ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

67 يىل تۆمۈر چېلەكتە ياشىغان كاتتا ئادۋوكات

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-17 10:30

پاۋىل ئالكساندىر بالىلار پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 67 يىل ئۆتتى. بۇ 67 يىلدا ئۇ خاسىيەتلىك ئادەمدەك ئىرادىسى ۋە قەتئىي تەۋرەنمەس روھى بىلەن، ئادەتتىكى ئادەملەرگە نىسبەتەن قارىماققا ئورۇندىغىلى بولمايدىغان بىر قاتار ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىدى. دەل مۇشۇ 67 يىل جەريانىدا پاۋىل خۇددى نۇرلۇق يۇلتۇزغا ئوخشاش، بالىلار پارالىچ كېسىلىنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان بارلىق كىشىلەر توپى ئارىسىدا ھاياتلىقنىڭ ئۈمىد چىرىغىنى ياندۇردى، پۈتۈن دۇنيانى بۇ كېسەلگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بالىلار پارالىچ كېسىلى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن خوشلاشتى، بۇ ياشىنىپ قالغان بوۋايمۇ بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىپ غەلىبە سىگنالىنى ياڭراتتى.

شىددەتلىك دولقۇندىكى قاراڭغۇلۇق بەختسىزلىكنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى.
پاۋىل ئالتە ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ باشقا ساغلام بالىلار بىلەن پەرقى يوق ئىدى. خۇددى باشقا بالىلارغا ئوخشاش بالىلىقتىكى غەمسىز ۋاقىتلىرىنى باشتىن كەچۈرۋاتاتتى. لېكىن بەختسىزلىك دەل مۇشۇ غەمسىز ۋاقىتتا يۈز بەردى. پاۋىل ئالتە ياشقا كىرگەن ۋاقىتتىكى بىر يامغۇرلۇق كېچىدە، ئۇ كىچىك دوستلار بىلەن سوغۇق يامغۇردا ئويناپ ئىللىق ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە ئانىسىنىڭ كۆزلىرىدىكى غەلىتىلىكنى بايقاپ قالدى.



ئانىسى ناھايىتى تېزلا كەيپىياتىنى تەڭشەپ، خۇددى ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئۇنىڭ بەدىنىنى سۈرتۈپ، پەپىلەپ ئۇخلىتىپ قويدى. ئەتىسى پاۋىلنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش يۈز بەردى، ئانىسى ئۇنى بازارغا ئېلىپ بېرىپ ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ماي قەلەم ۋە رەسىم قەغىزى سېتىۋالدى، بۇ ئۇنىڭ چۈشىدە كۆرگەن ئويۇنچۇقى ئىدى.
بەخت بەك تۇيۇقسىز كېلىپ يەنە بەك تۇيۇقسىزلا كېتىپ قالدى. پاۋىل ھەر كۈنى ئۆز بەدىنىنى كونترول قىلالمايۋاتقانلىقىنى، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان رەسىم قەلىمىنى كۆتۈرەلمەي، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇسسۇلنى ئوينىيالماي، ھەتتا نەپەسلىنىشىنىڭمۇ قىيىنلىشىپ، پۈتۈن بەدىنىنىڭ چىدىغۇسىز ئاغرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بارا-بارا سېزىمىنى يوقاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.
بىر كۈنى ئانىسى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ شۇ يەردە ئۆزىگە 67 يىل ھەمراھ بولىدىغان تۆمۈر چېلەكنى كۆردى ھەمدە ئۆمۈرلۈك «دوستى» بولغان بالىلار پارالىچ كېسىلىنى ھەقىقىي تۈردە تونۇپ يەتتى.
بالىلار پارالىچ كېسىلى يەنە يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ساقايتقىلى بولمايدىغان تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ، ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرى ئېغىر ئىدى. ئەينى چاغدىكى داۋالاش شارائىتىدا مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۆمۈر چېلەك ئارقىلىق بىمارنىڭ نەپەسلىنىشىگە ياردەم قىلغىلى بۇلاتتى. پاۋىلمۇ بۇ چېلەككە كىردى ھەمدە بالىلار پارالىچ كېسىلى بىلەن بولغان تىركىشىش ھاياتىنى باشلىدى.



تۇمان ئىچىدىكى جاسارەت ۋە قەتئى چىڭ تۇرۇشنىڭ سېھرىي كۈچى.
پاۋىلنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بەدىنى پۈتۈنلەي كونتروللىقىنى يوقىتىپلا قالماي يەنە كۆرۈش سېزىمىمۇ يوقالدى، ئۇ تۆمۈر چېلەكتە يىتىپ ئۆز ھاياتى ئۈستىدە تەپەككۈر قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق يولنى بېسىشى كېرەكلىكىنى بىلمەيتتى. ئەمدىلا ئالتە-يەتتە ياشقا كىرگەن بىر بالىغا نىسبەتەن بۇ سىناقلار بەك بالدۇر بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئەتراپىدا ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاغرىپ قالغان بالىلار ناھايتى نۇرغۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆپكە ئىقتىدارى ئاساسەن يوقىغان، پەقەت تۆمۈر چېلەكنىڭ بېسىمى ئارقىلىقلا نەپەسلىنەتتى.
ئۇ ئۆزىنى خۇددى بىر توپ ئۆلۈكلەرنىڭ يېنىدا ياتقاندەك ھېس قىلدى، مۇزدەك ھەم سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق ھوجۇم قىلىپ كەلسە، بەلكىم مەلۇم بىر دەقىقىدىلا ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ سېپىگە كىرىشى مۇمكىن ئىدى. بىمارلار قاراڭغۇدىن، توك توختاپ قىلىشىدىن قورقاتتى. چۈنكى توك توختىسىلا ئۇلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشتە تايىنىدىغان ئەڭگۈشتىرىمۇ رولىنى توختىتاتتى. پەقەت سېسترانىڭ ھەمراھلىقىلا بۇ بىر توپ ھايات-مامات گىردابىغا بېرىپ قالغان كىشىلەرگە كىچىككىنە خاتىرجەملىكنى ھېس قىلدۇراتتى، ھەر بىر ئادەم كۈن بويى دەككە-دۈككىدە ياشايتتى.
قىسقىغىنا ئۈمىدسىزلىكتىن كېيىن پاۋىل تويۇقسىز روھلىنىپ كەتتى. ئۇ ئۆز يېشىغا خاس بولمىغان ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. خۇددى ئۇ ئېيتقاندەك: «مەن نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئازابنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىمنى بىلمەيمەن، لېكىن ئىرادىنىڭ كۈچى ئۇلۇغ، مەن ئاتا-ئانامنى بەك ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا مەن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشۈم كېرەك».



ئۇ توختىماي ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئىككى قولى ھەرىكەت قىلىشقا ئامالسىز بولغاچقا، ئەڭ قىيىن ئۇسۇلنى يەنى ئۆلۈك يادلاش ئۇسۇلىنى قوللاندى. ئۇ تېخى سەبىيلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن قەتئىي ھالدا بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغۇپ كىرىپ، قۇم-بورانغا ئەگىشىپ يولغا چىقىپ، شەپەق بىلەن بىللە ياشىدى. كېيىنكى كۈنلەردە پاۋىلنىڭ ئىرادىسىدىن تەسىرلەنگەن نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك مۇھەببىتىنى بۇ نامى «پۇر كەتكەن» ئۆسمۈرنىڭ ئارزۇسىنىڭ قاناتلىنىشى ئۈچۈن تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
قارا بۇلۇتلارنى يېرىپ كۆك ئاسماننى كۆرۈش.
توختىماي تىرىشىش نەتىجىسىدە ئۇ باشقا بىمار دوستلىرىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قارڭغۇلۇق ئىچىدە نابۇت قىلىۋەتمىدى. ئۇ دەل ۋاقتىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدى ھەمدە قانۇن كەسپىنى ئۆگەندى، مۇناسىپ قانۇن ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ھەقىقىي ئادۋوكاتقا ئايلاندى. ئۇ ھەر بىر قانۇن لايىھەسىگە قاتناشقاندا ياردەمچىسىنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولدى، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن سەپتىن چۈشۈپ قالمىدى. سوت مەيدانىدا ئۇ قانۇن-نىزام ۋە ئەخلاق شەمشىرىنى ئېلىپ يۈرۈپ، قاتىلنى جازالاپ بالىلار پارالىچ كېسىلىنىڭ قارا سايىسىدىن ھەقىقىي قۇتۇلۇپ چىقتى، ھەمدە دادىللىق بىلەن بالىلار پارالىچ كېسىلىدىن ئىبارەت بۇ «قەدىناس دوستى» غا يۈزلەندى. 67 يىل ئۆتۈپ كەتتى پاۋىل داۋاملىق ئالغا قاراپ ئىلگىرلىدى. ئۇ بالىلار پارالىچ كېسىلى توغۇرسىدىكى بىلىملەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشۋىق قىلىپ، كېسەلنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بەردى، بۇ كىسەلگە ئەھمىيەت بېرىپ باقمىغان كىشىلەرنى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشكە چاقىردى.



ھازىرغا قەدەر پاۋىلنىڭ «سەپداش» لىرى يەنى تۆمۈر چېلەكتە ياشايدىغانلارنىڭ سانى ئوندەكمۇ قالمىدى. تۆمۈر تۇڭنى رېمونت قىلىش ناھايىتى چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى. ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۈمىدۋار تۇرمۇش پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ قالدى. ئۇ بىر تەرەپتىن رېمونت قىلالايدىغان كىشىنى ئىزدىسە يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ نەپەس ئېلىشنى مەشىق قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۆپكىسى ئۇزۇن يىل ئىشلىتىلمىگەچكە، ئۇ ھەتتا نەپەس ئالغاندىكى تۇيغۇنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. لېكىن ئۇ تاماق يېگەندەك پۈتۈن كۈچى بىلەن ھاۋانى سۈمۈرۈپ ئۆپكىگە يۇتۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان ھېس قىلىپ باقمىغان ئەركىن ھاۋانى ھېس قىلىدى. بەختكە يارىشا بىر پېشقەدەم ئىشچى ساقلاپ قويغان تۆمۈر چېلەك ئۇنىڭ چېلىكىنى رېمونت قىلىشىغا ياردەم بەردى. لېكىن كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى ۋە قايىل قىلىدىغىنى شۇكى، بۇ چاغدا پاۋىل تۆمۈر چېلەكتىن ئايرىلغىلى بىر مەزگىل بولغان ئىدى. پاۋىل: «مەن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىمەن، تاكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ يەردىن ھەقىقىي چىقىپ كەتكۈچە ھەركىتىمنى داۋاملاشتۇرىمەن».



پاۋىلدىن ئىبارەت بۇ قەيسەر جەڭچى بىر ئۆمۈر جەڭ مەيدانىدا ياشىدى. بەلكىم ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئويلىغىنىمىزدەك ئۇنچە يۇقىرى بولماسلىقى مۇمكىن، بەلكىم ئۇنىڭ ھېكايىسى تارىخ بېتىگە يېزىلماسلىقى مۇمكىن، لېكىن مەيلى ئالتە ياشلىق پاۋىل بولسۇن ياكى 73 ياشلىق پاۋىل بولسۇن باشتىن-ئاخىر بىر ئاكتىپ ئۈمىدۋار قەلبنى ساقلاپ كەلمەكتە.
ئۇ ئۆزىنىڭ جان تىكىپ كۈرەش قىلىشى ئىرادىسى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئۇ نۇتۇقلىرى ئارقىلىق ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بالىلار پارالىچ كېسىلى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالمايدىغان بولدى. لېكىن بىز تارىخنى ئەسلىگىنىمىزدە ھامان بۇ بوۋايغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز. پاۋىل ئالكساندىر ئۇ ئىزچىل يولدا! ئۇنىڭ قەدەملىرى ئەزەلدىن توختاپ باقمىدى!

中央广播电视总台 央广网 版权所有

67 يىل تۆمۈر چېلەكتە ياشىغان كاتتا ئادۋوكات

پاۋىل ئالكساندىر بالىلار پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 67 يىل ئۆتتى.