شىنجاڭ ئۇچتۇرپاندىكى 7.1 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئامما قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزمەكتە
قەدىرلىك دوستلار، زىمىستان قىشتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىسى بوز كەنتىدىكى بەخت يېڭى رايونىدا، قاتار-قاتار يېڭى ئۆيلەر كەچكى شەپەق نۇرىدا ئىللىق ۋە خاتىرجەم كۆرۈنەتتى.
2024-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەردە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى، تەسىر دائىرىسى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن بولغان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىككى جايدىكى قىسمەن ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشتى ياكى بۇزۇلدى. 2024-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان 41 ئائىلە بەخت يېڭى رايونىغا كۆچۈپ كىرىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.
ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بىلەن ئاقچى ناھىيەسى تيانشان تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى بىلەن تارىم ئويمانلىقى تۇتىشىدىغان تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن بىر قەدەر ئېگىز، قىش پەسلى بىر قەدەر سوغۇق. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، بۇ ئىككى جاي يېزا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيى سېلىش ۋە چارۋا بېقىش نۇقتىلىرىدا بىخەتەر ئۆي سېلىش قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى، يېڭى ئۆيلەرگە شارائىتقا قاراپ گاز يېقىلغۇلۇق تام مەش ئورنىتىش، توك بىلەن ئىسسىتىش ۋە مەش ئورنىتىپ كۆمۈر قالاش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىندى.
كەنت ئاھالىسى ئامانگۈل راخماننىڭ 80 كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆيى پاكىز، يورۇق، ئىللىق، ئازادە ئىدى، ئۆينىڭ سىرتىدا يەنە 30 كىۋادرات مېتىرلىق ئامبار بار بولۇپ، تۇرمۇش رايونى بىلەن باقمىچىلىق رايونىنى ئايرىلغان. ئامانگۈل راخمان مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت كۆپ قىسىم ئۆي قۇرۇلۇشى خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالدى، ئائىلىمىز قىلچە ئىككىلەنمەستىن يېڭى ئولتۇراق رايونغا كۆچۈشنى تاللىدى. ھازىر ئۆينى ئاساسەن توك بىلەن ئىسسىتىمىز.
ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ لى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قىش كىرگەندىن بۇيان، كونا ئۆيلەردىن يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بىر قىسىم توك بىلەن ئىسسىتىش ئۈسكۈنىلىرىدە مەسىلە كۆرۈلدى. يېزا بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ، كاشىلىنى تۈگەتتى، نۆۋەتتە، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى تەسىرگە ئۇچرىمىدى.
ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ۋە ئاقچى ناھىيەسىدە، يەنە ئاز بىر قىسىم قىرغىز چارۋىچىلار ئەنئەنىۋى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، چارۋىچىلار مال بېقىپ قىشتىن ئۆتىدىغان «قىشلاق ئۆينى» ئۆزلىرى سالغان.
57 ياشلىق تۇردى مەمەت ئۆمەر ئاقچى ناھىيەسى قۇلانسارىق يېزىسىنىڭ بېدىل كەنتىدىكى چارۋىچى بولۇپ، ھەر يىلنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ۋاقىتتا چارۋىچىلىق نۇقتىسىدا چارۋا باقاتتى. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئۇ تۇرۇۋاتقان «قىشلاق ئۆي» پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
2024-يىلى 9-ئايدا، تۇردى مەمەت ئۆمەر يەرلىك ھۆكۈمەت چارۋىچىلىق نۇقتىلىرىدا ھەقسىز تەمىنلىگەن رەڭلىك پولات تاختىلىق ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. رەڭلىك پولات تاختىلىق ئۆينىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش قەۋىتىنىڭ قېلىنلىقى 15 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، ئۆي ئىچىگە يەنە كاڭ، كۆمۈر قالايدىغان ئوچاق، ئوت ئۆچۈرگۈچ، ئىس-تۈتەكتىن سىگنال بەرگۈچ ۋە يورۇقلۇق ۋولت توك چىقىرىش تاختىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن. گەرچە سىرت سوغۇق بولسىمۇ، رەڭلىك پولات تاختىلىق ئۆينىڭ تېمپراتۇرىسى باشتىن-ئاخىر 20 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولدى. تۇردى مەمەت ئۆمەر ھۆكۈمەت يەنە «تۆۋەن باھالىق كۆمۈر» بىلەن تەمىنلەپ، قىشتىن ئىسسىق ئۆتۈشىمىزگە كاپالەتلىك قىلدى دېدى.
