ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قەشقەر ۋىلايىتى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ» يېڭى موتورى»نى قوزغاتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-25 11:29

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 56 مىليارد 432 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67.2 ئاشتى؛ كۆلەملەشكەن سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 15 مىليارد 10 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.3 ئاشتى ...... يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدۇ» تېمىسىدىكى 5-مەيدان يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار قەشقەر ۋىلايىتى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە كۈچلۈك ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈردى.
ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولغان قەشقەر ۋىلايىتى بۇ يىل قانداق قىلىپ ئىقتىسادنىڭ «يېڭى ئېشىش قۇتۇپى»نى يېتىشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «يېڭى موتورى»نى قوزغاتتى؟ بۇ قېتىمقى «ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق قەشقەر ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇنىڭغا جاۋاب بېرىلدى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئەنۋەر تۇرسۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل تۈزۈلمە-مېخانىزم ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، «بىر تۇتاش باشقۇرۇش، دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولۇش، ئىخچام، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش» ئەندىزىسى بويىچە، ئۈچ رايون، 18 مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلىدۇق. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، گۇاڭدۇڭ، شېنجېن، شاڭخەي، شەندۇڭدىن ئىبارەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تۆت ئۆلكە، شەھەردىكى ئەركىن سودا بۆلەك رايونلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەڭ قۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەملىكەتلىك ئەركىن سودا بۆلەك رايونى يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقىغا كىردۇق؛ قەشقەر بۆلەك رايونى ئۈستىگە ئالغان 72 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسى، 112 تۈرلۈك ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق.
مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بۇ يىل يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى «تۇتقا»سى. قەشقەر ۋىلايىتى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا تىرىشىپ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش مۇساپىسىدە، يەنە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى «مۇھىم نۇقتا» قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەشقەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالتە چوڭ ياسىمىچىلىق، تۆت چوڭ مۇلازىمەتچىلىكنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «4+6» ئوچۇق، ئۆزگىچە كەسىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى؛ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى «ئاساس» قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، مەبلەغ سېلىش ساھەسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئوچۇق، ئۆزگىچە كەسىپ سىستېمىسى قاتارلىق سەككىز جەھەتتە پائال ئىزدىنىپ، تاموژنىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ كەسپىنى مەركەزلىك تەكشۈرۈش، تۈگۈن تىپىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارلىق چەت ئەل ئامبىرى، ئېكسپورت ئاپتوموبىلى رەسمىيىتىنى «بىر كۆزنەك»تە بېجىرىش قاتارلىق 12 تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى، تۇنجى قېتىم خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىش يارقىن نۇقتىسىدىن 24نى شەكىللەندۈردى؛ مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشنى «ئۇل» قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن مەدەت بېرىشكە دائىر 36 تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 5 مىليارد يۈەنلىك ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش فوندى تەسىس قىلدى، تۇنجى قېتىملىق «ئامبار تالونىنى رەنىگە قويۇش+كاپالەت كېپىللىكى» بىرىكمە قەرز پۇلىدىن 14 مىليون يۈەن تارقاتتى، تۇنجى قېتىملىق 200 مىليون يۈەنلىك قەرز ئۆسۈم نىسبىتى قەرەللىك ھوقۇق كەسپىنى يولغا قويدى ...
تۇتقا، مۇھىم نۇقتا، ئاساس، ئۇل بار بولدى، يەنە «سىرتقا چىقىرىش، سىرتتىن كىرگۈزۈش» خەلقئارا چوڭ بازارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ كىردى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر.ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا تاۋار يەرمەنكىسىنىڭ يارقىن نۇقتىسى ۋە ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ ۋە ياخشىلىنىپ، چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئېلىپ كەلگەن ساياھەت قىزغىنلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچى داۋاملىق ئۇرغۇتۇلدى.
ئىسلاھاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، تەرەققىياتتا «ئاساسىي قۇرۇلما» تىرەك قىلىندى، قەشقەر ۋىلايىتى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەۋاتقان پاراخوتقا ئوخشاش جاسارەت بىلەن يەلكەن كېرىپ ئىلگىرىلىدى.
تاشقى سودا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى كۈچلۈك موتور بولۇپلا قالماي، يەنە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. قەشقەر ۋىلايىتى «بەش ئېغىز ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىش، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇش» تەك ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنىكى. يېڭى دەۋر، يېڭى پۇرسەت ئالدىدا، قەشقەر ۋىلايىتى يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش بۇرغىسىنى چالدى، تاشقى سودا تەرەققىياتىدا مۇقىملىق ئاساسىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى ياراتتى.
