ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ 10 يىلدا 100 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 120 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىن يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-28 15:23

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ── شىنجاڭ 10 يىلدا 100 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 120 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىن يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسىدى

«ياخشى ياساش، ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تىجارەت قىلىش» تەلەپ قىلىنغان «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئون يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ قۇرۇلۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا تاشيولىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، دېھقانلارنىڭ سەپەرگە چىقىشى قولاي، كەسىپ تەرەققىيات ئاساسى پۇختا، يېزا مۇھىتى گۈزەل بولۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى مۇستەھكەملەندى.

يېزا تاشيولى يېزا رايونلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاھالە ئەڭ كۆپ، ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئەڭ كۈچلۈك قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2014-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 107 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان، جەمئىي 119 مىڭ 900 كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسىغان. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يېزا تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 156 مىڭ كىلومېتىرغا، يېزا بازارلارغا 3-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك تاشيوللارنى تۇتاشتۇرۇش نىسبىتى %90.3كە، نوپۇس كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان تەبىئىي كەنتلەرگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇش نىسبىتى %91.5كە يېتىپ، يېزا يول تورى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزا يول تورى قۇرۇلمىسى تۈپتىن ياخشىلاندى.

يېزا تاشيولىنى ھەم ياخشى ياساش، ھەم ياخشى ئاسراش كېرەك. يول ئاسرىغۇچى ئەزىمەت توختى توكسىكلىتىنى مىنىپ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ ناھىيە يولىX716 لىنىيىسىدە چارلاش ئېلىپ بارغاندا، يول بويىدا ئۇزۇن ۋاقىت توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىل ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كۆرگەندە، شوپۇرنى ھەيدەپ كېتىشكە دەۋەت قىلىدۇ؛ يول يۈزىدە توپا قاتارلىق كېرەكسىز نەرسىلەر بايقالسا، پاكىز تازىلاپ، يولنىڭ پاكىز، رەتلىك، بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى تاشيول باشقۇرۇش، ئاسراشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يېزا تاشيولىدا «يول باشلىقى تۈزۈمى»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. ھازىر، ناھىيە بويىچە 91 نەپەر ھەر دەرىجىلىك يول باشلىقى ۋە 282 نەپەر يېزا-بازار يول باشقۇرغۇچىسىدىن تەركىپ تاپقان كەنت دەرىجىلىك ھەمكارلىشىپ باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇپ، يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇشتا نۇقتىدىن تورغىچە ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى، يول مۇھىتى ياخشىلاندى، قاتناش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

يول تورىنى ئۇزارتىش جەھەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ ئاساستا يېزىلارنىڭ تىرانسپورت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيە، شەھەر، يېزا-بازارلاردىكى يولۇچىلار تىرانسپورت بېكەتلىرىنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى ئايرىم-ئايرىم %100 ۋە %95كە يەتكۈزۈپ، ئاممىۋى قاتناش، نۆۋەتچى ئاپتوبۇس لىنىيەسى، رايون تىجارىتى، ئالدىن كېلىشىپ ئاۋاز قوشۇش قاتارلىق تىجارەت ئەندىزىسىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، يېزىلارنىڭ تىرانسپورت مۇلازىمىتىنى «راۋان بولۇش، ماڭالايدىغان بولۇش»تىن «ئېلىپ قالالايدىغان بولۇش، ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش»قا تەدرىجىي ئۆزگەرتىپ، دېھقانلارنىڭ يول يۈرۈش شارائىتىنى ياخشىلاپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىپ، «سىرتقا چىقسىلا، قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول بۇلۇش، يېقىن ئەتراپتىلا ئاپتوبۇس بېكىتى بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى قاراماغاي بازىرى ھويغارا كەنت ئاھالىسى ئۇمۇتبېك مۇسىرقان: يول ياخشىلاندى، سىرتقا چىقىش ناھايىتى قولايلىق، ئاپتوبۇسغا ئولتۇرسىلا ناھىيە بازىرىغا بارغىلى بولىدۇ، دېدى.

يول راۋان بولسا كەسىپ گۈللىنىدۇ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ. 10 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ بايلىق يولى، كەسىپ يولى، ساياھەت يولىدىن 7121 كىلومېتىر ياساپ، «يېزا تاشيولى+كەسىپ»، «يېزا تاشيولى+ئېلېكتىرونلۇق سودا»، «يېزا تاشيولى+ساياھەت» قاتارلىق تەرەققىيات ئەندىزىلىرىنى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ كېڭەيتىپ، يېزا كەسىپلىرىنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئارشاڭ ناھىيەسى يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە تايىنىپ، ئۆز جايىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، «قاتناش+ساياھەت»، «قاتناش+كەسىپ»، «قاتناش+ئېكولوگىيە» قاتارلىق يۇغۇرما تەرەققىيات تەپەككۇرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ ناھىيەنىڭ زالمۇت يېزىسى بۆگدۆر كەنتى ئاھالىسى ئىمام ئەلى داۋلىدا مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى يىلدا كەنت ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇردى، مەن ئۆز ھويلامنى ئۆزگىچە پۇقراۋى قونالغۇغا ئۆزگەرتىپ، ساياھەتتىن كىرىم قىلدىم، كىرىمىم بارغانسېرى ئاشتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ 10 يىلدا 100 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 120 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىن يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسىدى

«ياخشى ياساش، ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تىجارەت قىلىش» تەلەپ قىلىنغان «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئون يىلدىن بۇيان،