ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

31-مارتتىن باشلاپ، بۇ ئاۋىياتسىيە شىركىتى شىنجاڭدا يېڭىدىن 13 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىدۇ

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-27 15:32

31-مارتتىن باشلاپ

خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا

كورلا-ئالتاي

ئاقسۇ-موڭغۇلكۈرە-كۆكتوقاي

كورلا-موڭغۇلكۈرە-چۆچەك قاتارلىق 13 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىدۇ

بۇ چاغدا

بۇ شىركەت ئىشقا كىرىشتۈرگەن شىنجاڭ ئايروپورتىغا كىرىپ چىقىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 38گە يېتىدۇ

خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى يېقىندا يېڭىدىن ئاچىدىغان 13 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تۆۋەندىكىچە: ئاقسۇ-كۇچا-ئالتاي، كورلا-ئالتاي، ئاقسۇ-موڭغۇلكۈرە-كۆكتوقاي، كورلا-موڭغۇلكۈرە-چۆچەك، قەشقەر-موڭغۇلكۈرە-بۇرچىن، قەشقەر-كېرىيە، چۇڭچىڭ-ئۈرۈمچى، كورلا-بورتالا-قاراماي، قەشقەر-غۇلجا-قومۇل، قەشقەر-يەكەن-غۇلجا، شىخەنزە-ئارال-تۇمشۇق، قەشقەر-ئارال-ئاقسۇ، ئاقسۇ-كۇچا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ شىركەت يەنە ئاقسۇ-كورلا-قومۇل، ئاقسۇ-غۇلجا-چۆچەك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ، شىئەن-كورلا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قاتناش باشلىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى: كورلا-قاراماي-غۇلجا، ئاقسۇ-خوتەن، ئاقسۇ-تۇمشۇق-قەشقەر، غۇلجا-كۇچا-قەشقەر، كورلا-كۇچا-قەشقەر، كورلا-كېرىيە-خوتەن، قەشقەر-كېرىيە-خوتەن، ئاقسۇ-يەكەن-خوتەن، كورلا-چەرچەن-خوتەن، ئاقسۇ-كۇچا-شىخەنزە، خوتەن-كۇچا-غۇلجا، چۇڭچىڭ-ئاقسۇ، چۇڭچىڭ-كورلا، كورلا-شىخەنزە قاتارلىق 24 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بار.

خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى

«دىيەنساڭ ساياھەت ئەڭ ياخشى لىنىيەسىنى تاللاش» ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسىدا

كۆپ خىل ئايروپىلان بېلىتى يۈرۈشلۈك بېلەت مەھسۇلاتلىرىنى يولغا قويدى

مەنزىل شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن ساياھەت شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

ساياھەتكە چىقىشنى پىلانلىغان يولۇچىلارغا

كۆپ خىل تاللاش ۋە قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ

خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى كورلا لىچېڭ ئايرودۇرۇمىدا ئۇچۇشنى كۈتۈپ تۇرماقتا. سۈرەتنى ۋاڭ لىن تەمىنلىگەن

دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر

ئۇزاقتىن بۇيان تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن

خۇاشيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ

مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ

يولۇچىلارنى

تېخىمۇ مول سەپەرگە چىقىش تاللىشى ۋە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش ئىسىل تەسىراتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

31-مارتتىن باشلاپ، بۇ ئاۋىياتسىيە شىركىتى شىنجاڭدا يېڭىدىن 13 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىدۇ

بۇ شىركەت ئىشقا كىرىشتۈرگەن شىنجاڭ ئايروپورتىغا كىرىپ چىقىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 38گە يېتىدۇ