ئۇ 40 يىل خۇددى چوڭ دەرەخكە ئوخشاش ئائىلەمنى بوران-چاپقۇندىن ساقلاپ كەلدى
«شىنجاڭ ياخشى جاي» ── ئۇ 40 يىل خۇددى چوڭ دەرەخكە ئوخشاش ئائىلەمنى بوران-چاپقۇندىن ساقلاپ كەلدى
شىنجاڭ بۆرتالا شەھىرى دالت بازىرى دۇتئاۋا كەنتى. چىڭ شيۇپېڭ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى، ئۇ ئەمدىلا ئۆيگە كىرىشىگە كونا قوشنىسى قارىكاخۇن مامۇت بىلەن ئوغلى كىرىپ كەلدى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى مانا مۇشۇنداق پات-پات بىر-بىرىنى يوقلىشىپ تۇراتتى.
چىڭ شيۇپېڭ بۇ يىل 68 ياش، بورتالا شەھىرى دالت بازىرى دۇتئاۋا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى. قارىكاخۇن 63 ياش بولۇپ، ئائىلىسى ئىلگىرى چىڭ شيۇپېڭ ئائىلىسى بىلەن قوشنا ئىدى، ھازىر بورتالا شەھىرى كۆرگۈنجو كوچسى كۈەيلې مەھەللىسى كۈەيلې ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرىدۇ.
قارىكاخۇن مۇخبىرغا بۇ يىل بىنا ئۆي سېتىۋالغانلىقى، كەنتتىكى يەرلىرىنى ھۆددىگە بەرگەنلىكى، ئايالى بىلەن شەھەردە ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن، چىڭ شيۇپېڭ ئاكام پات-پات ئۆيۈمگە مېنى يوقلاپ كېلىدۇ. بەك ئالىدىراش بولۇپ كېلەلمىسە، باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ كۆكتات ۋە يەرلىك تۇخۇملارنى ئەكېلىپ بېرىدۇ.
قارىكاخۇن مۇنداق دېدى: مەن دۇتئاۋا كەنتىدە چوڭ بولغان، تەلىيىمگە چىڭ شيۇپېڭنىڭ ياردىمىدە بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۇق. چىڭ شيۇپېڭ 20 نەچچە ياش ۋاقتىدا سىچۈەندىن بۇ كەنتكە كېلىپ ئولتۇراقلاشقاندىن بۇيان، ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، بىز چىڭ شيۇپېڭ بىلەن ھەممە گەپنى دېيىشىدىغان ياخشى ئاكا-ئۇكىلاردىن بولۇپ قالدۇق.
قارىكاخۇننىڭ ئايالى مېھرىگۈل ياسىن توختىنىڭ بوغۇم ياللۇغى ۋە تۇتقاقلىق كېسىلى بار بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر ئاساسلىقى 13 مو يەرگە كېۋەز تېرىپ تاپقان كىرىمىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، تۇرمۇشى سەل غورىگىل ئىدى. چىڭ شيۇپېڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قىلچە ئىككىلەنمەستىن قارىكاخۇنغا ياردەم قولىنى سۇندى. ئەتىيازدا، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە تېرىقچىلىق قىلدى؛ كۈزدە، چىڭ شيۇپېڭ كەنت ئاھالىلىرىنى ئۇنىڭ پاختىسىنى تېرىپ بېرىشكە تەشكىللىدى.
قارىكاخۇن مۇنداق دېدى: «ئۈچ بالام مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، پۇل خەجلەيدىغان يەر كۆپ، مەن ھەر قېتىم چىڭ شيۇپېڭ ئاكامنى ئىزدەپ پۇل سورىسام، ئۇ ئەزەلدىن رەت قىلىپ باقمىدى». بولۇپمۇ 2016-يىلى، ئايالىم تاماق ئېتىۋاتقاندا تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغىلىپ، يىقىلىپ چۈشۈپ قايناق سۇدا كۆيۈپ قالدى، چىڭ شيۇپېڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ماشىنا بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى، يەنە كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يىغىپ ئىككى پىدائىيلار گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى، بىر گۇرۇپپا نۆۋەتلىشىپ ئايالىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، يەنە بىر گۇرۇپپا بالىلىرىمنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، تاماق ئېتىپ بەردى.
