ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئابدۇرېشىت مەمەت: كوئېنلۇن پوچتا يولىدىكى قىزىل ئانار دانىسى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-22 11:52

ئىسىم-فامىلەم ئابدۇرېشىت مەمەت، ئۇيغۇر، 1971-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، 2015-يىلى 7-ئايدا پارتىيەگە كىردىم، 2007-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ قاغىلىق ناھىيەلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولدۇم، پوچتالىيون بولغىنىمغا 18 يىل بولدى.
تاڭ نۇرى تۇنجى بولۇپ كوئېنلۇن تېغىدىكى قارغا چۈشتى، زەرەپشان دەرياسىنىڭ مۇزلىرى تاڭ شەپىقىدە چاقنىدى. مەن ئەڭ ئاخىرقى بىر باغلام گېزىت-ژۇرنالنى قارامتۇل يېشىل رەڭلىك پوچتا ئاپتوموبىلىغا سالدىم، ماشىنا گەۋدىسىدىكى «جۇڭگو پوچتىسى» دېگەن خەت تاڭ نۇرىدا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. ئادىتىم بويىچە مەيدەمدىكى پارتىيە ئىزنىكىنى سىلاپ قويدۇم، موتورنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازى ئوزۇقلۇق ئىزدەۋاتقان قۇشقاچنى چۆچۈتۈۋەتتى. تاغلىق رايوندىكى ئۈچ يېزا-بازارنى كېسىپ ئۆتىدىغان بۇ پوچتا يولىدا توپتوغرا 18 يىل ماڭدىم، 430 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئاپتوموبىل ئىزى قىزىل ئانار دانىسىدەك ساپ قەلبكە گۇۋاھ.
چاق ئاستىدىكى سادىقلىق
چىپان يېزىسىغا بارىدىغان پوچتا يولى بىپايان چۆللۈك ياكى يارداڭلىق، بۇ پوچتا يولى سەككىز يەتكۈزۈش نۇقتىسىدىن ئۆتىدىغان، ناھىيە بازىرىغا 80 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، يەر شەكلى مۇرەككەپ ئەڭ خەتەرلىك پوچتا يولى ھېسابلىنىدۇ.
2010-يىلى 9-ئايدىكى ئاشۇ تاغ كەلكۈنى ھېچقانداق ئالامىتى يوقلا كەلدى، لاي سۇ قۇم-شېغىللارنى ئېقىتىپ تاغدىن چۈشتى، چاق تۇيۇقسىز پاتقاققا پېتىپ قېلىپ، ماتورنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قالدى، خەتەرلىك پەيتتە ئەڭ ئەنسىرىگىنىم ئارقا ئورۇندۇقتىكى پوچتا يوللانمىسى بولدى، «يۇرتداشلارنى ساقلاتمايمەن» دىگەننى ئويلاپ، يالاڭ ئاياغ تىزىغا كەلگۈدەك پاتقاققا كېرىپ، ئاپتوموبىلنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىتتىردىم. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى ناھىيە بازىرىغا قايتىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن لاي بولۇپ كەتكەن پوچتا خالتىسىغا قاراپ: پارتىيەنىڭ پوچتا يوللانمىسىنى ماڭا تاپشۇرغانلىقى  ماڭا ئىشەنگەنلىكىدۇر، بۇ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزۈمنى تارتسام بولمايدۇ»، دېدىم. ئاخىرىدا مەن يېقىن ئەتراپتىن ئارىيەت ئالغان ئېشەك ھارۋىسىغا پوچتا يوللانمىلىرىنى بېسىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، پوچتا يوللانمىلىرىنى بىخەتەر يەتكۈزدۈم، ناھىيە بازىرىغا قايتىپ كەلگىنىمدە يېرىم كېچە بولغان ئىدى.
قوغداش داۋامىدىكى ئاتا-بالا
بەي يىنگو بوۋاينى يېتىملىقۇم يېزىسىنىڭ باغۋەنچىلىك مەيدانىدىكى كېسەك ئۆيدە تۇنجى قېتىم كۆردۈم، بوۋاي شۇ ۋاقىتتا يامغۇر ئۆتۈپ كەتكەن كاڭنىڭ يېنىدا تۈگۈلۈپ ياتقان بولۇپ، ئاليۇمىن قازاندا ئۇماچ قاينىتىۋاتاتتى. 2007-يىلى يېتىملىقۇم يېزىلىق باغۋەنچىلىك مەيدانىغا پوچتا يوللانمىسى ئېلىپ كەلگەندە، مەيدان باشلىقىنىڭ ئاغزىدىن شۇ جايدىكى 74 ياشلىق بەي يىنگو ئىسىملىك بوۋاينىڭ پەرزەنتى يوق تىكەندەكلا يالغۇز ئىكەنلىكىنى، تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن نامرات ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بوۋايغا ئىچىم سىرىلىپ كۆزلىرىمدىن ياش تۆكۈلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ بوۋايغا دائىم گۈرۈچ، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئاپىرىپ بەردىم.
