شىنجاڭدا بىزنىڭ ئەڭ بەختلىك ئائىلىمىز بار
«شىنجاڭ ياخشى جاي» ── شىنجاڭدا بىزنىڭ ئەڭ بەختلىك ئائىلىمىز بار
بۇ يەردە ياخشى كۆرىدىغان خىزمىتىم، مەسلەكداش سۆيگۈنۈم، ئوماق بالام، يەنە بىر توپ ياخشى دوستلىرىم بار. جاۋ پېيسۇڭ بىلەن جاڭ شيۇلەن ئۆيىدىن نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى شىنجاڭدا يىلتىز تارتتى، بۇ يەر ئۇلارنىڭ ئىككىنچى يۇرتىغا ئايلاندى.
جاۋ پېيسۇڭ 2011-يىلى سەنشىدىكى يۇرتىدىن دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ۋۇدۇڭ كۆمۈر كېنىغا تەكلىپ بىلەن خىزمەتكە چۈشتى.
2012-يىلى، شىنجاڭغا تەلپۈنۈپ كەلگەن ئىچكى موڭغۇللۇق قىز جاڭ شيۇلەن يۇرتىدىكى خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، جاۋ پېيسۇڭ تۇرۇشلۇق شىركەتكە تەكلىپ قىلىندى.
جاڭ شيۇلەن شىركەتكە يېڭى كەلگەندە، ۋۇسەيۋەندىكى تارماق شىركەتكە تەقسىم قىلىندى، يېڭىلىق تۇيغۇسى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ ئۆينىڭ سىرتىدىكى بىپايان چۆللۈكتە لەپىلدەپ يېغىۋاتقان سېرىق قۇمنى كۆرۈپ، كۆز يېشى قىلدى، شۇ دەقىقىدە ئۇ ئۆزىنىڭ تاللىشىغا پۇشايمان قىلدى.
خىزمەتدىشى گو پىڭ ئەمدىلا شىنجاڭغا كەلگەن بۇ قىزچاققا دىققەت قىلغان ئىدى. ئۇ قىزچاق ئۆيىڭىزنى سېغىندىڭىزمۇ، يىغلىماڭ، ئاچىڭىز بار، قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بولسا ماڭا ئېيتىڭ، دېدى. نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، دەل جاڭ شيۇلەننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولدى، ئۇ يېڭى كەلگەندە تۇغۇلغان كۈنىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ دەپ ئويلىغانىدى، سەھەردە ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئاچقاندا، ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىغا ھەر خىل ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك قاچىلانغان قول سومكىسى ئېسىپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ گو پىڭنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن سوۋغىسى ئىدى، جاڭ شيۇلەن بۇنى كۆرۈپ تەسىرلىنىپ يەنە بىر قېتىم كۆز يېشى قىلدى.
مەمەتئىمىنمۇ جاڭ شيۇلەننىڭ خىزمەتدىشى بولۇپ، خۇشخۇي بۇ كىشى ياتاقنىڭ دېرىزىسىنىڭ بالكونىغا گۈل تېرىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇ ئۆزى يېتىشتۈرگەن گۈللەرنى خىزمەتداشلىرىغا سوۋغا قىلغاندىن باشقا، يەنە دائىم دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا سۇيۇقاش ئېتىپ خىزمەتداشلىرىنى مېھمان قىلاتتى. «قىزچاق كۆپرەك يەڭ، قورسىقىڭىز تويسا ئۆينى سېغىنمايسىز»... مەمەتئىمىن جاڭ شيۇلەن قاتارلىق يېڭى كەلگەن خىزمەتداشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى.
شىركەتكە بىر يىل بۇرۇن كەلگەچكە، پېشقەدەم خىزمەتچى ھېسابلىنىدىغان جاۋ پېيسۇڭمۇ دائىم جاڭ شيۇلەن ۋە بىر نەچچە يېڭى كەلگەن خىزمەتداشلىرىغا ياردەم بېرەتتى، جاڭ شيۇلەن ھەر قېتىم دەم ئېلىپ ئۈرۈمچىگە قايتماقچى بولغاندا، جاۋ پېيسۇڭ ئۇنى ۋە باشقا خىزمەتداشلىرىنى تاماققا، ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلاتتى. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن جاڭ شيۇلەن شىنجاڭنى ئاستا-ئاستا ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، شىنجاڭدا ماكانلىشىش نىيىتىگە كەلدى.
