ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاپتونوم رايون بويىچە چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ يوپۇقى ئېچىلد

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-27 08:41
  25-ئاپرېل، ئاپتونوم رايون بويىچە چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ كېلىشىم ئىمزالاش، يوپۇق ئېچىش ھەم تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى.

  شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى بىلەن جۇڭگو-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارا ئەدلىيە جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش بويىچە تەربىيەلەش بازىسى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، جۇڭگو-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارا ئەدلىيە جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش بويىچە تەربىيەلەش بازىسى چەت ئەلگە ئالاقىدار ئىختىساسلىقلار تەتقىقات خاراكتېرىدىكى بىلىم ئاشۇرۇش مەركىزى(ئۈرۈمچى)نى ئورتاق قۇردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى بىلەن چىڭداۋ داشۆ ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، جۇڭگو-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىساد-سودا شۆيۈەنى ئۈرۈمچى چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق بويىچە تەربىيەلەش مەركىزىنى ئورتاق قۇردى. چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ھەر ئىككىسى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ قانۇن ئىشلىرى رايونىدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دىققەتنى جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇن ئىشلىرى رايونىغا چېتىلىدىغان تۈرلۈك سىياسەت، تۈزۈم لايىھەسى قاتارلىقلارنى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قانۇنغا ئالاقىدار پىكىرلىرى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلەندۈرىدۇ.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان خەلقئارا ئالاقە، چەت ئەلدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇشتا، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ سۈپەت يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان مەخسۇسلاشقان، بىرىكمە تىپتىكى، خەلقئارالاشقان، قوللىنىشچان يۇقىرى قاتلاملىق چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش بويىچە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە ماھىر، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىشقا ماھىر بولغان چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە جەلپ قىلىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاپتونوم رايون بويىچە چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ يوپۇقى ئېچىلد

25 - ئاپرېل، ئاپتونوم رايون بويىچە چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ كېلىشىم ئىمزالاش، يوپۇق ئېچىش ھەم تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.