ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-26 11:48

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ── شىنجاڭ چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇردى

  بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچكى ماھارەتنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، چارۋىچىلىقنى پۈتۈن كۈچى بىلەن راۋاجلاندۇردى.

  2023-يىلى شىنجاڭنىڭ گۆش مەھسۇلاتى تۇنجى قېتىم 2 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن بازار ئىستېمالى يېتەرلىك بولماسلىق، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئۆرلەش، تۆۋەن باھالىق مەھسۇلاتلار تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىق ئامىللار يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، بۇ شىنجاڭنىڭ قوي باقمىچىلىقى تەرەققىياتىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ يىل 1-پەسىلدە، شىنجاڭدا ھەر كىلوگىرام قوي گۆشىنىڭ باھاسى 62.72 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 چۈشۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىدىن 13.4 يۈەن تۆۋەن بولدى. 4-ئايدىن بۇيان، قوي گۆشىنىڭ باھاسى يەنىلا چۈشتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ باش چارۋىچىلىق تېخنىكى شيۇڭ بىن مۇنداق دېدى: بازارنىڭ داۋالغۇشى نورمال ئەھۋال، ئىلغار، قوللىنىشچان تېخنىكىنى تېز ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىچكى ماھارەتنى ياخشى يېتىلدۈرۈپ، تەننەرخنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش-بازار رىقابىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى.

  شۇڭا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتى «ئەلا سۈپەتلىك چارۋا، ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرى كەسىپ توپى ھەرىكەت پىلانى» نى تۈزۈش داۋامىدا يېتەكچى تۈرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چۈشۈرگەن بۇ يىل 2 مىليون قوينى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش بويىچە تاۋارلىق شالغۇتلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاپ، نەسىللەندۈرۈش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى نەسىللەندۈرۈش خىزمىتىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر ۋە تېخنىكلار قوشۇنى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلماقتا. ئالاقىدار سىياسەتلەردىن پايدىلىنىپ، نەسىل يېتىشتۈرگۈچىلەرنىڭ كىرىمىگە ۋە خىزمەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخنىكا كېڭەيتىش ئورۇنلىرىنىڭ كۈچى ۋە كارخانا كوللېكتىپى، مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نەسىلنى ياخشىلاش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. قىسمەن رايونلار سىناق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىلىشىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتلىرىدە سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش، ئىلمىي بېقىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بورداش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇردى.

  جايلار ھايۋانات ئېغىر يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ھايۋانات يۇقۇمى بويىچە دائىملىق ئىممۇنىتېتلاش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردى. تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، مۇھىتنى بىر تۇتاش دېزىنفېكسىيەلەش ۋە دورا بىلەن ھاشارات يوقىتىش پىلانىنى تۈزگەندىن سىرت، يەنە قوتاندىن قىغنى چىقىرىش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەش، يۇڭ قىرقىش، دورا ئىچكۈزۈش ۋە دورا بىلەن ھاشارات يوقىتىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق پىلانلىدى ھەمدە باقمىچىلارنى ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش خىزمىتىگە تەشكىللەپ، كېسەللىك مەنبەسىنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، قوزىلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈردى.

  چارۋىلار ياخشى ئوزۇقلانسا، ئوبدان ئەي بولىدۇ. بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ئەلا سۈپەتلىك يەم-خەشەك بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاشلىق، يەم-خەشەك تېرىقچىلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يەم-خەشەك بىلەن ئۆز-ئۆزىنى قامداش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىكرو ئېچىتىش تېخنىكىسى ئارقىلىق شاخ-شۇمبىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، شاخ-شۇمبا دانچىلىرى قاتارلىق يەم-خەشەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇردى. چارۋا مال دوختۇرلۇق ئىجتىمائىي مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنى يەم-خەشەكنى كەسىپلەشتۈرۈپ يىغىپ ساقلاش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، يەتكۈزۈپ بېرىشنى مۇلازىمەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جېڭ ۋېنشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ چارۋىچىلىق چوڭ رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش» ئەندىزىسى ۋە يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، دېھقانچىلىق كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى ۋە چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

  تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

  سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇردى

بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچكى ماھارەتنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، چارۋىچىلىقنى پۈتۈن كۈچى بىلەن راۋاجلاندۇردى.