ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ ئالتۇن دەم ئېلىش مەزگىلىدە، دۇنيا يەنە بىر «كۆچمە جۇڭگو»نى كۆردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-20 15:32
«رېكورت يارىتىلغان خادىملار يۆتكىلىشى»، «سەپەرگە چىقىش قىزغىنلىقى ئىستېمال قىزغىنلىقىنى گەۋدىلەندۈردى»، «مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسى دەم ئېلىش كۈنى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈردى»... خەلقئارا تاراتقۇلار جۇڭگونىڭ ئەمدىلا ئاياغلاشقان دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئامېرىكا «دۇنيانى ئايلىنىش» ژۇرنىلىدا: بېيجىڭدىكى گۇگۇڭ سارىيىدىن سىچۈەننىڭ جيۇجەيگۇغىچە، جۇڭگودا مىسلى كۆرۈلمىگەن ساياھەت دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، دېيىلدى. يەنە  باشقا تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: چەتئەللەردىكى نۇرغۇن قىزىق نۇقتىلىق مەنزىرىگاھلارنىڭ ھەممىسىدە خەنزۇچە سۆزلىشىۋاتقان ئاۋازلارنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ، نورۋېگىيەدىكى بىر كىچىك ئارالدا جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان ماشىنىنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپلا، پۈتۈن دۇنيا جۇڭگودا بايراملىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلىدۇ.
جۇڭگولۇقلار ئۈچۈن، بۇ يىلقى جۇڭچيۇ بايرىمى بىلەن دۆلەت بايرىمى تەڭ كېلىپ، سەككىز كۈنلۈك ئۇزۇن دەم ئېلىش شەكىللەندى. بۇ قانداق «دەرىجىدىن تاشقىرى ئالتۇن ھەپتە»؟ رايون ھالقىپ ساياھەتكە چىققانلار سانى 2 مىليارد 432 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئېشىشى مۆلچەرلەندى؛ دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى تۆت كۈنىدە نۇقتىلىق پارچە سېتىش ۋە يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.3 ئاشتى؛ 10-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 16 گىچە، دۆلەت بايرىمىلىق كىنو بېلېتى كىرىمى 1 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشتى ... سەھرا ساياھىتى، مەدەنىيەت ساياھىتى قاتارلىق يېڭى ساياھەت ئۇسۇللىرىدىن تارتىپ، «يۈك تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ ئۆچرەتتە تۇرۇش»تەك يېمەك ئىچمەك ئىستېمالىغا قەدەر، جۇڭگونىڭ ئىستېمال بازىرى خۇددى تېزلىتىش كۇنۇپكىسىنى باسقاندەك تېز ئاۋاتلاشتى. بۇ كۆپ مەنبەلىك ئىستېمال ئېكولوگىيەسىنىڭ ئارقىسىدا قانداق «يېڭى» مەنىلەر بار؟
دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يېشىل ئەقلىي ئىستېمال كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئاساسلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى تۆت كۈنىدە يېشىل ئورگانىك يېمەكلىكلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%20.1 ئاشقان، ئەقلىي ئائىلە سايمانلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%16.8 ئاشقان. بولۇپمۇ سۈنئىي ئەقل بىلەن ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، AI ئەقىل-پاراسەت يېتەكچىسى، AI مۇساپە پىلانلاش ياردەمچىسى قاتارلىقلار ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ناھىيە ئىستېمالى ئىقتىسادنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۆزگىچە كۈچ بىلەن ئاچماقتا. ئالاقىدار سۇپىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى ئالتە كۈنىدە ناھىيەلەردە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%55 ئاشقان، قۇرۇتۇش ماشىنىسى، سۇ تازىلاش ماشىنىسى، قاچا يۇيۇش ماشىنىسىدىن ئىبارەت «يېڭى ئۈچ چوڭ مەھسۇلات»نىڭ سېتىلىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80تىن كۆپرەك ئاشقان، قىسمەن رايونلارنىڭ يەر سۈپۈرۈش ماشىنا ئادىمى، چۆكمە شەكىللىك ئاشخانا ئېلېكتىر سايمانلىرىغا بولغان ئېھتىياجى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مۇلازىمەت ئىستېمالى جۇڭگو ئىستېمالىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى. بىر قېتىملىق كۆرگەزمە، بىر مەيدان ناخشا كېچىلىكى، بىر مەنزىرە نۇقتىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىستېمالنىڭ ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. كىنونى مىسالغا ئالساق، نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ كىنوچىلىقى نوقۇل بېلەت كىرىمى ئىقتىسادىدىن كۆپ مەنبەلىك ئىستېمال ئېكولوگىيەسىگە ئۆزگەردى، «بىر كىنو ئۈچۈن بىر شەھەرگە بېرىش» دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى يېڭى يۈزلىنىش بولۇپ قالدى، كىنو ئىشلەنگەن جايلار مەنزىرە تاللاش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ بارغانسېرى ئىنچىكىلىشىشى، مەنزىرىسىنىڭ بارغانسېرى موللىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىستېمال بازىرىنىڭ سۈپىتى داۋاملىق ئۆسۈپ، كۆلىمى كېڭىيىۋاتىدۇ.
