ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-12-28 11:22

«شىنجاڭ ياخشى جاي»── ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش

  قول سۈپۈرگە ھۈنەرخانىسىدا، ئىپارگۈل ئابدۇكېرىم كىچىك سۈپۈرگىنىڭ تۇتقۇچىغا رەڭلىك يىپەك يىپ يۆگەۋاتاتتى، بۇ كەنت لايىھەلىگەن ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى؛ ئەتلەس ئائىلىسىدە، بۇخەلچەم ئىمىن يېڭىدىن ياسىغان ئەتلەس چاچ قىسقۇچ، باش بېزەكلىرىنى مال جازىسىغا تىزىۋاتاتتى؛ قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى «چاڭچۈن» گۈل-گىياھ دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىدا، جۈمەقارى تۇرغۇن تارقىتىلىدىغان گۈللەرنى ئوراپ قاچىلاۋاتاتتى ...... يېقىندا، مۇخبىر شىنجاڭ قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىگە بېرىپ، ھەممىلا يەردە جۇشقۇن كەيپىياتنى ھېس قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە ئاياغمەنگەن كەنتىگە بېرىپ، كادىرلار، ئاممىنى سەمىمىي يوقلىدى. ئون يىلدىن بۇيان، ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى، ئالاھىدە ئورمان ۋە باغۋەنچىلىك، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى، كەنت قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى.

  مۇخبىر ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، دەل چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولغان ئىدى، ئۇ ئەمدىلا پىشۇرۇپ بولغان تونۇر كاۋىپىنى تارقىتىپ بولۇپ، قولىنى يۇيۇپ تاماق يېيىشكە تەييارلىنىۋاتاتتى. 10 يىل ئىلگىرى ئابدۇقېيۇم تىراكتور بىلەن باشقىلارنىڭ يېرىنى ئاغدۇرۇپ، زىرائەتلەرنى ئورۇپ پۇل تېپىپ، ئائىلىسىدىكى ئۈچ نوپۇسنى باقاتتى، يىللىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشاتتى.

  ئابدۇقېيۇم روزى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر ئۆزگىرىش بەك چوڭ، تىراكتور ھەيدەپ 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم، ئايالىم بىلەن پارنىكتا گۈل ئۆستۈرۈپ 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق، 30 تۇياققا يېقىن كالا بېقىپ 60 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق، ھېسابلاپ باقسام، بىر يىلدا 110 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپتىمەن.

  ئابدۇقېيۇمنىڭ ئايالى ئايشەمگۈل ئېزىز ئەسكەرتىپ:«تونۇر كاۋاپ» تىن قىلغان كىرىمنى دېمىدىڭىز، دېدى.

  ئابدۇقېيۇم توغرا، بۇ بۇ يىل يېڭىدىن ئۆگەنگەن ماھارىتىم. 5-ئايدىن باشلاپ ئۆيدە تونۇر كاۋىپى پىشۇرۇشقا باشلىدىم، قاراڭ، چۈشتىن بۇرۇن پىشۇرۇلغىنىنى بايىلا تارقىتىپ بولدۇم، ھەر ئايدا 3000 يۈەن تاپالايمەن!،دېدى.

  ئۇنىڭ ھويلىسىدا ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ئىككى تىراكتور توختىتىپ قويۇلغان ئىدى، ئۇياقتىكى پىكاپنى سېتىۋالغىلى ئۈچ يىلدىن ئېشىپتۇ؛ قورا جاي ئىچىدە ناھايىتى چوڭ لاپاس بار بولۇپ، لاپاس ئىچىدىكى 100 گە يېقىن گۈل ناھايىتى چىرايلىق ئېچىلغان ئىدى، لاپاس ئالدىدىكى بوش يەرگە شاپتۇل دەرىخى تىكىلگەن ئىدى؛ يەنە ئىچىگە قاراپ ماڭغاندا، قوي-كالىلار يەم-خەشەك يەۋاتاتتى.

