ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدا مېۋە ئېكسپورتى بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان مېۋىلىك باغ 205كە يەتتى

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-16 09:38

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازىرىنى ئېچىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتقان، نۆۋەتتە، مېۋە ئېكسپورتى بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان مېۋىلىك باغ 205كە يەتكەن بولۇپ، ئۈزۈم، ئالما، قوغۇن، شىنمېي، شاپتۇل قاتارلىق ئون نەچچە خىل مېۋە تۈرىگە چېتىلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدا مېۋە ئېكسپورتى بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان مېۋىلىك باغلار ئاساسلىقى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى ھەمدە شىخەنزە شەھىرى قاتارلىق جايلارغا مەركەزلەشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈزۈم ئېكسپورت قىلىنىدىغان مېۋىلىك باغلار مېۋە ئېكسپورت قىلىش بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان مېۋىلىك باغ ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىغا يېقىننى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى يول بويىدىكى شەھەرلەرگە تارقالغان، سانجى شەھىرى بىلەن شىخەنزە شەھىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھۆل ئۈزۈم ئېكسپورتى مەركەزلەشكەن رايون؛ كورلا نەشپۈتى ئېكسپورت قىلىنىدىغان مېۋىلىك باغلار بايىنغولىن ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە تارقالغان؛ ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىدىغان مېۋىلىك باغلىرىنىڭ تۈرى كۆپ خىل بولۇپ، گىلاس، شىنمېي، ئۆرۈك، ئاق نەشپۈت، ئۈزۈم، ئالما قاتارلىق كۆپ خىل سورتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قورغاس پورتى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بۇ ئوبلاست شىنجاڭ مېۋە ئېكسپورت قىلىش بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان مېۋىلىك باغ ئەڭ كۆپ رايون بولۇپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا، قوغۇن ئېكسپورت قىلىنىدىغان مېۋىلىك باغ قومۇل شەھىرى ۋە تۇرپان شەھىرىگە مەركەزلەشكەن، جىغان ئېكسپورت قىلىنىدىغان مېۋىلىك باغ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىگە جايلاشقان، شىنمېي ئېكسپورت قىلىنىدىغان مېۋىلىك باغ پەيزاۋات ناھىيەسىگە مەركەزلەشكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خاس مېۋىلىك دەرەخ بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مېۋىلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئېكسپورت قىلىنىدىغان مېۋە بازىسى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىش، مېۋىچىلىك ئېكسپورت كارخانىلىرىنى زورايتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، مېۋىلەرنى سىرتقا سېتىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. ھەرقايسى جايلار «ئىككى مەھسۇلات، بىر بەلگە» «مېۋە ئېكسپورت قىلىش بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان مېۋىلىك باغ»نى تۇتقا قىلىپ، يېشىل، ئورگانىك، ئەلا سۈپەتلىك مېۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا مېۋە تۈرىدىكى يېشىل مەھسۇلات ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن كارخانا 81گە ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن كارخانا 322گە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن كارخانا 28گە يەتتى. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا ئېكسپورت قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە مېۋىچىلىك كارخانىسى 300دىن ئېشىپ، كارخانا سانى 2022 ـ يىلىدىكىدىن %30تىن كۆپرەك ئاشتى.

بۇ يىل، شىنجاڭ كارخانىلارنىڭ چەت ئەللەردە شۆبە شىركەت قۇرۇشى، ئالدىنقى ئامبار تەسىس قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش ئارقىلىق، باغۋەنچىلىكتە كۆچەت يېتىشتۈرۈش، تىكىش، پىششىقلاش، سېتىش، ماركا قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە چەت ئەللەردىكى ئىلغار كارخانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مېۋىچىلىك كارخانىلىرىنى خەلقئارا كۆرگەزمىلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، شىنجاڭ مېۋىلىرىنى سىرتقا سېتىش يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىدۇ.

2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش كۆلىمى 18 مىليون 160 مىڭ مو(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)غا يېتىپ، ھوسۇلى 8 مىليون 760 مىڭ توننا بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتى 60 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭدا مېۋە ئېكسپورتى بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان مېۋىلىك باغ 205كە يەتتى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خاس مېۋىلىك دەرەخ بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مېۋىلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئېكسپورت قىلىنىدىغان مېۋە بازىسى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىش،