ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭنىڭ كورلىدىكى ئىللىق «شوپۇرلار ئائىلىسى»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-03 12:20

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كورلا شەھىرى شىڭخوڭبو ئەشيا ئوبوروت باغچىسى «شوپۇرلار ئائىلىسى»دە ئارام ئېلىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى ماختاپ: ئىلگىرى يولدا يۈرگەندە، ئاپتوموبىل توختىتىش، تاماق يېيىش، ئۇخلاش، يۇيۇنۇش قاتارلىق ئىشلار قولايسىز ئىدى، ھازىر خۇددى ئۆز ئۆيىمىزگە ئوخشاش ئارام ئالىدىغان جاي بار بولدى، بۇنىڭدىن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق، دېيىشتى.
450 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ «شوپۇرلار ئائىلىسى»دە تېلېۋىزور، سافا، مۇنچا، تازىلىق ئۆيى، كىر يۇيۇش ئۆيى ......بار. پائالىيەت رايونى كەڭ، ئازادە، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولۇپ، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ دەم ئېلىش، يۇيۇنۇش، ھاجەتخانىغا بېرىش قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالايدۇ.
يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى جياڭ ديەنخەي دائىم بېيجىڭدىن ئۈرۈمچى، كورلىغا بېرىپ كېلەتتى، تۆت، بەش كۈنلۈك مۇساپىدە دائىم مۇلازىمەت رايونىدا يۈزىنى يۇيۇپ بولۇپلا، ئاپتوموبىلدا ئارام ئالاتتى، كورلا شەھىرىنىڭ دۆلەت يولى 218 لىنىيەسىگە يېقىن ئەشيا ئوبوروت باغچىسىغا يېڭىدىن «شوپۇرلار ئائىلىسى» قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ يەرگە كېلىپ سىناپ باقتى. جياڭ ديەنخەي مۇنداق دېدى: ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇپ، ھورى چىقىپ تۇرغان ئىسسىق چۆپ يەپ، يۇمشاق سافادا بىردەم ئۇخلىۋالدىم. بۇ «ئائىلە» بەك ئىللىق ئىكەن، مەن بەك ياقتۇردۇم.
كورلا شەھىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى، كەسىپنىڭ گۈللىنىشى ئەشيا ئوبوروتىنى ئاۋاتلاشتۇردى، كورلا شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ دائىم يۆتكىلىپ تۇرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن، 2022- يىلىدىن باشلاپ، كورلا شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يۈك تىرانسپورتى، ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى ئۇيۇشمىسى قۇرۇش، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ ئۇيۇشمىغا كىرىشىنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى زىچ رايون، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇلازىمەت رايونى، ماي، گاز قاچىلاش پونكىتى قاتارلىق جايلاردا ئەسلىھەلىرى تولۇق، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان يەتتە «شوپۇرلار ئائىلىسى»نى قۇردى.
ئەشيا ئوبوروت باغچىسىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل شىنجاڭ 566 ئالاقە تورى پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئۆمەرجان روزى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تور سىرتىدا «شوپۇرلار ئائىلىسى» قۇرغاندىن باشقا، شىركەت يەنە ئىككى دۇكاننى بىر دورا دۇكىنى ۋە بىر ساتىراشخانىغا ھەقسىز ئىجارىگە بېرىپ، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ بازار باھاسىدىن تۆۋەن مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا قولايلىق ياراتتى. بۇنىڭدىن باشقا، شىركەت يەنە بىر تور سۇپىسى قۇرۇپ، كەڭ يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىغا تېخىمۇ توغرا مۇلازىمەت قىلدى، شوپۇرلار بۇ سۇپىدا ئىشچى ئىشلىتىش ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىيەلەيدۇ، ھوقۇقىنى قوغدىيالايدۇ، تەكلىپ بېرەلەيدۇ ياكى ياردەم تەلەپ قىلالايدۇ.
يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى ئابلىز مەتقاسىم دائىم يېقىن ئەتراپتىكى بازارلارغا مال ئاپىرىپ ئەكېلەتتى، دائىم «شوپۇرلار ئائىلىسى»دە غىزالىناتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ۋاقتىم بولسىلا، مەن بۇ يەرگە كېلىپ، ئادەم ئىشلىتىش ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەپ، سۇ ئىچكەچ ئارام ئالىمەن.
كورلا شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى «شوپۇرلار ئائىلىسى» دىن ئىبارەت بۇ مۇلازىمەت بازىسىغا تايىنىپ، نۇرغۇن سالامەتلىك تەكشۈرۈش، چوڭ سوۋغات تەقدىم قىلىش، بايرام، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. كورلا شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ لىگاڭ: كۆپچىلىكنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بىز يەنە مۇلازىمەت مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بۇ يەرنى «شوپۇرلار ئائىلىسى» ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز، دېدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭنىڭ كورلىدىكى ئىللىق «شوپۇرلار ئائىلىسى»

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كورلا شەھىرى شىڭخوڭبو ئەشيا ئوبوروت باغچىسى «شوپۇرلار ئائىلىسى»دە ئارام ئېلىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى ماختاپ: ئىلگىرى يولدا