ئاقچى ناھىيەسى قۇلانسارىق يېزىسى ئاقتەكتىر كەنتىنىڭ ئاھالىسى قايرات ئىسلام ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مېھمانخانا ئۆيدە ئولتۇرۇپ، پاراڭلاشقاچ، مەززىلىك تائاملار بىلەن غىزالاندى. بۇ قېتىم يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئەسلىدىكى ئورنىغا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيلەر قايتا سېلىنغاندا، ئۇ ئۆينى ئىسسىتىش ئۈچۈن گاز يېقىلغۇلۇق تام مەش ئورناتتى، يەنە پول ئاستىغا پار تۇرۇبىسى ياتقۇزدى. قايرات ئىسلام ھازىر گاز كىلاپانىنى تولغاپ، تام مەشنىڭ ۋىكليۇچاتېلىنى ئاچساقلا، سۇ دەرھال ئىسسىيدۇ، پولنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ تەدرىجىي ئۆرلەيدۇ، شەھەر تۇرمۇشىغا ئوخشاش قولايلىق دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2024-يىلى ئاقچى ناھىيەسىدە يېڭىدىن سېلىنغان چارۋىچىلىق نۇقتىسىدىكى 2073 يۈرۈش بىخەتەر ئۆي ۋە 1851 يۈرۈش ئۆينىڭ ھەممىسى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. ئاقچى ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئالىمخان مەمەتروزى مۇنداق دېدى: ناھىيەمىزنىڭ يېزىلىرىدىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيلەر ئۈچ خىل ئۆي شەكلىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ئۆز ئالدىغا تاللىدى. ھۆكۈمەت 40 كىۋادرات مېتىر يەرنىڭ خىراجىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلدى، ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى ئامما ئۈستىگە ئالدى ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ يىللىق ياردەم ئۆسۈملۈك قەرزىدىن بەھرىمەن بولدى، بۇ ئارقىلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكى يېنىكلىتىلدى.
ئاقچى ناھىيەسى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، قۇرۇلۇش مۇددىتى قىسقا بولغاچقا، شۇ جاي قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈش مۇددىتىگە جىددىي تۇتۇش قىلىپ، ئىش باشلاش، قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈش ۋە كۆچۈپ كىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشنى يېڭى ئۆيدە ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئاقچى ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ياۋ بىنبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ناھىيەمىز بىناكارلىق ساھەسىگە ئالاقىدار بەلگىلىك كەسپىي ماھارەتكە ئىگە خادىملارنى ھەر قايسى يېزا-بازار (مەيدان)لارغا مەخسۇس سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىسى بولۇشقا ئەۋەتىپ، ھەر كۈندىكى ئۆي سېلىش ئەھۋالى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ، يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ما جيەنجۈن مۇنداق دېدى: ناھىيەمىزدە يېڭىدىن سېلىنغان چارۋىچىلىق نۇقتىسىدىكى 411 يۈرۈش بىخەتەر ئۆي ۋە 249 يۈرۈش ئۆي شۇنداقلا رېمونت قىلىنىپ پۇختىلانغان 714 يۈرۈش ئۆي ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا تولۇق تاپشۇرۇپ بېرىلدى. يېزا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيلىرى ئائىلىدىكى نوپۇس سانىغا ئاساسەن 60 كىۋادرات مېتىر ۋە 80 كىۋادرات مېتىر دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما يېڭى رايونغا كۆچۈش، ئەسلىي ئورنىغا قايتا سېلىش ياكى شەھەرگە كىرىپ ئۆي سېتىۋېلىشنى ئۆز ئالدىغا تاللىدى شۇنداقلا ھۆكۈمەت مۇناسىپ نىسبەتتە تولۇقلىما بەردى.