جاۋ پېيسۇڭ جاڭ شيۇلەنگە ئوخشاش ئىدارىگە يېڭى كەلگەندە نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئىدى. دەسلەپتە جاۋ پېيسۇڭ قۇدۇق ئاستىدا كۆمۈر قېزىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئەخمەت مۇراۋۇدۇن تەجرىبىسى مول پېشقەدەم ئۇستام ئىدى، كۆمۈر قازغاندا توكلۇق ئاپتوموبىل ھەيدەشكە توغرا كېلەتتى، ئۇ جاۋ پېيسۇڭغا قۇدۇق ئاستىدا قانداق بىخەتەر ھەيدەشنى ئەستايىدىل ئۆگەتكەندىن باشقا، يەنە ئۇنىڭغا تۈرلۈك مەشغۇلات قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى ئۆگەتتى.
قۇدۇق ئاستىدا خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا كۆپچىلىك نۆۋەتلىشىپ يەر ئۈستىگە چىقىپ قاچىلىق تاماق ئېلىپ كېلىشكە توغرا كېلەتتى، دەسلەپتە چېنىقىش يېتەرلىك بولمىغاچقا، جاۋ پېيسۇڭ قاچىلىق تاماقنى كۆتۈرۈپ پەلەمپەيدىن چىققاندا، بىر نەچچە قەدەم ماڭمايلا ھېرىپ ھاسىراپ كېتەتتى، پېشقەدەم بەنجاڭ لى جيالىن دائىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ كۆتۈرۈشۈپ بېرەتتى. ياخشى نىيەتلىك خىزمەتداشلىرى ۋە ئىدارە رەھبەرلىرىنىڭ غەمخورلۇقى بولغانلىقتىن جاۋ پېيسۇڭ ناھايىتى تېزلا خىزمەتكە ماسلىشىپ كەتتى.
جاۋ پېيسۇڭ بىلەن جاڭ شيۇلەن ئوخشاشلا يۇرتىدىن ئايرىلغانلىقتىن، خىزمەتداشلىرى بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتەتتى، يەنە كېلىپ ھەممىسى شىنجاڭنى ياخشى كۆرەتتى، يەنە ئۇلارنىڭ گېپى بىر يەردىن چىققاتتى، 2014-يىلى ئىككىيلەن شىنجاڭدا توي قىلىپ ماكانلاشتى.
گو پىڭ ئاچام ئاچچىق يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلغاندا ئاچچىق قورۇمىلارنى كۆپرەك ئېتىڭ»،«مەمەت ئاكام گۈل تېرىشنى ياخشى، كاۋاپ يېيىش ۋە سۇيۇق ئاش ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ» ..... توي قىلغاندىن كېيىن، جاۋ پېيسۇڭ ئايالى جاڭ شيۇلەن بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى خىزمەتداشلىرىنىڭ قانداق قىزىقىشى بارلىقىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۋالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جاڭ شيۇلەنمۇ ئېرى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بىر قىسىم خىزمەتداشلىرى بىلەن دوست بولۇپ قالدى. توي قىلغىنىغا ئون يىل بولدى، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ شىنجاڭلىق دوستلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، ھېيت-بايراملاردا كۆپچىلىك دائىم بىر يەرگە جەم بولۇپ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار خىزمەتتىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، جاڭ شيۇلەن 2019-يىلى دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مالىيە ئورتاق بەھرىلىنىش مەركىزىگە يۆتكەلدى، ھازىر پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولدى. جاۋ پېيسوڭ ۋۇدوڭ كۆمۈر كان بىخەتەرلىكى مۇھىت ئاسراش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولدى.
ئۇلار بوش ۋاقىتلىرىدا بالىلىرى ۋە دوستلىرىنى ئېلىپ سىرتقا ساياھەتكە چىقىدۇ، بالىلىرىنى ئېلىپ يۇرتىغا بارىدۇ، بىراق بىر مەزگىل سىرتقا چىققاندىن كېيىن شىنجاڭدىكى تۇرمۇشىنى سېغىنىدۇ. يېقىنقى بىر مەزگىلدە جاۋ پېيسۇڭ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تارماق شىركەتلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ: «شىنجاڭ تاماقلىرىنى بەك سېغىندىم، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۇيغۇچى يېمەيدىغان بولسام»، دەيدۇ.
11-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە، جاڭ شيۇلەن بالىسىنىڭ كۈندىلىك خاتىرە يېزىشىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقاندا، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمگەن ھالدا ئوغلىغا: «ئوغلۇم، مېھىر-مۇھەببەت بار جايدا ئائىلە بولىدۇ، شىنجاڭدا بىزنىڭ ئەڭ بەختلىك ئائىلىمىز بار»، دەيدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت