شىنجاڭدا 1-پەسىلدە ساياھەتچى سانى ۋە ساياھەت كىرىمىدە قوش ئېشىش يارىتىلدى
ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىرىنچى پەسىلدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ساياھەت بازىرىنىڭ كىرىمى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %50 ئاشقان. ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا كېلىپ باھار مەنزىرىسىنى ھېس قىلغان.
يېقىندا «2024-يىللىق 15-نۆۋەتلىك جۇڭگو كۈنەس.نارات ئۆرۈك چېچىكى مەدەنىيەت-ساياھەت پەسلى» پائالىيىتى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى، مەدەنىيەت-ساياھەت پەسلى «ئۆرۈك غۇنچىسى ئارقىلىق باھارنى ئويغىتىش» مۇزىكا كېچىلىكى، «خۇافۇ تىياتىرى باھارى» كۆركى قاتارلىق 15 تۈرلۈك پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جياڭسۇنىڭ چاڭجۇدىن كەلگەن ساياھەتچى جياڭ سەيچۇ 170 كىشىلىك ساياھەت ئۆمىكىگە ئەگىشىپ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كەلگەن بولۇپ، گۈزەل مەنزىرە ئۇنىڭ روھىنى كۆتۈردى.
ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت تەسىراتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، كۈنەس ناھىيەسى نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى مەنزىرە رايونىغا جەمئىي 32 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى ھەم ناھىيەدىكى بارلىق A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. ئىلى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چۇڭ جىڭ مۇنداق دېدى: ئىلى ئوبلاستىدا 4-ئايدا ئۆرۈك چېچىكى، ياۋا گۈلسامساق، 5-ئايدا ياۋا ئالما چېچىكى، كۈركۈم گۈلى، 6-ئايدا تىيانشان زاراڭزىسى ۋە شەھدان گۈللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىدۇ. بىز مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 100 مىليارد يۈەنلىك ساياھەت كەسپىنى بەرپا قىلىمىز.
شىنجاڭ قۇمۇل يارداڭ داخەيداۋ مەنزىرە رايونىدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەر چۆل-جەزىرىلەردە سەيلە قىلىپ، ھەيۋەتلىك، غەلىتە يارداڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدى. گۇاڭدۇڭلۇق ساياھەتچى سۇ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرغان. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە شىنجاڭنىڭ ھەر بىر پەسلىنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىكى بار ئىكەن.
ئەتىيازلىق ساياھەت دولقۇنىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، قۇمۇل يارداڭ داخەيداۋ مەنزىرە رايونى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىچكى ئەسلىھەلىرىنى ئاسراپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دالا ئاپتوموبىلى ئىجارىگە ئېلىش ۋە ساياھەت سۈرەتكە تارتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قاندۇردى. مەنزىرە رايونى تىجارەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋۇ چيۇيۈنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەرگە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب 300-400 ئاپتوموبىلدا مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى كېلىدىكەن، ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىش كەسپىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەن.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 41 مىليون 13 مىڭ 300 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %15.88 ئاشقان؛ ساياھەتچىلىك كىرىمى 43 مىليارد 744 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %53.8 ئېشىپ، تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى