قارالمىسىغا مەركەزلەشتى. ئەمما شامشەيىخ باشلىقلار يىغىنى «تىنچلىق»قا تۆت سوئال بەلگىسى قالدۇرۇپ قويدى.