ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇقۇم سەۋەبلىك جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاھالىلەرنىڭ يېمەكلىك خىراجىتى %30 يۇقىرىلاپ كەتتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-17 10:13

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبلىك جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاھالىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك خىراجىتى %30 يۇقىرىلاپ كەتتى.

جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاينىڭ 16-كۈنى نىسبۇرگدىن بەرگەن تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغاندا، 6-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە جەنۇبىي ئافرىقىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار 73 مىڭ 533 كە يەتكەن، 1568 ئادەم قازا قىلىپ، ئافرىقىدىكى يۇقۇم بىمارلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى.

يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە جەنۇبىي ئافرىقىدا مال باھاسى ئۆرلەپ كەتتى. بۇ دۆلەتنىڭ يېمەكلىك جەھەتتىكى خىراجىتىمۇ ئىلگىرىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ نوپۇزلۇق ئورگىنىنىڭ «پېتېر مارىتسبۇرگ ئىقتىسادىي ئادىللىقى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جەنۇبىي ئافرىقا يۇقۇمغا قارىتا «قامال قىلىش بۇيرۇقى»نى ئىجرا قىلغاندىن بۇيان، جەنۇبىي ئافرىقا ئائىلىلىرىنىڭ يېمەكلىك چىقىمى %30 ئەتراپىدا ئاشقان.

دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 3-ئاينىڭ ئاخىرى «قامال قىلىش بۇيرۇقى» ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيان، جەنۇبىي ئافرىقىدا گۈرۈچ، بولكا ۋە ياڭيۇ قاتارلىق ئاساسىي يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسى ئۆستى، جەنۇبىي ئافرىقا ئائىلىلىرىنىڭ ئاساسىي يېمەكلىك خىراجىتى «قامال قىلىش بۇيرۇقى» يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئاز دېگەندە 265 رانت (تەخمىنەن 106 يۈەن خەلق پۇلى) يۇقىرى بولغان.

مەزكۇر ئورگاننىڭ تەتقىقاتچىسى جۇلى سمىس مۇنداق دېدى: «جەنۇبىي ئافرىقا پۇقرالىرى ئىچىدە پەقەت ئەڭ تۆۋەن مائاشلا ئالالايدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېمەكلىك خىراجىتى يۈكى ئادەتتىن تاشقىرى ئېشىپ كەتتى. 6-ئايدا يۇقۇم ئەھۋالىنى قامال قىلىش بۇيرۇقى قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن، جەنۇبىي ئافرىقىدا يۇقۇم تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۆيىدە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى». بۇ ئائىلىلەر شۇ سەۋەبتىن تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىك سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەكلىكنىڭ خوراش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يۇقۇم سەۋەبلىك جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاھالىلەرنىڭ يېمەكلىك خىراجىتى %30 يۇقىرىلاپ كەتتى

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبلىك جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاھالىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك خىراجىتى %30 يۇقىرىلاپ كەتتى.