  ئابدۇقېيۇم مۇنداق دېدى:ئاياغمەنگەن كەنتى مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت، ھازىر كەنتكە ساياھەتكە كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇ يىل ئايالىم بىلەن تېرىغان ئەتىرگۈل، يالپۇزنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ، بوتۇلكىغا قاچىلاپ گۈل چاي تەييارلىدىق، ساياھەتچىلەر بۇنى ناھايىتى ياختۇردى.

  روشەنگۈل مەمتىمىن ئاياغمەنگەن كەنتىنىڭ كادىرى، شۇنداقلا بۇ كەنتنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر كەنتىمىزدە قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەلىك «چاڭچۈن» گۈل-گىياھ دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز كەسپىي كوپىراتىپ، «نازۇ-نېمەتلەر ئائىلىسى»، «مىللىي چالغۇ دۇكىنى»، «يۈز يىللىق ناۋايخانا» قاتارلىق دۇكان، سەھرا ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇ، تاللا بازىرى، كىچىك ئاشخانىدىن 300دىن كۆپرەكى بار، مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكى، قوي-كالا باقمىچىلىق رايونى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى، ئۆزگىچە توقاچ شاپتۇل ئۆستۈرۈش باغچىسى قاتارلىقلار بار، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا قىلىدىغان ئىشى بار بولۇپ، پۇل تاپالايدىغان بولدى.

  كونا شەھەر ناھىيەسىدە ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى ۋارىس قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىدىن چىققان «ۋارىس» سۈپۈرگىسىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە كونا قول ھۈنەرۋەنچىلىكتە يېڭى مودا بارلىققا كېلىپ، بارغانسېرى ياخشى سېتىلىۋاتىدۇ. سۈپۈرگە ياسىغۇچىلارنىڭ 3-ئەۋلاد ۋارىسى ئىپارگۈل مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، باغلاپ قويۇلغان سۈپۈرگىلەرنى يەكشەنبە ۋە بازار كۈنلىرى ساتاتتۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ جايدىكى كىشىلەرلا سېتىۋالاتتى. ھازىر مەن ئەنئەنىۋى چوڭ سۈپۈرگە ياساشتىن باشقا، يەنە سۈپۈرگىنى ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى، ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇمى قىلىپ ياساشنى ئۆگىنىۋالدىم، ساياھەتچىلەر ناھايىتى ياختۇردى. ھازىر سۈپۈرگە ھۆنەرخانىسىدا 10 كەنت ئاھالىسى سۈپۈرگە ياساۋاتىدۇ، ھەر ئايدا 1000 سۈپۈرگە ياسىيالايدۇ، ياسىغان سۈپۈرگىنى كوپىراتىپ بىر تۇتاش سېتىۋالىدۇ.

  ئابدۇقېيۇم، ئىپارگۈل ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشى ئۆتۈشى ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى ئون يىل ئىلگىرىكى 4700 يۈەندىن 2023-يىلى 18 مىڭ 300 يۈەنگە يەتكەن.

  روشەنگۈل: ئاياغ مەنگەن كەنتىنىڭ ئاساسىي كوچىسىنى بويلاپ ماڭغاندا 160 پارچە تام رەسىمى كۆزگە چېلىقىدۇ، رەسىمدىكى ئالتۇن رەڭلىك دالا، تاتلىق مېۋە-چېۋىلەر، خۇشال سىمالار خۇددى ئەينەندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ رەسىمدىكىلەر بىزنىڭ كەنت ئاھالىلىرى، سىزىلغىنى دەل كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشى. دېدى.

  تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش

قول سۈپۈرگە ھۈنەرخانىسىدا، ئىپارگۈل ئابدۇكېرىم كىچىك سۈپۈرگىنىڭ تۇتقۇچىغا رەڭلىك يىپەك يىپ يۆگەۋاتاتتى، بۇ كەنت لايىھەلىگەن ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى؛