ئىستېمالنىڭ «يېڭىلىنىشى» سىياسەتنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلدى. دەم ئېلىش مەزگىلىدە تازا ئالقىشلانغان «بىر كود بىلەن ئۈچ جاي (بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي)نى ساياھەت قىلىش»نى مىسالغا ئالساق، دەل ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇق نۇقتا راۋانلاشتۇرۇلغاچقا، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكىلەرنىڭ «شەھەر ھالقىپ سەپەرگە» چىقىشى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. يېقىندا، بۇ يىل تۆتىنچى تۈركۈمدە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى قوللايدىغان ئالاھىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم مەبلىغى جايلارغا چۈشۈرۈلۈپ، يېشىل، ئەقلىي مەھسۇلاتلارنىڭ تېز سۈرئەتتە پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
بۇ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئالتۇن ھەپتە»دە، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ «دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئۇچرىشىشى»يەنە بىر كۆچمە مەنزىرىگە ئايلاندى. جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر شەرقىي ئافرىقىدىكى يايلاقلار ۋە پالائۇ دېڭىز ئاستى ساياھاىتىگە يۈرۈش قىلدى، چەتئەللىك ساياھەتچىلەر بەس-بەستە جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى سەپىرىنى باشلىدى. جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مۆلچەرلىشىچە، دەم ئېلىش مەزگىلىدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن چېگرادىن كىرىپ -چىققان يولۇچى 2 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان، جۇڭگودىن ياپونىيە، كورېيە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ساياھەتكە بارغانلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشقان. جۇڭگونىڭ رۇسىيەگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئالاقىدار سۇپىلاردا رۇسىيەلىك يولۇچىلارنىڭ چېگرادىن كىرىش زاكاز مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %75 ئاشقان. «تايلاند TTR ھەپتىلىك ژۇرنىلى» قاتارلىق تاراتقۇلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دەم ئېلىشنىڭ ئەھمىيىتى ساندىلا ئەمەس، ئۇ يەنە جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە يۆتكىلىشچانلىقىنىڭ ئاشقانلىقىغا سىمۋول قىلىنىدۇ؛ جۇڭگونىڭ ساياھەت دولقۇنى دەل كەلگۈسىدە ساياھەتچىلىكنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىدىكى سىگنال.
جۇڭگونىڭ «قوش بايرام ئىقتىسادى»نىڭ ئىستېمال ھاياتىي كۈچى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئېلاستىكلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. يېقىندا، دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرى نەزىرىنى بەش-بەستە جۇڭگوغا قاراتتى، چەت ئەل مەبلىغى داۋاملىق كۆپەيدى، A پېيى، شياڭگاڭ پېيى بازىرى ئومۇميۈزلۈك جانلاندى. 10-ئاينىڭ7-كۈنى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز بولۇش ۋە ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، 2026-يىللىق دۇنيا مال سودىسىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى %1.8 تىن %0.5 كە چۈشۈرۈش قارار قىلىندى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا جۇڭگونىڭ مال سودا ئىمپورت ئېكسپورتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%3.5 ئاشتى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%5.3 ئاشتى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو سودا قاتارلىق يوللار ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ، «پۇختا تىرەك»كە ئىگە قىلدى.
جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىمى ۋە جۇڭچيۇ بايرىملىق دەم ئېلىشىدىن ئىبارەت بۇ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئالتۇن ھەپتە» ئارقىلىق، دۇنيا تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇمكىنچىلىكنى كۆردى. دەل مۇشۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تاموژنا بېجى تەدبىرى ئارقا-ئارقىدىن كۈچكە ئىگە بولدى، جۇڭگو بولسا يېڭى ئېچىۋېتىش پۇرسىتى ئۈستىدە كېڭىشىۋاتىدۇ. 10-ئايدا، ج ك پ 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىپ، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىنىدۇ ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىنىدۇ؛ 11-ئايدىكى، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ، نەچچە ئون دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات دۆلەت ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى، 110 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن 3200 دىن ئارتۇق كارخانا كارخانا سودا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. دۆلەت ھالقىغان نۇرغۇن كارخانىلار ئېيتقاندەك، جۇڭگونىڭ كۆپ مەنبەلىك بازىرى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ، بۇ غايەت زور سودا پۇرسىتىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. 

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ ئالتۇن دەم ئېلىش مەزگىلىدە، دۇنيا يەنە بىر «كۆچمە جۇڭگو»نى كۆردى

بۇ ئالتۇن دەم ئېلىش مەزگىلىدە، دۇنيا يەنە بىر «كۆچمە جۇڭگو»نى كۆردى