ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ يېشىللىق دائىرىسىنى كېڭەيتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-05-12 16:34

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى يېشىللىق دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغان نۇقتىلىق رايون-تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. جايلار يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش، بىيو جانلىقلار ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش، ئۆزگىچە قۇملۇق كەسپى بويىچە ئۈلگىلىك تۈرلەر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق «يوچۇقنى ئېتىش» مۇداپىئە بەلبېغىنىڭ كەڭلىكىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، «يوچۇقنى ئېتىش» ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملىدى.
2024-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ «يوچۇقنى ئېتىش قۇرۇلۇشى» تۇتاشتۇرۇلغاندىن بۇيان، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى قۇمنى تىزگىنلەش جېڭى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشنىڭ دائىملىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
بۇ يىل، شىنجاڭ 11 مىليون 940 مىڭ 100 مو كېلىدىغان «ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى» قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى پىلانلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى قۇمنى تىزگىنلەش جېڭىدە تاماملىنىدىغان ۋەزىپە 8 مىليون 440 مىڭ مو بولۇپ، يېشىل مۇداپىئە تورىنى زىچ، قېلىن توقۇش تېزلىتىلىدۇ.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسى ئارال-خوتەن تاشيولىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئامما قۇم تىزگىنلەش نۇقتىسىدا، 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا تىكىلگەن بوراندىن مۇداپىئەلىنىدىغان، قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان 10 مىڭ مو يەردىكى جىگدىلەر ۋە يۇلغۇنلار كۆكلىدى.
خوتەن ناھىيەلىك ئورمان-يايلاق ئىدارىسى ئورمان، ئوتلاق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ شېڭخۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قۇرغاقچىلىققا، شورغا، ئۈنۈمسىز تۇپراققا چىداملىق، ھەم ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە دەرەخ تۈرلىرىنى تاللاپ تىكىش ئارقىلىق، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتۇق. ئاممىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشى بىلەن، ئورمان ئەھيا قىلىپ قۇمنى تىزگىنلەشنىڭ كېيىنكى پەرۋىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدۇق.
كېرىيە ناھىيەسى شىنىڭ-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ غەربىدە، 2024-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى « يوچۇقنى ئېتىش قۇرۇلۇشى» لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، ئەتىرگۈل مايسىلىرى كۆكىرىشكە باشلىدى، قاتار-قاتار رەتلىك ياتقۇزۇلغان تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغى يىراققا سوزۇلدى.
كېرىيە ناھىيەلىك ئورمان-يايلاق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ دۇڭخۇي: كەلگۈسىدە بۇ يەر قۇم دېڭىزى بويىدىكى مەنزىرە بەلبېغىغا ئايلىنىدۇ، دېدى.
شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى قۇمنى تىزگىنلەش جېڭىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مەبلەغ، سۇ، يەر ئىشلىتىش قاتارلىق «توققۇز تەدبىر»نى يولغا قويۇپ، سىياسەت، مەبلەغ، پەن-تېخنىكا قاتارلىق جەھەتتىكى قوللاشنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەشكە مەركەزلىشىشىگە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.
كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي شيەنفۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دېھقانلارنىڭ قۇمنى تىزگىنلەپ تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، سۇ، توك، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالدى. ھازىر ئارال يېزىسى قۇملۇق ئەتىرگۈل تېرىقچىلىقىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق كۆپ خىل زىرائەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ تېرىدى. شۇ جايدىكى 230 تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى 29 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرنى ھۆددىگە ئالدى.
سەي شيەنفۇ: كۆپ مەنبەلىك تېرىقچىلىق دېھقانلارنىڭ خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈردى، كەسىپنى ئېكولوگىيەلەشتۈردى، دېدى.
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىنىڭ ئورمان ئەھيا قىلىپ قۇمنى تىزگىنلەش رايونى چەت-يىراق رايوندا، شايار ناھىيەسى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قۇمنى تىزگىنلەشتە توك، سۇ ئىشلىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قۇملىشىپ كەتكەن 2000 مو يەرنى بىر سۇغىرىش بىرلىكى قىلىپ، كىچىك تىپتىكى تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ۋولت توك چىقىرىش سىستېمىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىشتىن پايدىلىنىپ، يەر ئاستىدىكى تېيىز قاتلامدىكى ئاچچىق، تۇزلۇق سۇنى تارتىپ، سۇ تېجەپ سۇغىرىپ، سۆكسۆك، يۇلغۇن قاتارلىق قۇمنى تىزگىنلەش ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۆستۈردى.
شايار ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ياڭ جۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىپ، سۇ تارتىش سىستېمىسىدىن 30 نەچچىنى قۇرۇپ، قۇمنى تىزگىنلەپ ئورمان ئەھيا قىلىش كۆلىمىنى 63 مىڭ موغا يەتكۈزدۇق، ئەھيا قىلغان ئورماننىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %80 تىن ئاشتى.
شايار ناھىيەسى قۇم تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، يەنە ئەسلىدىكى يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش، سۇ تارتىش ئاساسىدا ئاچچىق، تۇزلۇق سۇنى تۇزسىزلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاچچىق، تۇزلۇق سۇنى تۇزسىزلاشتۇرۇپ يەرنى ياخشىلاش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇردى. ياڭ جۇ: بازىدىكى بۇغداي، بەسەي، قىچىنىڭ ئۆسۈشى ياخشى، كەلگۈسىدە تۇزلۇق سۇنى تۇزسىزلاشتۇرۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق، قۇملۇق رايون باغ-ئورمان كەسپى ۋە ئاشلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئۈمىد بار، دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ يېشىللىق دائىرىسىنى كېڭەيتتى

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى يېشىللىق دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغان نۇقتىلىق رايون-تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. جايلار يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش،