ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېشىل شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىگە نەزەر

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-10-22 17:01

ئىيوردانىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى جەمىل گادايرى بارماۋى يېقىندا جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بەردى، شىنجاڭدا نۇرغۇن زور يېشىل ئېنېرگىيە تۈرلىرى بار بولۇپ، كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ دېدى.
بارماۋى يېقىندا كۆپ دۆلەت تاراتقۇلىرىدىكى كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىگە جايلاشقان دۆلەتلىك ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە مەركەزلىك كونترول مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ۋىدېيو كۆرۈش، چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلاش، VR نى ھېس قىلىش، زىيارەت قىلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىرى، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل تەرەققىيات تومۇرى ۋە جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ «شىنجاڭ ئۆرنىكى»نى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

ۋىدېيودا شىنجاڭنىڭ بىر قانچە ئۆزگىچە يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى نامايەن قىلىندى: يەنى ئېلىمىزدىكى تۇنجى تاۋارلاشقان شامال ئېلېكتىر مەيدانى بولغان داۋانچىڭ شامال ئېلېكتىر مەيدانى؛ پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان، جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىدىكى شامال ئېلېكتىر مەيدانى بولغان ئۇلۇغچات شامال ئېلېكتىر مەيدانى؛ سايرام كۆلى بويىدىكى سەنتەي شامال ئېلېكتىر مەيدانى شۇنداقلا ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى ئېلىمىزدىكى ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق بولغان قۇربان تۇڭغۇت قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئېكولوگىيەنى تۈزەش يورۇقلۇق ۋولت تۈرى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا سېربلار جۇمھۇرىيىتى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مارىياننا دۇرجىۋىچ بۇ يېشىل ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى ماختىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېشىل ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى باشلامچى بولۇپ، چوڭ دۆلەتنىڭ تەبىئىي مۇھىتقا بولغان مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان. جۇڭگو شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى ھەم شارائىتقا قاراپ سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە تۈزۈپ، ئىنتايىن ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

«قازاقىستان ئوقەتچىلىك گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى سېرك كولرۇمبايېۋ دۆلەتلىك ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە تۈرى كۆرگەزمىسىنى ناھايىتى ئەستايىدىل كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېشىل ئېنېرگىيە تېخنىكىسى بار. پاكىز ئېنېرگىيە يېزا ئىگىلىكى ۋە سانائەت قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

يولبويى بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن، ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان شامال گېنېراتورلىرى شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا ئولتۇرغان ئىسپانىيە «لامانچا ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تەھرىراتىنىڭ باشلىقى لوسالىندا مارىيە تېھرانىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئىسپانىيەمۇ شامال كۈچى ئارقىلىق توك تارقىتىش چوڭ دۆلىتى، تېھراغا شامال كۈچى ئارقىلىق توك تارقىتىش ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەر ناتونۇش ئەمەس، لېكىن ئۇ جۇڭگونىڭ شامال ئېنېرگىيەسىنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىش جەھەتتە «شۇنچە بەك تەرەققىي قىلغانلىقى»نى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

تېھرا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى دۆلەتلىك ئېنېرگىيە گۇرۇھى تۇرپان يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا باردى. بۇ تۈردە 2012-يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان، ئېلىمىزدىكى تۇنجى تاۋارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈلگەن ئۆگزە يورۇقلۇق ۋولت ۋە مىكرو ئېلېكتىر تورى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى 11 ئولتۇراق مەھەللىدىكى 7300 دىن ئارتۇق ئاھالىنى قاپلىغان، يىللىق توك تارقىتىش سىغىمى تەخمىنەن 10 مىليون كىلوۋات سائەت. كۈندۈزى ئۆگزىدىكى يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرى ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان توك ئاھالىلەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدۇ، ئارتۇقچە توك ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسىدا ساقلىنىدۇ. ساقلانغان توك كەچتە ئاھالىلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن يەتكۈزۈلىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ تۈردە يەنە توكلۇق ئاپتوموبىلغا مەركەزلىك توك قاچىلاش پونكىتى سەپلەنگەن بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 22 توكلۇق ئاپتوموبىلغا توك قاچىلىغىلى بولىدىكەن، بۇ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ بۇرۇنقى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى يىغىپ ساقلاش بىر گەۋدە قىلىنغان يېڭى ئېنېرگىيە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى.

بىرازىلىيە «سان پاۋلو بەت گېزىتى»نىڭ باش سودا ئەمەلدارى مارسېلو بېنېس مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ تۈرنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، يېشىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ شىنجاڭدىكى كونكرېت ئەمەلىي مىسالى، شۇنداقلا بۇ جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بېنېس ئارقىدىن خىزمەتچىلەر تەربىيەلەشتە ئىشلىتىدىغان VR ئۈسكۈنىسىنى سىناپ كۆرۈپ، ئۈسكۈنىنى تەقلىدىي تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىپ باقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىكەن، جۇڭگو يېشىل ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ماس كېلىدىغان باشقۇرۇش ئەندىزىسى ۋە تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپتۇ.

شىنجاڭنىڭ كۇچادىكى يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ئېلىمىزدىكى تۇنجى 10 مىڭ تونناژلىق يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق ھىدروگېن ئىشلەش تۈرى بولۇپ، شىنجاڭ رايونىنىڭ مول قۇياش ئېنېرگىيەسى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىپ ھىدروگېن ئىشلەيدۇ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئاساسەن پارنىك گازى ھاسىل قىلىنماي، يېشىل ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىشتىن پايدىلىنىشقىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئاستىدا، ئاق رەڭلىك شارسىمان ھىدروگېن ساقلاش باكى زاۋۇت رايونىدا رەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. مەركىزىي كونترول ئۆيىدە، خىزمەتچىلەر كۇنۇپكىنى بېسىپلا، تىيانشان تېغىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان، زاۋۇت رايونىدىن تەخمىنەن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كەڭ كەتكەن يورۇقلۇق ۋولت گۇرۇپپىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تامدىكى چوڭ ئېكراندا نامايان قىلالايدۇ. پۈتكۈل تۈرنىڭ ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى، ھىدروگېن ساقلاش مىقدارى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلىرى كومپيۇتېر سىستېمىسى ئارقىلىق دەرقەمتە نامايەن بولىدۇ.

سۇرىنام زۇڭتۇڭىنىڭ باياناتچىسى شېلىك لىلىنتال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ تۈر يېشىل تەرەققىياتقا ئىنتىلىش «ئۇلۇغ ئىرادە»سىنى نامايان قىلدى، قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى، ئەمەلىي تېخنىكىنىڭ يېڭىلىقى «كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ». سۇرىنام بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سۇرىنامنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

بېرما ئاخبارات ۋە ژۇرنال شىركىتىنىڭ ئالىي مۇخبىرى دىڭ لىنئاڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى كەلگۈسىدە كاربون چىقىرىشنى ئازايتىش جەھەتتە مۇھىم رول ئويناپ، مۇھىت ئاسراشنى مۇھىم مەدەتكە ئىگە قىلىدۇ، بۇ تۈردە نامايان قىلىنغىنى تېخنىكا جەھەتتىكى ئىلگىرىلەش بولۇپلا قالماستىن، يېشىل تەرەققىياتنىڭ پارلاق ئىستىقبالى تېخىمۇ نامايان قىلىندى، بۇ، بېرما ۋە دۇنياغا نىسبەتەن ئۆرنەكلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېشىل شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىگە نەزەر

ئىيوردانىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى جەمىل گادايرى بارماۋى يېقىندا جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بەردى،