ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-25 09:28

  شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر توپىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

  ئۈرۈمچى گەنچۈەنباۋ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، سىلىتسىيلىق يېڭى ماتېرىيال كارخانىسىنىڭ بارلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ، بىر مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالى چوڭ زاكىزىنى جىددىي ئىشلەپچىقارماقتا ئىدى. بۇ كارخانا تېخنىكىدا ئۈزلۈكسىز ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، خام ماتېرىيال كىۋارتىستىن سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان سىلىتسىيغىچە، ئاندىن ئىككىلەمچى مەھسۇلات قۇياش ئېنېرگىيەسى يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىغىچە تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  شىنجاڭ دىققەتنى يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، 10 مىليارد يۈەنلىك كەسىپ تەرەققىياتى سېلىنمىسى يېتەكلەش فوندى ۋە 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتى لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۇقتىلىق كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشلامچى كارخانىلار باشلامچى بولۇپ ئالىي مەكتەپ، پەن-تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، باش-ئاياغ ھالقىدىكى كارخانىلار بىلەن يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى تەشكىللەپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش يولىنى ئېچىشقا رىغبەتلەندۈردى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى گەنچۈەنباۋ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، يېڭى ماتېرىياللارنىڭ باش-ئاياغ ھالقىدىكى كارخانىلار 100 گە يېقىنلاشتى.

  پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، بۇ يىل شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار، قەشقەر قاتارلىق بىر تۈركۈم 10 مىليون كىلوۋاتلىق يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى ۋە ئۈرۈمچى، ئىلى قاتارلىق ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپى بويىچە تۆت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاليۇمىن، مىس قاتارلىق يېڭى ماتېرىيال كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى، يۇقىرى توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش، يېڭى تىپتىكى دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى قاتارلىق ئىلغار ياسىمىچىلىقنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

  تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلەتتى

شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر توپىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.