ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۈمىد ئېتىزىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان شىنجاڭ قەشقەردىكى ئايال ئۇچقۇ ماھىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سىزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-24 16:36

تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي گىرۋىكىدىكى بۇغداي ئېتىزىدا، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى چىرايلىق ياي ھاسىل قىلدى، توغرا پۈركۈلگەن سۇ تامچىلىرى قۇياش نۇرىدا ھەسەن-ھۈسەننى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ ئەقلىي ئۈسكۈنىنى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سىيىتلە يېزىسىدىكى ئايال ماھىر نۇرىمانگۈل قاسىم كونترول قىلىۋاتاتتى.
باتارېيە تەكشۈرۈلۈپ، دورا سەپلىنىپ، ئۇچۇش لىنىيەسى بېكىتىلىپ، پىر قىرىغۇچ ئاۋازىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان 50 كىلوگىرام يۈكنى ئېلىپ سىيىتلە يېزىسىنىڭ تۆۋەن ھويلا كەنتىدىكى ئېتىز قىرىدىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، بۇغدايلىققا 2.5 مېتىر كېلىدىغان بوشلۇقتا دورا پۈركىدى. نۇرىمانگۈل قاسىم پۈتۈن مەشغۇلات جەريانىنى تەمكىنلىك ۋە سالماقلىق بىلەن باشقۇردى.
68 ياشقا كىرگەن كەنت ئاھالىسى سەمەت قۇربان ئەقلىي مەشغۇلاتنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ: ئىلگىرى 11 مو يەرگە ئادەم كۈچى بىلەن دورا چېچىشقا بىر كۈن كېتەتتى، ھازىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن بەش مىنۇتتىلا چېچىپ بولغى بولىدىكەن، دېدى. يېرىم ئۆمۈرى يەر تېرىش بىلەن ئۆتكەن بۇ بوۋاي ھاياجانلىنىپ: ئىلگىرى ئەتىگەندىن كەچكىچە پاي-پېتەك بولساقمۇ، دېھقانچىلىق دورىسىنى تەكشى چاچالمايتۇق. ھازىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن نەچچە مىنۇتتىلا چېچىپ بولىمىز، باھاسىمۇ ئەرزان، دېدى.
پىشقان كەسپىي ماھارىتى ۋە مول ئەمەلىي مەشغۇلات تەجرىبىسىگە ئىگە «ئايال ئۇچقۇ ماھىرى نۇرىمانگۈل»نىڭ ئىسمى ھەممە يەرگە تارقالدى. كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى زىرائەتلىرىگە دورا چېچىپ بېرىشكە بەس-بەستە تەكلىپ قىلدى، نۇرىمانگۈلنىڭ «زاكاز» ى ئۈزۈلۈپ قالمىدى، كىرىمىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆپىيىپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. نۇرىمانگۈل: يېقىندا يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان يېڭى ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىدىن بىرنى نەق پۇلغا سېتىۋالدىم، 70 كىلوگىرام يۈك كۆتۈرەلەيدۇ، پەيتى كەلگەندە ئىككىسىدە تەڭلا مەشغۇلات قىلغىلى بولىدۇ، دېدى.
ھەر يىلى 3-ئايدىن 10-ئايغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىپايان بوستانلىقلاردا دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى. نۇرىمانگۈل يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى كۈزگى بۇغدايدىن تەدرىجىي كېۋەز، باغۋەنچىلىك قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىش ۋە ئاسراشقىچە ئىشلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.
ئىككى يىل ئىلگىرى نۇرىمانگۈل ئائىلە ئايالى ئىدى. 2023-يىلى ئەتىيازدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش» كۇرسى ئاچتى. نۇرىمانگۈل مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا كەنتتىكى ئاياللاردىن مەنلا تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا قول كۆتۈردۈم. قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، مەشغۇلات كىنىشكىسى ئىمتىھانىدىن بىر قېتىمدىلا ئۆتۈپ، يېڭىسار ناھىيەسىدىكى تۇنجى كىنىشكىسى بار «ئايال ئۇچقۇ ماھىر»ى بولۇپ قالدىم.
نۇرىمانگۈلنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، يولدىشى روزىقارى جۈمەمۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەيدەش كىنىشكىسى ئالدى. ھازىر، ئەر-ئايال ئىككىسى بىرلىكتە ئىشلەپ، كەسىپ دائىرىسىنى يېڭىسار ناھىيەسىگە كېڭەيتىپلا قالماي، يەنە يەكەن، يېڭىشەھەر قاتارلىق قوشنا ناھىيەلەرگىچە كېڭەيتتى.
ئۇلارنىڭ 14 ياشلىق قىزى ئەقىدە روزىقارى: ئاپامغا ئوخشاش ئۇچقۇ ماھىرى بولغۇم بار، ئۇ ماڭا ئۆگەتتى، قىزلارمۇ ئۇچقۇ ھەيدەش تېخنىكىسىنى ئىگىلىيەلەيدۇ، دېدى.
قۇياش ئولتۇرغاندا، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى شۇ كۈنلۈك مەشغۇلاتنى تاماملىدى. نۇرىمانگۈل يان تېلېفونىنى ئېچىپ، قىزى كىرىشتۈرگەن يېڭى ۋىدېيونى كۆردى: ئالتۇن رەڭلىك شەپەق نۇرىدا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كۆكەرگەن بۇغدايلىقنى سىيپاپ ئۆتتى، كۆرۈنۈش سىرتىدا ئەقىدەنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ياڭرىدى: «بۇ ئاپامنىڭ پەرۋاز قىلىش ئوربىتىسى، شۇنداقلا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئوربىتىسى» #

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۈمىد ئېتىزىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان شىنجاڭ قەشقەردىكى ئايال ئۇچقۇ ماھىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سىزدى

تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي گىرۋىكىدىكى بۇغداي ئېتىزىدا، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى چىرايلىق ياي ھاسىل قىلدى، توغرا پۈركۈلگەن سۇ تامچىلىرى قۇياش