2012-يىلىدىكى قۇم-بوراندا، بەي يىنگونىڭ كېسەك ئۆيلىرى بوراندا  ئۆرۈلۈپ كىتەي دەپ قالدى. مەن ئامانەت قويغان 30 مىڭ يۈەن پۇلۇمنى ئېلىپ، قۇرۇلۇش ئەترىتىنى باشلاپ بوۋاينىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بوۋايغا:«ئاتا، بىز يېڭى ئۆي سالايلى» دېدىم. 2015-يىلى مەن يەنە 10 مىڭ يۈەن چىقىرىپ بوۋاينىڭ ھويلا تېمىنى ئەتتىم. 20 كىۋادرات مېتىرلىق خىش قۇرۇلمۇلۇق يېڭى ئۆي پۈتكەندە، بوۋاي كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا: ئابدۇرېشىت، ياخشى ئوغلۇم، دېدى. مەن بوۋاينىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: مېنى ئوغلىڭىزدەك كۆرسىڭىز بولىدۇ، دېدىم.
گۇگۇم قاغىلىق ناھىيەسىنى قاپلىدى، ياشانغانلار ساناتورىيىسىدىكى ئانار گۈللىرى يەنە توزۇپ كەتتى. 2017-يىلى بەي يىنگو بوۋاينىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىگەنلىكتىن ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئېلىپ كەلدىم، بوۋاينىڭ ساناتورىيەدىكى كۈنلىرىدە تۇرمۇشىدىن مەخسۇس ئادەم خەۋەر ئالدى، لېكىن مەن يەنىلا ئۇنىڭدىن غەم قىلاتتىم، ھەر ئايدا ئۇنى يوقلاپ تۇردۇم. بەي يىنگو بوۋاينىڭ خاتىرە سۈرىتىمىزنى كارۋىتىنىڭ بېشىغا قويىۋالغانغانلىقىنى، خاتىرە سۈرەت رامكىسىنىڭ ئېيتىۋېرىپ پارقىراپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئاشۇ دەقىقىدە، مەن «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» نىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى ھېس قىلدىم.
ئۈمىد ئىچىدىكى تاڭ نۇرى
2009-يىلى يازدا، چىپان يېزىسىدا ئاپتاپپەرەس راسا پورەكلەپ ئېچىلدى، مەن تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئۇچۇرى ئېنىق ئەمەس ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى قانداق يەتكۈزۈشنىڭ غىمىنى قىلىۋاتاتتىم. پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي، ئۆيمۇ ئۆي ئىشىك چېكىپ، توپتوغرا 23 ئائىلىگە كىردىم. ئاخىرى، كەچ كىرگەندە تاغ ئارىسىدا قوي بېقىۋاتقان تاپشۇرۋالغۇچىنى تاپتىم. مەن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئۇنىڭ قولىغا بەرگەندە، ئۇ تۇيۇقسىز ئالقىنىمغا يېنىك سۆيۈپ قويدى. ئارقىدىنلا كۆز چاناقلىرىم نەملەشتى، ئىلگىرىكى تۆلىگەن بەدىلىمنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
قايتىش سەپىرىدە تاغ قاپتىلىدىكى كېسەك ئۆيدە ئولتۇرغان ئانا-بالا ئېسىمگە كەلدى، ئانىسى 80 ياشقا كىرىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرىدىغان قىزى 60 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى، مېيىپ ھەم ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان، تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان قىزى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بولۇپ، ئانا-بالا ئىككىيلەننىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن قىيىن ئىدى. مەن ئىشىكنى چېكىپ كىرىپ، يېنىمدىكى بارلىق نەق پۇلنى ئۇلارغا بەردىم،  موماي رەھمەت ئېيتتى، بۇ ئىش مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىنكى يەتتە يىلدا، پوچتا خالتامدا ئۇن، ياغ، دورا، كۆكتات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدە «پوچتا يوللانمىسى» كۆپەيدى. بوران-چاپقۇن مېنىڭ يوقلاپ بېرىشىمنى توسالمىدى، مەن ئانا-بالا ئىككىسىگە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى ئويلايتىم. ئەپسۇسكى، ھازىر ئۆينىڭ ئىشىكى تاقاق بولۇپ، ئانا-بالا ئىككىيلەننىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولمايتتى، لېكىن مەن يەنىلا ئادەت بويىچە ئىشىك ئالدىغا ئىككى چاقماق قەنتنى قويۇپ قويدۇم. بۇ بەلكىم مېنىڭ بۇ پوچتا يولىغا بولغان بىر خىل رىشتىم بولىشى مۇمكىن.
