شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى
باش شۇجى شى جىنپىڭ 2022-يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە: بىڭتەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى تەڭداشسىز. كۆپچىلىكنىڭ بىڭتۈەن روھىنى ئەۋىج ئالدۇرۇپ، داۋاملىق تىرىشىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، بىڭتۈەننى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دەپ تەكىتلىدى.
مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقۇرىلىدى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئاساسى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۈندىن-كۈنگە يېڭىلاندى.
ھازىر 91 ياشقا كىرگەن جىن ماۋفاڭ «ياش شەھەر» شىخەنزە شەھىرىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، ئۇ ھازىرمۇ «ياش شەھەر» دېگەن بۇ شېئىرنى دائىم ئوقۇپ تۇرىدۇ. جىن ماۋفاڭ پىرسوناژ قىلىنغان «ئايال تىراكتورچى» ئوبرازى ئىلگىرى 3-يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ بىر يۈەنلىك قەغەز پۇلىغا بېسىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن نۇرغۇن جايلارغا بارغان، بۇ شەھەر ئەڭ ياش شەھەر، شۇنداقلا چىرايلىق شەھەر، كۆرگەنلا كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ.
تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پارچە-پارچە توغراقلىقلار، ياپيېشىل بوستانلىقلار بار، بىڭتۈەن باشقۇرۇشىدىكى شەھەرلەر ئارىسىدا تۈپتۈز، ئازادە يوللار گىرەلىشىپ كەتكەن، زامانىۋى ئىمارەتلەر قاتار-قاتار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، زامانىۋى شەھەرلەر ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ.
بىڭتۈەننىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى مىڭ چاقىرىملىق چېگرا لىنىيەسىدە، چېگرانى چارلاش، قوغداش ۋەزىپىسىنىڭ ئىز باسارلىرى بار. 2017-يىلى ۋېي شيا شەندۇڭدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئاھالىلەر شالاڭ جۇڭگو-قازاقىستان چېگراسىغا بېرىپ، ياشىنىپ قالغان دادىسى ۋېي دېيوۋنىڭ ئىزىنى بېسىپ، بىڭتۈەننىڭ خىزمەتچىسى ۋە چېگرا قوغدىغۇچىسى بولدى. بىڭتۈەن 10-شىسى 185-تۈەنىنىڭ چېگراسىدا ما جۈنۋۇ ئايالى بىلەن قاراۋۇلخانىنىڭ يېنىغا يېڭىدىن چېگرانى قوغداش ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسى قۇرۇپ چىقتى، ئۇلار جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭتۈەننىڭ چېگرا ئۇل ئەسلىھەلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، چېگرا مۇداپىئە ئەسلىھەسى، چېگرا مۇداپىئە قوماندانلىق مەركىزى، ئالدىنقى ئۇچ سېزىش سىستېمىسى قاتارلىق «ئاقىل چېگرا مۇداپىئەسى» ماس قەدەمدە قۇرۇلۇپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش، توسۇشتىن ئىبارەت تۆت «توسۇق» ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، 2019 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسىدە خەلق مۇداپىئەسى، تېخنىكىلىق مۇداپىئە، ماددىي مۇداپىئە ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلدى.
بىڭتۈەننىڭ خەلق ئەسكەرلىرى مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئادا قىلىشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى قوغداپ چېگرانى مۇستەھكەملەش جەھەتلەردە ئىزچىل مۇھىم رول ئوينىدى.
يېڭى دەۋردە، بىڭتۈەن ئىقتىسادى يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېز تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ، چېگرا رايوننىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى بىڭتۈەننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى شىنجاڭنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەپ، 369 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتكەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 2023-يىلى بىڭتۈەننىڭ كىشى بېشى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ھالقىپ، كىشىلەرنىڭ ئىلكىدىكى كىرىمى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
ھازىر، بىڭتۈەن ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، 2023-يىلى بىڭتۈەننىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %0.39 نى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي مەھسۇلاتنىڭ %10.2ئېشىشغا تۆھپە قوشتى، پاختا مەھسۇلاتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىدى، سانائەت كىرېمنىيسى، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي مەھسۇلاتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئايرىم-ئايرىم %21.9 ۋە %17.2 نى ئىگىلىدى. جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تەتقىقات مۇتەخەسسىسى، تارىم داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ ئەيپىڭ: بىڭتۈەن زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش جەريانىدا، بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك «نام كارتىسى كەسپى» نى يېتىشتۈردى، بۇ رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۈچ ئاتا قىلىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ، دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا