ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ماكروننىڭ 66 ياشلىق ئايالى چاچ پاسونىنى ئۆزگەرتىپ تېخىمۇ ياشىرىپ كەتتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-17 10:17

بىرىگىت ئۆزىدىن 25 ياش كىچىك ئەرگە ياتلىق بولۇپ، فىرانسىيەنىڭ بىرىنچى خانىمى بولغان. گەرچە ئۇ ياش جەھەتتىن خېلى چوڭ بولسىمۇ، لېكىن سالاپىتى ۋە ئۆزگىچە كىيىنىشى بىلەن يەنىلا بىرىنچى خانىمنىڭ جەزبىدارلىقىنى نامايان قىلغان. لېكىن ئۇنىڭ گۈزەللىكىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق بەدىلى بار، بىرىگىت ھەر ئايدا ئىككى مىليوندىن ئارتۇق چىقىم قىلىدىكەن، پەقەت چاچ پاسونىغىلا 46 مىڭنى خەجلەيدىكەن.



يۇقۇم مەزگىلىدە، بىرىگىت بىر مىليون ياۋرو خەجلەپ 500 دانە LV ماسكىسى سېتىۋالغان. ماكرون ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا قارىتا، سەمىمىيلىك بىلەن «سېتىۋېلىشقا ئەرزىيدۇ» دېگەن.

گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر ئىككى مىڭ ياۋرولۇق ماسكا تاقاش بىلەن بەش ياۋرولۇق ماسكا تاقاشنىڭ ئانچە چوڭ پەرقى يوق دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ماكرون ئايالىغا بولغان كۆيۈنۈشىنى ئىنكار قىلمىغان.



كونىلاردا «ئادەم سەت ئەمەس، كىيىم سەت» دەيدىغان گەپ بار. ئەسلىدە 60 ياشتىن ئاشقان بىرىگىت ئاللىقاچان مومايلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ بولغان. ئەمما يېڭىچە گىرىم قىلىش ئۇسلۇبى ۋە چاچ پاسونى ئۇنى خېلىلا ياش كۆرسەتكەن. ئۇ ئەسلىدىكى چاچ پاسونىنى ھازىرقى «ئوماق بۈدرە چاچ» قا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، تېخىمۇ ياش كۆرۈنگەن. كىيىم-كېچەك جەھەتتە بىرىگىت ئۆزىنى تېخىمۇ ئەركىن قويىۋەتكەن بولۇپ، ئۇ ھال رەڭنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن، بىراق ئادەمنى سالاپەتلىك كۆرسىتىدىغان كۈل رەڭ، كۆك رەڭ ۋە قارا رەڭلەر ئۇنىڭ كىيىنىشىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدىكەن.



بىرىگىت گەرچە ئېرى بىلەن 25 ياش پەرقلەنسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ كۈتۈنۈشى نەتىجىسىدە، ئەگەر بەك سىنچىلاپ قارىمىسا ئېرى بىلەن تەڭتۈشلەردەك كۆرىنىدىكەن.

بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ھېسسىياتى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، بىرىگىت مەيلى نۇتۇق سۆزلەش ياكى سىياسەت جەھەتتە پىكىر بېرىشتە بولسۇن، ئۆز كۆز قارىشى بار ئايال ئىكەن.



ماكرون 15 ياشقا كىرگەندىلا بىرىگىتنىڭ بۇ تەرىپىگە مەپتۇن بولغان بولۇپ، توي قىلغان 17 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭدىكى بۇ خىل زوقلىنىشتا ئۆزگىرىش بولمىغان.

ئەمەلىيەتتە بىرىگىت بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ئاياللار گۈزەل چىراي ۋە بىلىمدىن ئىبارەت ئىككى ئامىلدىن ھېچ بولمىغاندا بىرسىنى ئۆزىدە ھازىرلىسا، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى كىشىنى ئۇچرىتالايدۇ، شۇنداقلا ئالدىغا كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتالايدۇ.



مۇھەببەت ئەزەلدىن بىر تەرەپنىڭ بەدەل تۆلىشى بىلەنلا كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. مۇھەببەت ئىككى تەرەپنىڭ تىرىشىپ قوغدىشىغا مۇھتاج، بىرىگىت ئېرى ئۈچۈن ياشىنىپ قالغاندىمۇ ھۆسن تۈزىتىشنى تاللاپ، 10 سانتىمېتىرلىق ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى كىيىپ ئۆزىنىڭ نازاكىتىنى نامايەن قىلماقچى بولغان. ئادەتتىكى ياشانغان ئاياللار بۇنداق ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلارنى كىيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. چۈنكى ياشانغانلار يىقىلىپ چۈشسە، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ناھايىتى تەس، ماكرونمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەزى «ئەخمىقانە» ئىشلارنى قىلىشنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇل خەجلەشنى خالايدۇ.



بىرىگىت ئىلگىرى ئۆزىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىغا ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەن، مەيلى قانچىلىك داڭلىق ماركىلىق كىيىم ـ كېچەكلەرنى كىيىشىدىن قەتئىينەزەر، دائىم بىر خىللا چاچ پاسونى بىلەن باشقىلارنىڭ ئالدىدا نامايان بولغان. ھازىر ئۇ ئېرى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بولۇشقا تىرىشىپ، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ماكروننىڭ 66 ياشلىق ئايالى چاچ پاسونىنى ئۆزگەرتىپ تېخىمۇ ياشىرىپ كەتتى

بىرىگىت ئۆزىدىن 25 ياش كىچىك ئەرگە ياتلىق بولۇپ، فىرانسىيەنىڭ بىرىنچى خانىمى بولغان. گەرچە ئۇ ياش جەھەتتىن خېلى چوڭ بولسىمۇ، لېكىن سالاپىتى ۋە ئۆزگىچە كىيىنىشى بىلەن يەنىلا بىرىنچى خانىمنىڭ جەزبىدارلىقىنى نامايان قىلغان.