مېھرىگۈل بالنىستتا يېتىپ قالغان مەزگىلدە، چىڭ شيۇپېڭ يەنە باشلامچىلىق بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنى پۇل ئىئانە قىلىشقا تەشكىللىدى. مېھرىگۈل تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلىرى مېنى قۇۋۋەت تولۇقلىسۇن دەپ يەنە ماڭا كەپتەر ۋە چىلان ئەكېلىپ بەردى. بىزنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلغاندىن باشقا، چىڭ شيۇپېڭ بالىلارنى تەربىيەلەشكىمۇ ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى.
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى قارىكاخۇننىڭ قىزىنىڭ قورسىقى تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىغانلىقتىن، قارىكاخۇن دەرھال قىزىنى ئېلىپ يېقىن ئەتراپتىكى شىپاخانىغا داۋالاتقىلى باردى، ئىككى كۈن ئوكۇل سالدۇرغاندىن كېيىن، قىزىنىڭ كېسىلى يەنىلا ياخشىلانمىدى، قارىكاخۇن دەرھال چىڭ شيۇپېڭدىن ياردەم سورىدى. قارىكاخۇن مۇنداق دېدى: «چىڭ شيۇپېڭ ئاكام كېچىلەپ ماشىنا بىلەن بالامنى شەھەرگە ئاپاردى، يەنە پۇل چىقىرىپ دوختۇرغا قىزىمنى جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ئوپېراتسىيەسى قىلدۇردى. مېنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەم تۆۋەن، مەيلى قانداق ئىشقا يولۇقسام، چىڭ شيۇپېڭنى ئىزدەيمەن، ئۇ ئەزەلدىن ئاۋارىچىلىك دەپ قارىمىدى.
مېھرىگۈل مۇنداق دېدى: بۇلتۇر قىزىم ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندە، چىڭ شيۇپېڭ ياردەم قولىنى سۇنۇپ، دوستىغا ھاۋالە قىلىپ، قىزىمغا كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تېپىپ بەردى.
قارىكاخۇننىڭ ئوغلى مۇساجان مۇنداق دېدى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، مەن دائىم دادام بىلەن ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى دەپ گەپ تەگىشىپ قالاتتىم، چىڭ شيۇپېڭ تاغام بۇنى بىلگەندىن كېيىن، مېنى ئۆيىگە بېرىپ تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدى، يەنە سەۋرچانلىق بىلەن قائىدە سۆزلىگەندىن كېيىن، دادامغىمۇ ئاسان ئەمەسلىكىنى چۈشەندىم.
مۇساجان مۇنداق دېدى: چىڭ شيۇپېڭ تاغام ناھايىتى قىزغىن، ئۇ دائىم ماڭا پارچە پۇل بېرىدۇ، يەنە مېنىڭ ئوقۇشۇمنى پىلانلىشىمغا ياردەم بېرىدۇ، مېنى ھەربىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشكە، پىراۋا ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ھەر قېتىم سىرتتا ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغىنىمدا، ئۇنىڭغا دەردىمنى ئېيتىشنى ياخشى كۆرىمەن، چىڭ شيۇپېڭ تاغام دادامدەك مۇلايىم ۋە يېقىملىق.
بورتالا شەھىرى كۆرگۈنجو كوچىسى كۈەيلې مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ بىڭچىڭ مۇنداق دېدى: قارىكاخۇن ئائىلىسىدىكىلەر ئاق كۆڭۈل، ياۋاش، ئادەتتە قوشنىلىرىغا ياردەم بېرىپ تۇرىدۇ، مەھەللە ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتى تەشكىللىسەكلا، ئۇلار ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. ئولتۇراق رايوندا كىمنىڭ ئۆيىدىكى جۈمەك بۇزۇلۇپ قالسا، قايسى ئىگە-چاقىسىز ياشانغان كىشى دورا سېتىۋېلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولسا، قارىكاخۇن ئائىلىسىدىكىلەر ياردەم قىلىدۇ.
قارىكاخۇن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: 40 يىل بولدى، ئۇ چوڭ دەرەخكە ئوخشاش ئائىلىمىزنى بوران-چاپقۇندىن ساقلاپ كەلدى، ئۇ مېنىڭ ئالدىراڭغۇ مىجەزىمنى قوبۇل قىلدى، ئوغۇل-قىزلىرىمنىڭ ئوقۇشىنى پىلانلاپ، كىشىلىك ھايات نىشانىنى تىكلىشىگە ياردەم بەردى... ھازىر ئائىلىمىزدىكىلەر بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، پىكاپ سېتىۋالدۇق، بۇ دوستلۇقنى بىر ئۆمۈر قەدىرلەيمىز.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەد، ئىمىنجان ئىسمايىل، گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد، ئىمىنجان ئىسمايىل، گۈزەلنۇر روزى