ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇ يۇڭشىن بىلەن ئاخالبېك ساداق ئائىلىسى قان-قېرىنداشلاردىن بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-12-28 11:18

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ── جۇ يۇڭشىن بىلەن ئاخالبېك ساداق ئائىلىسى قان-قېرىنداشلاردىن بولدى

  جۇ يۇڭشىن 10-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈندىداردىن ئاخالىبېك ساداق ئەۋەتكەن ئاكا نەنسەنگە قاچان كېلىسىز، گۆش يېگەچ پاراڭلاشمامدۇق، دېگەن ئۇچۇرىنى كۆردى.

  ھەر قېتىم ئاخالبېكنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرگەندە، جۇ يۇڭشىننىڭ قەلبى ئىللىقلىققا تولىدۇ. بۇنىڭدىن 11 يىل ئىلگىرى، ئۇ ئاخالىبېكنىڭ ئايالىغا Rh مەنپىي قان تەقدىم قىلىپ، ئالاھىدە مېھىر ـ مۇھەببەتكە مۇيەسسەر بولغان ئىدى.

  جۇ يوڭشىن شىنجاڭ Rh مەنپىي قان پىدائىيلار ئاممىۋى پاراۋانلىق ئەترىتىنىڭ ئەزاسى. 2000-يىلى، ئۇ بىر قېتىم قان تەقدىم قىلغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قان مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭغا قان تىپىنىڭ Rh مەنپىي قان تىپى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. بۇ خىل قان تىپى كەم ئۇچرايدىغان بولغاچقا، ئۇ ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قاتناشتى. جۇ يۇڭشىن: باشقىلارغا ياردەم قىلىشمۇ ئۆزىگە ياردەم قىلغانلىق، دېدى.

  2013-يىلى 3-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئەترىتىنىڭ QQ توپىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 3-خەلق دوختۇرخانىسى، شاكىلات خالتىلىق ئىششىقىغا گىرىپتار بولغان بىر ئايال ئوپېراتسىيەدە قان ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى» دېگەن ياردەم تەلەپ قىلىش ئۇچۇرى تارقالدى. جۇ يوڭشىن: مەن قان پونكىتىنىڭ يىنىدىلا، مەن باراي، دەپ ئاكتىپلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇردى.

  جۇ يۇڭشىن دەرھال ئۈرۈمچى شەھەرلىك قان مەركىزىگە بېرىپ، بۇ ئايالغا 400 مىللىلىتىر قان تەقدىم قىلدى. قان تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، ئايالنىڭ يولدىشى ئۇنى يېنىغا تارتقىنىچە رەھمەت ئېيتىپ 500 يۈەن تەڭلىدى. جۇ يۇڭشىن: بۇ ياردەم قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، پۇلنى ئالسام بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىڭىزغا دوختۇرخانىدا پۇل كېتىدۇ، دەپ پۇلنى ئالغىلى ئۇنىمىدى، لېكىن قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى يادۇرماي، ئۇنداق بولسا بىر قاچا كالا گۆشى ئۈگرىسى ئىچەيلى، دېدى.

  جۇ يۇڭشىن پاراڭلىشىش جەريانىدا بۇ ئەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخالبېك ئىكەنلىكىنى، ئۆيىنىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى شۈيشىگۇ كەنتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئاخالبېك سەمىمىيلىك بىلەن: ئاكا، ۋاقتىڭىز بولسا چوقۇم ئۆيۈمگە بېرىپ ئولتۇرۇپ كېتىڭ، دېدى. جۇ يۇڭشىن بۇ ئاق كۆڭۈل، ساددا يىگىتنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ، ماقۇل بولدى.

  روزى ھېيتتا، جۇ يۇڭشىن سۇ يېغى، چاقماق قەنت قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ، ئاخالبېكنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇنىڭ ئۆيى ناھايىتى پاكىز بولۇپ، ئۈستەلگە تۈرلۈك پېچىنە-پىرەنىك، قۇرۇق مېۋىلەر تىزىلغانىدى. جۇ يۇڭشىن ئۆيگە كىرىشى بىلەنلە ھورى ئۆرلەپ تۇرغان ئەتكەن چاي، دۈملەپ پىشۇرۇلغان مەززىلىك قوي گۆشى ئۈستەلگە ئېلىپ كېلىندى. ئاخالبېكنىڭ دادىسى ئەتكەن چاينى جۇ يۇڭشىنغا تۇتۇپ: سىز ئائىلىمىزدىكىلەرگە قان تەقدىم قىلدىڭىز، سىز ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ شەپقەتچىسى، دېدى. ئاخالبېكنىڭ ئايالىمۇ سەمىمىيلىك بىلەن: مېنىڭ تومۇرۇمدا سىزنىڭ قېنىڭىز ئېقىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن سىزنى ئۆز ئاكام، دەپ بىلىمەن، دېدى.

