ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاساسەن كۈشەندىسى يوق، يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلار

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-18 09:38

1. ھەرىسىمان سىكات بېلىقى

ھەرىسىمان سىكات بېلىقى ئىنتايىن ۋەھشىي بېلىق بولۇپ، ئۇنىڭغا يىرتقۇچ بېلىقلارمۇ ئاسانلىقچە چېقىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ھەرىكىتى چاققان، سۈرئىتى ئىنتايىن تېز. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يەنىلا ئىنسانلارنىڭ بېلىق تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، بېلىقچىلار ئۇنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى ئاكۇلا تۇتۇش ئۈچۈن يەمچۈك قىلىدۇ. ئىنسانلار تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان ھەرىسىمان سىكات بېلىقى ھازىر نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈر بولۇپ قالدى.

2. ياۋا يىلپىز

ياۋا يىلپىزنىڭ تېرىسى كۈل رەڭدە بولۇپ، قارا داغ ۋە قارا ھالقىسى بار، قۇيرۇقى ئۇزۇن ھەم توم، ئۇنىڭ «قارلىق تاغ شاھى» دېگەن نامى بار. لېكىن قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق كۆپ خىل ئىجتىمائىي ئامىللار سەۋەبىدىن، بۇ يىلپىزنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئازلاپ كەتتى، ھەتتا مۈشۈكئېيىقتىنمۇ ئاز بولۇپ، نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈر بولۇپ قالدى.

3. ئاق شىر

ئاق شىر يەنە «ئاق ئافرىقا شىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئافرىقا شىرىنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرى. نۆۋەتتە ئاق شىرنىڭ دۇنيادىكى سانى ئاران 100 گە يېتىدىغانلىقى ئېنىقلاندى. ئۇلارنىڭ تېرىسى بەك پارقىراق بولغاچقا، يوشۇرۇنۇشچانلىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ بولۇپ، ئوزۇقلۇق تۇتۇپ يېيىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى تۆۋەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ ياشىشى بىر قەدەر قىيىنچىلىققا تولغان.

يۇقارقى ھايۋانلارنىڭ كۈشەندىسى ئاساسەن يوق دېيەرلىك، ئەگەر بار دېيىلسە ئۇ چوقۇم ئىنسانلار. گەرچە ئىنسانلار زور مىقداردىكى ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچىگە تايىنىپ ئۇلارنى قوغدىغان بولسىمۇ، ئەگەر ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى توسمىسا، ھامان بىر كۈنى ئۇلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاساسەن كۈشەندىسى يوق، يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلار

ھەرىسىمان سىكات بېلىقى ئىنتايىن ۋەھشىي بېلىق بولۇپ، ئۇنىڭغا يىرتقۇچ بېلىقلارمۇ ئاسانلىقچە چېقىلالمايدۇ.