قار-شىۋىرغاندىكى ئىللىق قۇياش نۇرى
2012-يىلى چاغاندىن بۇرۇن قاتتىق قار ياغدى، قەشقەردىن قاغىلىققا بارىدىغان تاشيولدا، پوچتا ئاپتوموبىلىنىڭ چىرىغىدىن يول بويىدا بىرەيلەننىڭ قوللىرىنى پۇلاڭلاتقانلىقىنى كۆردۈم. بىر ئايال قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ناھايىتى ئېغىر يارىلانغان ئىدى. مەن دەرھال ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى ئېچىپ، پوچتا خالتىسىنى ئالدى يان ئورۇندۇققا يۆتكەپ، ئۇنى ماشىنىغا سېلىپ ئۇدۇل يەكەن ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا قاراپ ماڭدىم. دوختۇرخانىغا بارغاندا ئۇنىڭ نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گرادۇسلۇق شىۋىرغاندا بىر سائەتتىن ئارتۇق  تۇرغانلىقىنى بىلدىم.
مەن بالنىست رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەردىم ھەمدە 5000 يۈەن پۇلنى قويۇپ ئاستا كېتىپ قالدىم. يارىلانغان پەن پېڭيەن ئىسىملىك بۇ ئايال دوختۇرخانا ئالماشقاندىن كېيىن، مەن 280 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قاغىلىق ناھىيەسىدىن قەشقەر شەھىرىگە بېرىپ ئۇنى ئالايىتەن يوقلىدىم. ئۈچ ئايدىن كېيىن پەن پېڭيەن چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ ئىدارىمىزگە كەلدى، مەن ئۇچاغدا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئايرىۋاتقان ئىدىم.
پەن پېڭيەن يىغلاپ تۇرۇپ: ئاكا، مېنى قۇتقۇزغان پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرەي، دېدى.
مەن پۇلنى دەرھال ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىپ: ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، ياشاش ھەممىدىن مۇھىم، دېدىم.
مەن پەن پېڭيەننىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قەدەر نامرات ئىكەنلىكىنى بىلدىم، شۇنىڭدىن كېيىنكى كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەن ھەر ئايدا پەن پېڭيەنگە تۇرمۇش پۇلى ئەۋەتىپ بەردىم، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى يوقلاپ تۇردۇم.
پوچتا يولىدىكى ئوردېن
ئىشكاپتىكى شەرەپ گۇۋاھنامىلىرى ناھىيىتى كۆپەيدى، لېكىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈلۈمسىرەپ ئېيتقان رەھمەتلىرىمۇ كۆپ بولدى. 18 يىللىق خىزمەت مۇساپەمدە، 430 مىڭ كىلومېتىرلىق پوچتا يولىغا ۋە 620 مىڭ پارچە پوچتا يوللانمىسىغا مەسئۇلىيىتىم ۋە كۆڭۈل رىشتىم باغلاندى. قەدەملىرىم ۋە قان-تەرىم بىلەن پوچتالىيوندىن ئىبارەت بۇ كەسىپكە جاۋاب قايتۇردۇم.
بۇ جەرياندا نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشتىم، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قاغىلىق ناھىيەسى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگىلىك شەخس بولۇپ باھالاندىم، 2019-يىلى 2-نۆۋەتلىك «قەشقەرنى تەسىرلەندۈرگەن»ئون چوڭ شەخس بولۇپ باھالاندىم، 2020-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى دېگەن نامغا ئېرىشتىم، 2024-يىلى«جۇڭگو پوچتىسىنى تەسىرلەندۈرگەن شەخس» دېگەن نامغا كۆرىستىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم، 2025-يىلى 10-تۈركۈمدىكى مەملىكەتلىك ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇپ باھالاندىم.
ھەر قېتىم ماشىنا ھەيدەپ پوچتا يولىدا ماڭغاندا، ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىگە قاراپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان يولنى ياشلىقىمغا بېغىشلانغان ناخشىغا ئوخشىتىمەن. ئاپتوموبىل ماڭغاندا قالدۇرغان ھەر بىر چاق ئىزى ناخشىدىكى نوتىغا ئوخشايدۇ. ھەر قېتىم پوچتا يوللانمىسىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزگىنىمنىڭ ئۆزى ناخشا تېكىستىگە ئوخشايدۇ.
مەن كومپارتىيە ئەزاسى، ئەسلىي مەقسىتىم مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. مەن بۇ ئەسلىي مەقسەت بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشقان ياخشى ئىشنى مەدھىيەلەيمەن، شۇنداقلا «خەلق پوچتىسى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ» دېگەن بۇرچنى داۋاملىق ئادا قىلىمەن. مەن ئىشلىيەلىسەملا، بۇ پوچتا يولىدا داۋاملىق مېڭىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئۇلار ئىنتىزار بولغان پوچتا يوللانمىلىرىنى، شۇنداقلا ئۇلارغا بولغان ياخشى كۆڭلۈمنى يەتكۈزىمەن.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
 سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئابدۇرېشىت مەمەت: كوئېنلۇن پوچتا يولىدىكى قىزىل ئانار دانىسى

ئىسىم-فامىلەم ئابدۇرېشىت مەمەت، ئۇيغۇر، 1971-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، 2015-يىلى 7-ئايدا پارتىيەگە كىردىم، 2007-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ قاغىلىق ناھىيەلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولدۇم، پوچتالىيون بولغىنىمغا 18 يىل بولدى.