شىنجاڭدا قار-مۇز ئىقتىسادى يېڭى مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى
ئەمدى «ئورتاق گەۋدىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى مۇساپىگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنايلى» ماۋزۇلۇق ئالاھىدە خەۋىرىمىزنىڭ «شىنجاڭدا قار-مۇز ئىقتىسادى يېڭى مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى» دېگەن قىسمى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ:
شىنجاڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى پىڭشىلياڭ كەنتىدىكى پۇقراۋى قونالغۇنىڭ بولكونىدا تۇرۇپ، جەنۇبقا نەزەر سالساق، ئېگىز ـ پەس تاغلار ئارىسىدا، كۈمۈش رەڭلىك قارلىق يول خۇددى تاغ چوققىسىدىن ئېقىپ چۈشىۋاتقان شارقىراتمىغا ئوخشايدۇ، ئۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى S5 دەرىجىلىك چاڭغا تېيلەش مەيدانى ـ يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى بولۇپ، ھەر بىر قار پەسلىدە ئۈچ-تۆت يۈز مىڭ قار تېيىلىش ھەۋەسكارىنى كۈتۈۋالىدۇ.
ئىلگىرى پىڭشىلياڭ كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، دېھقانلار يەر تېرىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، قىشتا قار يېغىپ يوللارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىن، يول يۈرۈشنىڭ قىيىنلىشىپ كېتىشىدىن بەك ئەنسىرەيتتى. يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ كىچىك كەنت قار-مۇز ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ئۆزگىرىش سەپىرىنى باشلىدى. كەنتتىكىلەر چاڭغا تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلدى، پۇقراۋى قونالغۇ ئاچتى، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىغا مۇلازىمەت قىلدى... 2023-يىلى بۇ كەنتنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئوتتۇرىچە كىرىمى 38 مىڭ 890 يۈەنگە يەتتى. 2024ـ يىلىدىن 2025ـ يىلىغىچە بولغان قار پەسلىدە، كەنتنىڭ «قار ـ مۇز ئىشلىرىدا» يەنە ئىش ياخشى باشلاندى.
پىڭشىلياڭ كەنتىدىكى ئۆزگىرىش قار-مۇزلۇق جاينىڭ بايلىققا ئايلانغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، شۇنداقلا قار -مۇز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ گۈزەل كارتىنىسى.
شىنجاڭنىڭ قار-مۇز ئىقتىسادىنىڭ قەد كۆتۈرۈش ۋەزىيىتىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ.
قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى قار -مۇز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ھازىر شىنجاڭدىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ سانى 101 گە يەتتى، يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى، ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى، كۆكتوقاي خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا داڭ چىقاردى.
قار-مۇز پائالىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن قار-مۇز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «يېڭى مۇسابىقە يولى»، «جۇڭگو قار يۇرتى»، «پاكىز تۇپراق قاناس- قار يۇرتى ئالتاي»، «ئىنسانلارنىڭ چاڭغا تېيىلىش مەنبەسى» قاتارلىق داڭلىق ماركىلار شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىدا نام قازاندى. ئۇدا 18 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى، شۇنداقلا ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمى، ئۆلۈڭگۈر كۆلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى، شىنجاڭ قار بايرىمى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم قار ـ مۇز بايرىمى پائالىيەتلىرى شىنجاڭنىڭ قار ـ مۇز ئىقتىسادىنىڭ ماركىسىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى.
قار ـ مۇز ۋە مەدەنىيەت ـ ساياھەت، تەنتەربىيە، پەن ـ تېخنىكا، قاتناش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى قار ـ مۇز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى قوزغاتتى. مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى قار - مۇز مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ قېزىپ، ئۆزگىچە قار - مۇز ساياھەت لىنىيەسى ۋە تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتتى؛ تەنتەربىيە تارماقلىرى قار-مۇز تەنھەرىكىتى مۇسابىقىسى ۋە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتى بىلىملىرى ۋە ماھارىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، تەنھەرىكەت كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، مەيدان ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى؛ قاتناش تارماقلىرى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىش، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىش، قار ـ مۇز ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى يولغا قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ساياھەت قاتناش مۇلازىمىتى كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى ...... شىنجاڭنىڭ قار ـ مۇز ئىقتىسادىي تەرەققىياتى كەڭ ئىستىقبالنى كۈتۈۋالدى.
شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئۆزىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مۇناسىپ قار-مۇز ئىقتىسادىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە سىياسەت -تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، قار-مۇز كەسپىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، رايون ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قار-مۇز ئىقتىسادىنىڭ رايونلار ئارا ماس تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈردى. «جۇڭگو قار يۇرتى» ئالتاي مول قار ـ مۇز بايلىقىغا تايىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن داڭلىق چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى بەرپا قىلدى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى قاتناش، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قار ـ مۇز ساياھىتى، قار-مۇز مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى پائال تەرەققىي قىلدۇردى.
قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى شامىلى شىنجاڭ زېمىنىنى قاپلىدى، قار-مۇز مۇسابىقىلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، قار ـ مۇز ئىستېمالى ئەۋج ئېلىپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى، قار ـ مۇز مەدەنىيىتى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، قار-مۇز كەسىپلىرى ئۆزئارا تۇتىشىپ زەنجىر ھاسىل قىلدى ... چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، ماس تەرەققىي قىلىپ، قار-مۇز ئىقتىسادى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك ئىستېمال مەنزىرىسى ۋە مەھسۇلات شەكلى يارىتىلىپ، كەسىپ زەنجىرى ئۇزارتىلىپ، كەسىپ قوشۇلما قىممىتى ئاشۇرۇلۇپ، ماس تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى. قار-مۇز ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا.
تەرجىمان:ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت