ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدىكى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراس ۋارىسلىرى بېيىش يېڭى ناخشىسىنى يېزىپ قالدۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-17 16:43

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى ئىچېرىق بازىرى جاي كەنتى يىراق-يېقىنغا داڭلىق ئاز سانلىق مىللەت چالغۇسى ياساش كەنتى. كەنتتىكى 290 دىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنىڭ ئاساسلىق كەسپى چالغۇ ياساش بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن چالغۇ ياساش ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرى بار.

توقسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى سى لىلى مۇنداق دېدى: 300 نەچچە يىل ئىلگىرىلا جاي كەنتىدىكى دېھقانلار چالغۇ ياساشنى باشلىغان.

نۆۋەتتە كەنتتە بىر نەپەر دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى، بەش نەپەر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى بار.

دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋارىسى ھېيت ئىمىننىڭ ئىشخانىسى چالغۇ مۇزېيىغا ئوخشايدۇ. بۇ يەردە ھەر خىل رەڭلىك، ھەر خىل تىپتىكى دۇتار، غېجەك، راۋاب قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇلىرى بار. ئۇ 15 يېشىدىن باشلاپ بوۋىسى ۋە دادىسىغا ئەگىشىپ چالغۇ ياساشنى ئۆگەنگەن، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك چېنىقىش ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈندە بارلىق ئۇيغۇر چالغۇلىرىنى ياساش ھۈنەر سەنئىتىنى پىششىق ئىگىلىۋالدى.

كەنتتە ھېيت ئىمىن باشقا بىر نەچچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسى بىلەن ھۈنەر-سەنئەت تارقاتقۇچى بولۇپلا قالماي، يەنە بېيىش باشلامچىسى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئۇ 200دىن ئارتۇق شاگىرت تەربىيەلەپ چىققان بولۇپ، نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن بۇ يېزا ياشلىرى نەچچە يىل ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئاساسىي جەھەتتىن چالغۇ ياساش، رېمونت قىلىش، مۇزىكا ئورۇنداش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرغان. شاگىرت تۇردى نۇردۇن مۇنداق دېدى: مەن چالغۇ ياساشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇم، مەن بۇ ھۈنەر-سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى نەپكە ئېرىشتۈرىمەن.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ماركىسىنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنتنىڭ ئالاھىدە ھۈنەر-سەنئىتى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جاي كەنتى چالغۇ ياساش دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قۇردى. كوپىراتىپنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللا ئىبراھىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەيداننى كەنت تەمىنلەيدۇ، زاۋۇت بىناسى قۇرۇلۇشى خىراجىتى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن چىقىرىلىدۇ، كەنتتىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرى ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر-سەنئىتىنى ئۆگىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ، ئەتراپتىكى 60 تىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى بۇ يەردە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى. ھازىر كوپىراتىپنىڭ يىللىق تىجارەت سوممىسى ئۈچ مىليون يۈەندىن ئېشىپ، بارلىق خىزمەتچىلەر نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭدىكى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراس ۋارىسلىرى بېيىش يېڭى ناخشىسىنى يېزىپ قالدۇردى

شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى ئىچېرىق بازىرى جاي كەنتى يىراق-يېقىنغا داڭلىق ئاز سانلىق مىللەت چالغۇسى ياساش كەنتى.