باش بەت<<كۆزنەك

تايلاندنىڭ ‹‹ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىش قالپىقى›› كىشلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-08-26 15:43

 

تايلاند يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ‹‹ كۆچۈرمىچىلىكتىن ساقلىنىش قالپىقى ›› ئىجاد قىلغان . بۇ ‹‹ قالپاق ›› A4 قەغەزدىن ياسالغان بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپىغا قاراپ ، يېنىدىكى ساۋاقدىشىنىڭ ئىمتىھان قەغىزىدىن كۆچۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسلىق مەقسەت قىلىنغان . ئوقۇغۇچىلار بۇ ‹‹ قالپاق››نى كىيىپ ئىمتىھانغا قاتناشقان . ئىمتىھان مەيدانىنىڭ نەق مەيدان سۈرىتى توردا تارقالدىن كېيىن ، نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇنى مەسخىرە قىلىپ ‹‹ ئۆلۈمگە بارغاندەكلا كۆرۈنىدىكەن ›› دېيىشكەن .
   تايلاند ‹‹ باڭكوك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، تايلاند يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىمتىھان مەيدانى كىچىك، ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئولتۇرۇش ئارىلىقى بەك يېقىن بولغاچقا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندا ئۆز ئارا كۆچۈرمىچىلىك قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ‹‹ كۆچۈرمىچىلىكتىن ساقلىنىش قالپىقى ›› كىيىش توغرىسىدا كېلىشكەن . مەكتەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى رازىمەنلىك بىلەن بۇ ‹‹ قالپاق ›› نى كىيىپ ئىمتىھانغا قاتناشقان ، مەكتەپ ئۇلارنى ھېچقانداق مەجبۇرلىمىغان .
   بىراق ، A4 قەغىزىدىن ياسالغان ‹‹ قالپاق ›› ئىمتىھان مەيدانىنى ‹‹ نەزىر-چىراغ مېھرابى ›› غا ئايلاندۇرۇپ قويغاچقا ، نۇرغۇنلىغان تالاش-تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، بىر قىسىم كىشلەر بۇنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ھاقارەت قىلغانلىق، دېيىشكەن . بەزى تورداشلار بۇنى مەسخىرە قىلىپ ، ‹‹ياپونىيە كانتون ئارمىيەسىنى ئەسلىتىدۇ ››، ‹‹ ھېسابلاش قەغىزى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ ›› ، ‹‹ ئۆلۈمگە بارغاندەكلا كۆرۈنىدىكەن ›› دېيىشكەن .


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
视点