ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۈرۈمچىدىكى كۆپلىگەن تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى چاغان مەزگىلىدە نورمال تىجارەت قىلىدۇ

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-22 17:29

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى توردىن چاغانلىق مال سېتىۋېلىشقا باشلىدى. 19-يانۋار مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پوچتا، تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىدىن ئىگىلىشىچە، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، چاغان مەزگىلىدە نۇرغۇن كارخانا يوللانمىلارنى نورمال قوبۇل قىلالايدىكەن.

«چاغان مەزگىلىدە نورمال تىجارەت قىلىمىز، تېز يوللانمىلارنى نورمال يەتكۈزگىلى بولىدۇ.» دېدى شىنجاڭ شۈنفېڭ تېز توشۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاممىۋى ئىشلار باش نازارەتچىسى لى شوۋگو.

جىڭدۇڭ گۇرۇھىنىڭ غەربىي شىمال رايونى ئاممىۋى ئىشلار باش نازارەتچىسى مۇيەسسەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چاغان مەزگىلىدە جىڭدۇڭ تېز يوللانمىلىرى ئۈرۈمچىدە نورمال يەتكۈزۈلۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش تەدبىرلىرى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىكەن، ئۈرۈمچىدىكى 60قا يېقىن نۇقتىدىكى 1700دىن ئارتۇق خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى خىزمەت ئورنىدا بولىدىكەن، تېز يەتكۈزۈش خادىملىرىنىڭ ھەممىسى خىزمەت ئورنىدا چاغان ئۆتكۈزىدىكەن، «ئۈرۈمچىدىن باشقا شەھەرلەردىكى تور نۇقتىلىرى چاغاننىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە ئارام ئالىدۇ، چاغاننىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ نورمال تىجارەت قىلىدۇ».

مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو پوچتىسى يىل بويى دەم ئالمايدىكەن، بۇ شىركەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر، پوچتا توشۇش ئاپتوموبىللىرى، ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرى شۇنداقلا پوچتا يوللانمىلىرى قاتارلىقلارغا قارىتا قاتتىق بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە دېزىنفېكسىيەلەش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، خادىم، ئاپتوموبىل، پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، چاغان مەزگىلىدە شەھەر ئاھالىسىنى نورمال يوللانما قوبۇل قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۈرۈمچىدىكى كۆپلىگەن تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى چاغان مەزگىلىدە نورمال تىجارەت قىلىدۇ

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى توردىن چاغانلىق مال سېتىۋېلىشقا باشلىدى.