ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ساقلانما مىقدارى 4 تىرىليون 870 مىليارد يۈەن بولدى

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-30 09:18

بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشتى

 2024-يىلى 1-پەسىللىك شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ساقلانما مىقدارى 4 تىرىليون 870 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 0.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ ئاپتونوم رايون بويىچە خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 3 تىرىليون 180 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.9 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

«1-پەسىلدە، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، كىرېدىت قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى مۇقىم بولۇش ئاساسىدا تۆۋەنلەپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك مەدەت بەردى» دېدى جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى تەكشۈرۈش-ئىستاتىستىكا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى پاڭ شيۇپىڭ.

قۇرۇلما جەھەتتىن قارىغاندا، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىسىنىڭ نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مەدەت بېرىش سالمىقى سىجىل زورايدى.

ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقى داۋاملىق زورايتىلدى. 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 853 مىليارد 320 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.1 ئېشىپ، تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 6.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپى قەرز پۇلى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.1 ئېشىپ، تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 17.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

ياسىمىچىلىق كەسپى قەرز پۇلى بىرقەدەر تېز ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلىدى. 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپى قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 319 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.6 ئېشىپ، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 4.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە ياسىمىچىلىق كەسپى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇلى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.9 ئاشتى.

يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىرقەدەر يۇقىرى بولدى. 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 1 تىرىليون 440 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.1 ئېشىپ، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 6.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ 1-پەسىلدە يېڭىدىن 68 مىليارد 510 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2 مىليارد 630 مىليون يۈەن كۆپەيدى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا قەرز پۇل مۇقىم ئاشتى. 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 440 مىليارد 840 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 ئېشىپ، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 5.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

«سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قەرز پۇلى مۇقىم ئاشتى. 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 1 تىرىليون 110 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى پەسىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %7.2 ئېشىپ، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسىنىڭ %34.8ىنى ئىگىلىدى. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قەرز پۇلى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇلنى ئاساس قىلغان بولۇپ، 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇلنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %58.8 بولدى.

مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىدە بىرقەدەر يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاش بىلەن بىللە، جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىشكە سىجىل يېتەكلىدى ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلدى. 3-ئايدا شىنجاڭ يېڭىدىن تارقاتقان كارخانا قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %3.91 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.13 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ساقلانما مىقدارى 4 تىرىليون 870 مىليارد يۈەن بولدى

2024-يىلى 1-پەسىللىك شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ساقلانما مىقدارى 4 تىرىليون 870 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 0.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