ئەنۋەر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بىز ئەركىن سودا سىناق رايونى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىدىن ئىبارەت «تۆت رايون گىرەلىشىپ كېتىش» ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى ماكانلىشىشقا پائال جەلپ قىلىپ، تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى يېتىلدۈرۈپ، «يول ئىقتىسادى»نى ماكانلاشقان ئىقتىساد، كەسىپ ئىقتىسادىغا تەدرىجىي ئايلاندۇرىمىز. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئەمەلىي نەتىجىسى بار تاشقى سودا كارخانىلىرى تۇنجى قېتىم 300 دىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52 ئاشتى.
رايون ئەۋزەللىكى بىلەن سىياسەت ئەۋزەللىكى گىرەلىشىپ كەتتى، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلدى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقى سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي تەدبىرلىرى بىر-بىرلەپ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بەردى.
«بەش چوڭ چېگرا ئېغىزى» بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ تاشقى سودا يوللىرىنى كېڭەيتىش جەھەتتە، قەشقەر ۋىلايىتى چېگرا ئېغىزى بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھۆكۈمەت، تاموژنا، چېگرا ئېغىزى، چېگرا تەكشۈرۈشتە كارخانىلارنىڭ تاشقى سودا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش چېگرا ئېغىزى ھەمتۈرتكە بولۇش، ماسلىشىش مېخانىزمى ئورناتتى. ئاقىل چېگرا ئېغىزلىرىدا «تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش» ئەندىزىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشى ئالغا سىلجىتىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونى تەسىس قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە بولغان ۋاقىتتىن ھازىرقى ئالتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە قىسقارتىلدى، ھەربىر ئاپتوموبىلدىن 1600 يۈەندىن ئارتۇق تىرانسپورت ھەققى تېجەپ قېلىندى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندىكى تاموژنىدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ 1-سەپتىكى چېگرا ئېغىزلىرىدا «ئىككىنچى قېتىم ئىسكىلاتقا كىرىشى» قىيىن بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى.
«سىرتقا چىقىرىش، سىرتتىن كىرگۈزۈش»تە خەلقئارا چوڭ بازارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىش جەھەتتە، قەشقەر ۋىلايىتى 14ـ نۆۋەتلىك «قەشقەر تاۋار يەرمەنكىسى»نى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئۆتكۈزگەندىن سىرت، ئالدىنقى يېرىم يىلدا يەنە 42 كارخانىنى جۇڭگو شىنجاڭ-ئۆزبېكىستان سەمەرقەنت ئوبلاستى كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يەرمەنكىسى ۋە «2024 شياڭگاڭ، ئاۋمېن. شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت ھەمكارلىقى، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى» قاتارلىقلارغا قاتنىشىشقا تەشكىللىدى.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا، قەشقەرنىڭ قىرغىزىستان، قازاقىستان، تاجىكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سودا ھەمراھى بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 35 مىليارد 470 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17 ئاشتى؛ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان تاشقى سودىنىڭ ئېشىشى كۈچلۈك بولدى، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئايرىم-ئايرىم 6 مىليارد 550 مىليون يۈەنگە، 1 مىليارد 850 مىليون يۈەنگە، 50 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتتى.
كەسىپ تەرەققىياتنىڭ ئاساسى.
ئەنۋەر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بىز قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئاساسى ۋە رايون ئەۋزەللىكىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ <ئون چوڭ كەسىپ> كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشى خىزمەت لايىھەسى»نى تۈزۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرىنى تولۇقلاش، ئەۋزەل كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، ئەنئەنىۋى كەسىپ زەنجىرىنى ئۆستۈرۈش، گۈللەنمە كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق.
سانائەتنىڭ ئۈچ چوڭ تۈرىدىن قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ۋىلايەت بويىچە ياسىمىچىلىقتا كۆلەملەشكەن سانائەت قوشۇلما قىممىتى 1 مىليارد 699 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %55.3 كە يەتتى. نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ رايون كۆلەملەشكەن سانائەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى %38.1 بولدى؛ يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، بىيو تېببىي دورا، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ رايون كۆلەملەشكەن سانائەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى %6.5 كە يېتىپ، يىلمۇيىل ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.
كەسىپنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى ئېنىقكى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، كارخانا سانى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى مۇقىم ئاشتى، سانائەت كارخانىلىرى بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدىكى 1846 دىن ھازىرقى 1918 گە كۆپىيىپ، 72 كارخانا ساپ كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، سانائەت ساھەسىدە 90 مىڭ 500 كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 4500 دىن ئارتۇق ئىش ئورنى كۆپەيتىلدى. سانائەت ئىقتىسادىنىڭ باج كىرىمىگە قوشقان تۆھپىسى مۇقىم ئاشتى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ۋىلايەت بويىچە ئورۇندالغان سانائەت بېجى 580 مىليون يۈەنگە يەتتى.
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول. بۇ يىل، قەشقەر ۋىلايىتى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ كۈچلۈك ماركا تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى تېزلىتىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

تەرجىمان: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قەشقەر ۋىلايىتى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ» يېڭى موتورى»نى قوزغاتتى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 56 مىليارد 432 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67.2 ئاشتى؛