ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېڭى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-29 09:45

​چېن چۈەنگو يېتەكلەپ قەسەم بەردى
​شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى 

22-ئىيۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ رەھبەرلىرى 8-ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىغا كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئۆگەندى، يېڭى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىللە پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، 22-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىرى 8-ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىغا كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئۆگەندى، يېڭى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىللە پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، قىزىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەنىۋى قان تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، غايە - ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

شەۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، ياڭ چېڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، تيەن شياڭلى، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

8-ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى، «山» خېتى شەكىللىك قۇرۇلۇشنىڭ ئۈستىنكى قىسمىدىكى قىزىل بەش يۇلتۇز كۆزنى قاماشتۇراتتى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار خاتىرە سارىيىغا كىرىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئەمەلىي، جانلىق تارىخىي سۈرەتلەر، قىممەتلىك ھۆججەت ۋە ئەمەلىي بۇيۇملار، تىللاردا داستان بولغۇدەك ئىنقىلابىي ھېكايىلەر جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن شىنجاڭدا تىز پۈكمەي ئىنقىلاب قىلىش ۋە كۈرەش قىلىشنى قانات يايدۇرغانلىقىدەك ئاجايىپ تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك قايتا نامايان قىلدى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، ئارىلاپ-ئارىلاپ قەدىمىنى توختىتىپ زېھىن قويۇپ تەپسىلىي كۆرۈپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سوراپ، پارتىيەمىزنىڭ قالتىس ئىنقىلابىي مۇساپىسىنى قايتا ئەسلەپ، چوڭقۇر قىزىل روھنى ھېس قىلدى.

ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار خاتىرە ساراينىڭ 1-قەۋىتىدىكى زالغا كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى ئالدىدا، چېن چۈەنگو تەنتەنىلىك ھالدا ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، يېڭى پارتىيە ئەزالىرىنى يېتەكلەپ پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بەردى، ئاپتونوم رايوندىكى رەھبىرىي يولداشلارنى يېتەكلەپ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى، جاراڭلىق ھەم كۈچلۈك قەسەم ئاۋازى چوڭ زالدا ياڭرىدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەمىزنىڭ تارىخى جۇڭگونىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندىن بۇيانقى تارىخىنىڭ ئەڭ تىللاردا داستان بولغان سەھىپىسى. 100 يىللىق داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا، پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ يولنى ئېچىپ، ئۇلۇغ تۆھپە يارىتىپ، ئۇلۇغ روھنى تاۋلاپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان مۆجىزىلەرنى ياراتتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بىز قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىز كېرەك.

چېن چۈەنگو يېڭى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، قىسمەن يېڭى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېڭى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

​چېن چۈەنگو يېتەكلەپ قەسەم بەردى ​شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى