ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

توققۇز ياشلىق بالا بوينى سۇنۇپ كەتكەن دادىسىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-02 09:22

ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بىر توققۇز ياشلىق ئوغۇل بالا بىر قېتىملىق سۇغا شۇڭغۇش ۋەقەسىدە بوينى سۇنۇپ كەتكەن دادىسىنى سۇدىن قۇتقۇزۇپ چىققان، ئۇ «دادىسىنىڭ قەھرىمانى» دەپ تەرىپلەنگەن.



ئارتېر ۋىليامس توققۇز ياشقا كىرگەن ئورۇق ئوغۇل بولۇپ، ئاتا-ئانىسى، ئۈچ ئىنىسى ۋە سىڭلىسى پېنساكولا دېڭىز ساھىلىدا تۇراتتى. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئارتېرنىڭ دادىسى جوش بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، گۈزەل كەچكى شەپەق مەنزىرىسى ئاستىدا ئوغلى ئارتېرنى ئېلىپ سۇ ئۈزىۋاتقان، ئاپىسى بىر نەچچە گۆدەك بالىسىنى ئېلىپ ئانچە يىراق بولمىغان قۇملۇقتا ئويناۋاتاتتى ئىدى. ھەممە ئىشلار قارىماققا شۇنداق تىنچ بولسىمۇ، لېكىن تۇيۇقسىز كېلىشمەسلىك يۈز بەردى. ئاتا-بالا ئىككىسى سۇغا بىر تەرتىپى تۇتىشىپ كەتكەن كىچىك پىرىستاندا تۇرۇپ، ئۈستىدىن سۇغا سەكرەشنى قارار قىلدى، بۇ چاغدا ھاۋا تۇتۇق بولۇپ قالغاچقىمۇ، ئۇلار سۇنىڭ چوڭقۇر-تېيىزلىقىنى ئېنىق كۆرەلمىگەنىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇ يەردىكى سۇ ناھايىتى تېيىز ئىدى. ئارتېر ئالدى بىلەن سەكرەپ چۈشتى، ئۇ بېشىنى يۇقىرىغا، پۇتىنى تۆۋەنگە قىلىپ سەكرىدى. ئارقىدىن دادىسى جوشمۇ سەكرەپ چۈشتى، بىراق ئۇ بېشىنى پەسكە قىلىپ سەكرەپ كىردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئوغلىدىن 100 (تەخمىنەن 90 كىلوگىرام) قاداق ئېغىر ئىدى.

ئارتېر ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلدى، چۈنكى دادىسى ئادەتتىكىگە ئوخشاش دەرھال بېشىنى سۇ يۈزىگە چىقارمىغان ئىدى. ئەسلىدە سۇ بەك تېيىز بولغاچقا، بېشىنى پەسكە قىلىپ سەكرىگەن جوشنىڭ بوينى ئېغىر يارىلىنىپ، بويۇن سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەن ئىدى. گەرچە ئارتېر ئەزەلدىن رەسمىي قۇتقۇزۇش مەشىقىنى قوبۇل قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىۋاسىتە سېزىمىگە تايىنىپ دادىسىنىڭ بىرەر ئىشقا يولۇققانلىقىنى ھېس قىلغان.


ئارتېر قىلچە ئىككىلەنمەستىن، دەرھال سۇ ئاستىغا شۇڭغۇدى. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىدىن 100 قاداق ئېغىر دادىسىنى سۇ يۈزىگە تارتىپ چىقاردى. ئەينى چاغدا جوش ھەرىكەت قىلىشقا ئامالسىز قېلىپ، ئوغلىغا ئاران «بوينۇم سۇنۇپ كەتتى» دېيەلىدى. ئارتېر دادىسىنىڭ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دادىسىنى ئۆرۈپ يۈزىنى يۇقىرىغا قارىتىپ، ئاندىن ئۇنى قىرغاققا تارتىپ چىقاردى. جوش شۇنىڭدىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان ھەمدە ئومۇرتقا تۈۋرۈكى بىرىكتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن، سالامەتلىكى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلدى.


ئارتېرنىڭ ئاپىسى ئولى ۋىليامس: «مەن ئارتېرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا دادىسىنىڭ يېنىدا بولغانلىقىدىن ئىنتايىن مىننەتدار، چۈنكى ئۇ نەق مەيداندا بولمىسا، دادىسى بۈگۈن بۇ يەردە بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى»، توققۇز ياشلىق بىر بالا شۇنچە تېزلا: «مەن ياردەم قىلىشىم كېرەك، مەن بۇ يەردىكى دادامغا ياردەم قىلالايدىغان بىردىنبىر ئادەم دەپ ئويلاپتۇ، ئۇ دادىسىنى ئۆزى يالغۇز قىرغاققا ئېلىپ چىقالاپتۇ، ئۇ دادىسنىڭ قەھرىمانى» دېدى.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

توققۇز ياشلىق بالا بوينى سۇنۇپ كەتكەن دادىسىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزدى

ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بىر توققۇز ياشلىق ئوغۇل بالا بىر قېتىملىق سۇغا شۇڭغۇش ۋەقەسىدە بوينى سۇنۇپ كەتكەن دادىسىنى سۇدىن قۇتقۇزۇپ چىققان، ئۇ «دادىسىنىڭ قەھرىمانى» دەپ تەرىپلەنگەن.