ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلېكتىرونلۇق سودىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىشىغا تۈرتكە بولۇندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-12-31 08:49

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ── ئېلېكتىرونلۇق سودىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىشىغا تۈرتكە بولۇندى

  تارىم دەرياسى بۇ يەردىن لوپنۇر كۆلىنىڭ ئاخىرىغا قاراپ ئاقىدۇ، تەكلىماكان قۇملۇقى ئۇنىڭغا يانداش. قۇملۇقتىكى مەرۋايىت دەپ ئاتىلىدىغان، ئۇزاق تارىخقا ئىگە شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسى بۈگۈنكى كۈندە يېڭى قىياپەتكە كىردى.

  ئۇيغۇر قىزى دىلخۇمار بېيجىڭ ئورمانچىلىق داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يۇرتى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىگە قايتىپ كەلدى.

  دەسلەپتە مۇھەببىتىنى دەپ كەلگەن دىلخۇمار ئويلىمىغان يەردىن كېيىن يېڭى كەسپىدە ئۇتۇق قازاندى. شۇ جايدىكى دېھقانلار ياغقان سۈت نان ھەر كۈنى دىلخۇمارنىڭ تور سۇپىسى ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىلىدۇ.

  لوپنۇرنىڭ كەندىر چېيى، لوپنۇر كەندىر ھەسىلى، كورلا نەشپۈتى، چاقىلىقنىڭ چىلىنى، كوئىنلۇن جۈخارگۈلى. ئومۇمىي كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن كېلىدىغان لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش بازىسىغا 100 خىلدىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار رەتلىك تىزىلغان. ھەر كۈنى تەخمىنەن 20 رىياسەتچى بازا ياكى تاۋار ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ساتىدۇ.

    دىلخۇمار مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ جەھەتتىن يۆلىشى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلىشى داشى كەنتىگە تاشقى دۇنيا بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەردى، بىز بېيىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ تىرىكچىلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردۇق.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دولقۇنىنى قوزغىدى. ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى، ھاكىم، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۆزلىرى بىۋاسىتە قاتنىشىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى.

    1997-يىلى سىچۈەندىن داشى كەنتىگە كەلگەن ۋاڭ شياۋخۇڭ ئوتىغۇچنى تاشلاپ، مائۇسنى قولىغا ئېلىپ، تور دۇكىنى تىجارىتى ۋە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىشنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، يەر تېرىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان يېزا ئايالىدىن لوپنۇر ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقىغا ئايلاندى.

    ئېلېكتىرونلۇق سودا دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگىچە كىردى، يەرلىك ماللار شىنجاڭنىڭ سىرتىغا سېتىلدى. 2023-يىلى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىشتىن قىلغان كىرىمى 230 مىليون يۈەن بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاۋامنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

    «يېشىل خەزىنە» دەپ نام ئالغان سىرلىق ئۆسۈملۈك لوپنۇر كەندىرىنىڭ گۈلىدىن ھەسەل چىقارغىلى، يوپۇرمىقىدىن چاي ياسىغىلى، غول پوستىدىن ئەلا سۈپەتلىك تالا ياسىغىلى بولىدۇ.

    6-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە لوپنۇر كەندىر چېيى، لوپنۇر كەندىر ھەسىلى، لوپنۇر كەندىر كىيىمى، لوپنۇر كەندىر يۈز چاپلىقى قاتارلىق لوپنۇر كەندىرى كەسىپ زەنجىرىدىكى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلار مەركەزلىك نامايان قىلىنىپ، ياخشى باھاغا ئېرىشتى.

    لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ياۋا لوپنۇر كەندىرى كۆلىمى تەخمىنەن 1 مىليون 600 مىڭ مو كېلىدۇ. 2021-يىلىدىن بۇيان، شۇ جاي قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ لوپنۇر كەندىرى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى، سۈنئىي تېرىقچىلىقتىن توقۇمىچىلىق، ساغلاملىق-كۈتۈنۈش دورىلىرى، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە، كۆپلىگەن كەسىپلەر ئوندىن ئارتۇق كارخانىنى مەبلەغ سېلىش ھەققىدە كېڭىشىشكە جەلپ قىلدى.

   جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى جياڭ لى مۇنداق دېدى: لوپنۇر ناھىيەسى قۇملۇقنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، لوپنۇر كەندىرى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە مۇكەممەل تىجارەتنى ئىشقا ئاشۇردى. لوپنۇر كەندىرى كەسپى ھەر يىلى نەچچە مىليارد يۈەنلىك ئىقتىسادىي مەھسۇلات قىممىتى يارىتىپ، ئەتراپتىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

    تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت

   سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلېكتىرونلۇق سودىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىشىغا تۈرتكە بولۇندى

تارىم دەرياسى بۇ يەردىن لوپنۇر كۆلىنىڭ ئاخىرىغا قاراپ ئاقىدۇ، تەكلىماكان قۇملۇقى ئۇنىڭغا يانداش. قۇملۇقتىكى مەرۋايىت دەپ ئاتىلىدىغان، ئۇزاق تارىخقا ئىگە شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسى بۈگۈنكى كۈندە يېڭى قىياپەتكە كىردى.