  جۇ يۇڭشىن بىر قېتىم ئادىيلا قان تەقدىم قىلىش بىلەن بۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۇ ئاخالبېكنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ: بۇنىڭدىن كېيىن بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، دېدى.

  ئۇ چاغدا، ئاخالبېك نەنسەندە بىر نەچچە كىگىز ئۆي مېھمانخانىسى ئېچىپ تىجارەت قىلاتتى، جۇ يۇڭشىن دائىم دوستلىرىنى ئېلىپ بېرىپ ئويناپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللىشىپ تۇراتتى.

  ئۇ تۇنجى قېتىم دوستىنى ئېلىپ بارغاندا، ئاخالبېك ئۇلارنى قوي سويۇپ كاۋاپ ۋە پولۇ ئېتىپ مېھان قىلدى. ئۇلار تاماق يەپ بولۇپ ئاخالبېككە تاماق پۇلىنى بەرمەكچى بولغاندا، ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنى تاپالمىدى. جۇ يوڭشىن ئاخالبېككە تېلېفون قىلىپ: تاماق پۇلىنى ئالسىڭىز، سىز قەيەردە، قاچان قايتىپ كېلىسىز؟، دېدى. ئاخالبېك بىر قويۇم يىتۈپ كەتتى، مەن ئىزدەپ باقاي، ۋاقتىنچە قايتىپ بارالمايمەن. سىلەرنى ئۇزۇتالمايدىغان بولدۇم، ئارام ئېلىپ بولغاندىن كېيىن كېتىۋېرىڭلار، دېدى.

  جۇ يۇڭشىن مۇنداق دېدى: ئۇ چاغدا تېخى ئۈندىداردا پۇل تۆلەيدىغان ئىش يوق ئىدى، بىز ئامالسىز قايتىپ كەتتۇق. ئۆيگە بارغاندىن كېيىن ئاندىن ئاخالبېكنىڭ «قوي ئىزدىگىلى كەتتىم» دېگىنى يالغان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پۇل ئېلىش نىيىتى يوقلىقىنى ھېس قىلدىم.

  جۇ يۇڭشىننىڭ سىز پۇل ئالمىسىڭىز، سىزنىڭ كىگىز ئۆيىڭىزگە بارمايمەن، دەپ تۇرۇۋېلىشى بىلەن ئاخالبېك ئامالسىز پۇلنى ئالدى.

  ئاخالبېك ئائىلىسىنىڭ قىزغىن، ئاق كۆڭۈللۈكى جۇ يۇڭشىننى تەسىرلەندۈردى، جۇ يۇڭشىننىڭ غەمخورلۇقى ئاخالبېك ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ مىننەتدار قىلدى.

  ئالاقە قانچە چوڭقۇر بولسا، ئوي-پىكىر شۇنچە بىر يەردىن چىقىدۇ. جۇ يۇڭشىن: ھېيت-بايراملاردا سوۋغات ئېلىپ ئاخالبېكنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلايمەن، دېدى. ئاخالبېك شەھەرگە بارغاندا جۇيۇڭشىننى يوقلايدۇ، ئۇ ئىككىسى بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېگەچ پاراڭلىشىدۇ.

  جۇ يۇڭشىن بىلەن ئاخالبېك 11 يىلدىن بۇيان، ئۆز ئارا بېرىش-كېلىش قىلىش جەريانىدا، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. جۇ يۇڭشىن:بۇ مېھىر-مۇھەببەت تومۇرىمىز ۋە قەلبىمىزگىمۇ سىڭىپ كەتتى، دېدى.

  تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇ يۇڭشىن بىلەن ئاخالبېك ساداق ئائىلىسى قان-قېرىنداشلاردىن بولدى

جۇ يۇڭشىن 10-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈندىداردىن ئاخالىبېك ساداق ئەۋەتكەن ئاكا نەنسەنگە قاچان كېلىسىز، گۆش يېگەچ پاراڭلاشمامدۇق، دېگەن ئۇچۇرىنى كۆردى.