ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇ پىسخىك جەھەتتىن يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەپ ئاھالىلەرنىڭ ئەندىشىلىرىنى پەسەيتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:دىلدار ئابدۇرېھىم|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-01 17:31

ئاسىيە ئابدۇرېشىت ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇلاقتاغ رايونى زېڭئەنجې مەھەللە ئىش باشقارمىسى سەنرۇڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە ئۇ ئاھالىلەرنى پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۆپچىلىكنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلدى. ئۇلار تۇرۇشلۇق مەھەللىدە ئاھالىلەر بىر قەدەر كۆپ، ياشانغانلار ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار كۆپ بولغاچقا، ئاسىيە ئابدۇرېشىت ھەركۈنى دېگۈدەك ھەر قايسى دوختۇرخانا-دورىخانىلاردا چېپىپ يۈرۈپ پۈتۈن مەھەللىدىكى ئاھالىلەرگە لازىملىق دورىلارنى سېتىۋېلىپ تارقىتىپ بەردى، خېلى كوپ ئاھالىلەرگە ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ دورا ئەكېلىپ بېرىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە مۇيەسسەر بولدى.

ئاسىيە ئابدۇرېشىت ئاھالىلەرگە دورا ئېلىپ بېرىش جەريانىدا بەزى ئاھالىلەرنىڭ كەيپىياتىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى بايقاپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۆگەنگەن پىسخىكا بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ، شۇنداقلا بەزى دوختۇر دوستلىرىنىڭ ياردىمى ۋە يېتەكچىلىكىدە ئاھالىلەرگە پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم قىلدى ھەم ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىپ، دەردىگە دەرمان بولدى.

ئاسىيە 13-قەۋەت 5-ئويدە ئولتۇرۇشلۇق بىر موماينىڭ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلىقى، ئۆزىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەر كۈنى مومايغا چۈشلۈك تاماق ئەكىرىپ بېرىپ، موماينىڭ ھالىدىن كۈندە دېگۈدەك خەۋەر ئالدى.

ئاسىيە مۇنداق دېدى: مەن ئۇنىڭغا ھازىرقى قىيىنچىلىق ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مەن سىزگە ھەر كۈنى تاماق ئەكىرىپ بېرىمەن، ھەر قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بولسا ماڭا تېلېفون بېرىڭ، مەن دەرھال يېنىڭىزغا پەيدا بولىمەن دېدىم، شۇنىڭ بىلەن موماينىڭ ئىشەنچىسى ئېشىپ، كەيپىياتىمۇ خېلى تۇراقلاشتى.

ئىگىلىنىشچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە ئاسىيە ئابدۇرېشىت ئاھالىلەرگە دورا ئەكىرىپ بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئاھالىلەرنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىگە ياردەم بەرگەن. ئادەتتە ئۇ تېلېفون ئارقىلىق نۇرغۇن ئاھالىلەر بىلەن مۇڭدىشىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇشىغا ياردەم بەرگەن.

ئاسىيە ئابدۇرېشىت مۇنداق دېدى: ئاھالىلەر خىزمىتى پەقەت ئۇلارنىڭ ماددىي تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشلا بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشتۇر. ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش، ئۇلارنى ئاكتىپ پوزىتسىيەگە ئىگە قىلىش، ئۆيىدە ئولتۇرۇپ يۇقۇملۇق كېسەللىكىگە تاقابىل تۇرۇۋاتقان ئاھالىلەرنى خاتىرجەم قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش بىزدەك خىزمەت ئەترىتىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى.



中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۇ پىسخىك جەھەتتىن يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەپ ئاھالىلەرنىڭ ئەندىشىلىرىنى پەسەيتتى

ئاسىيە ئابدۇرېشىت ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇلاقتاغ رايونى زېڭئەنجې مەھەللە ئىش باشقارمىسى