«كۇچا ئۈلگىسى» بەرپا قىلىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى
سەھەردە قۇياش نۇرى كۇچا شەھىرىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى يۇڭكۇ توڭشىن كەنتىنى ئويغاتتى، ئەلى كېرەم توكسىكلىتنى مىنىت كەنت يولىدا يۈرۈپ كەتتى. سۇس كۆك رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيگەن بۇ يىگىتنىڭ ھازىر يېڭى سالاھىيىتى بار، ئۇ بولسىمۇ يۇڭكۇ تۇڭشىن كەنتى ئاقىل يېزا ئىگىلىك ئۆسۈملۈك زاۋۇتىنىڭ تېخنىكى. ئۇ: مەن ھازىر «پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى»، يان تېلىفۇن بىلەن سكانىرلىساقلا بۆلجۈرگەننىڭ ئۆسۈش سانلىق مەلۇماتىنى كۆرگىلى بولىدۇ، دېدى.
ئاقىل يېزا ئىگىلىكى ئۆسۈملۈك زاۋۇتىدا، ستېرېئولۇق ئۆستۈرۈش جازىسىدا بۆلجۈرگەنلەر قىپقىزىل پىشقان، يېشىل كۆكتاتلار ناھايىتى ياخشى ئۆسكەن ئىدى. تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى زىرائەتلەرنى پەسىل چەكلىمىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، يىل بويى ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەلى كېرەم ۋە 25 كەنت ئاھالىسى بۇ يەردە مايسا يېتىشتۈرۈش، سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلەش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، يىللىق كىرىمىنى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا: ئىلگىرى يەر تېرىغاندا تەبىئەتكە تايىنىپ جان باقاتتۇق، ھازىر تېخنىكىغا تايىنىپ كىرىمىمىز ئاشتى، دېدى.
ئاقىل يېزا ئىگىلىكى ئۆسۈملۈك زاۋۇتى قۇرۇلدى، ئىلگىرىكى چەت، يىراق كەنت3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى، ئەنئەنىۋى دېھقانلار «پەن-تېخنىكىلىق دېھقانلار»غا ئايلاندى ... بۇ تۈر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى ئورتاق بېيىش كارخانىسى بولۇپ، ھەر يىلى كەنت كوللېكتىپى ئۈچۈن تەخمىنەن 600 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ، شۇنداقلا كۇچا شەھىرىنىڭ ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈلگىسى.
كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇچا بازىرىدىكى يۇڭكۇ جېنشىڭ كەنتىگە كېلىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغاندا، كۆل يۈزىدە زۇمرەتتەك دولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى، توپ-توپ ياۋا ئۆردەكلەر كۆۋرۈك ئاستىدا ئوينىشىۋاتاتتى، قاتار-قاتار ئولتۇراق ئۆيلەر بار ئىدى. ئۈچ يىل ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ قاقاسلىق ئىكەنلىكىنى كىممۇ ئويلاپ باققان دەيسىز.
كۇچا شەھىرى جېجياڭنىڭ «مىڭ تۇمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، يېزا-كەنت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، يورۇتۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويدى، ئۇچا بازىرىنىڭ ئۇچا 1-كەنتىدىن ئىبارەت ئىلگىرى چۆل-جەزىرە بىلەن قوشنا بولغان بۇ كىچىك كەنت «ناھايىتى گۈزەل» يۇڭكۇ جېنشىڭ كەنتىگە ئايلاندى.
ياز كۈنلىرى كەچقۇرۇن، يۇڭكۇ جېنشىڭ كەنتىنىڭ مەدەنىيەت مەيدانىدا شادىيانە مەشرەپ مۇزىكىسى ياڭرىدى، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناپ، بىر كۈنلۈك ئەمگەك ھاردۇقىنى چىقاردى. يۇڭكۇ جېنشىڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى رىزۋانگۈل ئەبەي مۇنداق دېدى: بىز خۇشال چاغلاردىن ھۇزۇرلاندۇق، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگەندۇق، يەنە نان ۋە كەشتە بۇيۇملىرىنى ساتتۇق، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كەتتى.
يۇڭكۇ جېنشىڭ كەنتى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئاممىنى تەشكىللەپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» باش تېمىسىدىكى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ «يېشىل پەن-تېخنىكىسى» دىن مۇھىتنى ئاسرايدىغان «يېشىل ئېكولوگىيە» گىچە، ئاندىن شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ «يېشىل بەلبېغى» گىچە، «كۇچا ئۈلگىسى» يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ كۆپ مەنبەلىك يولىنى ئىزاھلاپ بەردى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا