ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نېمە ئۈچۈن «تىتانىك» ناملىق پاراخوتتىكى ھايات قالغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئاياللار بولىدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-02 09:31

مەن دۇنيانىڭ پادىشاھى! (I'm the King of the world)

سىز سەكرىسىڭىز، مەنمۇ سەكرەيمەن! (You jump, I Jump)

داڭلىق سەھنە سۆزى، چوڭ-كىچىك كوچىلاردا ئېيتىلىۋاتقان كىنو ناخشىسىغا ئەگىشىپ، تەسىرلىك، گۈزەل، مۇڭلۇق مۇھەببەت ھېكايىسى، كۈچلۈك جاسارەتكە تولغان ئاۋاز ۋە نۇر كۆرۈنۈشىگە يەنە تىراگېدىيەنىڭ نەتىجىسى قوشۇلۇپ، كىنو تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ بېلەت كىرىمى ياراتقان «تىتانىك» ناملىق كىنونى بارلىققا كەلتۈرگەن.



«تىتانىك» ناملىق بۇ كىنونىڭ كىنو تارىخىدىكى بېلەت كىرىمى رېكورتىنى ئىگىلەش ۋاقتى 12 يىلغا يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش بىر رېژىسسور بىر قىسىم كۆك تېرىلىك تاشقى پىلانېتا ئادەملىرىدىن پايدىلىنىپ، يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ بۇ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

شۇ يىلى بۇ فىلىم قويۇلغاندا جۇڭگونى، شۇنداقلا دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان. مەيلى شۇ ۋاقىتتىكى قىز-ئوغۇللار بولسۇن، ياكى ئەر-ئاياللار بولسۇن، ھەر قايسىسى كىمنىڭ كىنوخانىغا كىرىش قېتىم سانىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ھەققىدە بەسلەشكەن، ھەتتا ئانا تىلى بولمىسىمۇ، كىمنىڭ كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا فىلىمنىڭ كېيىنكى بىر جۈملە سەھنە سۆزىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغانلىقى ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىشقان.



«تىتانىك» ناملىق پاراخوت ئەينى چاغدا دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك، ئۆلچىمى ئەڭ ئىلغار چوڭ ساياھەت پاراخوتى، شۇنداقلا 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى سانائەت تېخنىكىسىنىڭ جەۋھىرى ئىدى. ئەڭ ئىلغار ئەسۋابلار سەپلەنگەن بۇ ساياھەت پاراخوتى، تۇنجى قېتىملىق سەپىرىدە مۇز تاغقا سوقۇلۇپ چۆكۈپ كېتىپ، 1500 ئادەم قازا قىلىشتەك تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر دېڭىز ھادىسىسىگە ئايلانغان، شۇنىڭدىن كېيىن يىراق ئوكيان يولۇچىلار پاراخوتى ئىشلىرى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە جىمىپ قالغان.

ئۆتمۈشكە نەزەر سالساق، بۇ پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى ۋە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، «تىتانىك» ناملىق پاراخوت نېمە ئۈچۈن مۇز تاغقا سوقۇلۇپ كېتىدۇ؟ يەنە بىر مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدىغان تېما شۇكى، نېمە ئۈچۈن «تىتانىك» ناملىق پاراخوتتىكى ھايات قالغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئاياللار بولىدۇ؟ بۇ «قەھرىماننىڭ ساھىبجامالنى قۇتقۇزۇشى»، «ئاياللارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»تەك مۆتىۋەرلەرچە روھىنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشى بىلەن كەڭ تارقىلىپ، بىر بۆلەك تارىخىي قىزىق پاراڭغا ئايلاندى؛ شۇنداقلا «تىتانىك» دېگەن سۆزنى مەلۇم بىر مەزگىل ئىچىدە مۆتىۋەر ۋە ئەرلەرنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇرىدۇ.

لېكىن، بۇنداق نەتىجە مۇۋاپىقمۇ؟

رومانتىزم تۈسىنى ئالغان تىياتىرنىڭ كېرىلىش كۈچىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى «تىتانىك» ناملىق پاراخوتتىكى كىشىلەرنىڭ تاللىشىغا نىسبەتەن ئېنىق ئىپادە بىلدۈرگەنمۇ؟

يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «تىتانىك» ناملىق پاراخوتتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ ھايات قالغۇچىنىڭ ھەممىسى ئايال كىشى بولۇپ، ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى ئەينى ۋاقىتتا ئۈچىسىلا بوۋاق بالىلار ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2006-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئەڭ ئاخىرقى ھايات قالغۇچى مىلۋىنا دىئېن 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەھۋال ئۆزگەرگەن، بۈگۈنكى كۈندە «تىتانىك» ناملىق پاراخوتتىكى بارلىق يولۇچىلار ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتۈپ، بۇ ۋەقە ئۈزۈل-كېسىل تارىخقا ئايلانغان.



بۈگۈن تەھرىر كۆپچىلىكنى تارىخنىڭ تۆرىگە باشلاي:

ئالدى بىلەن، «تىتانىك» نېمە ئۈچۈن مۇز تاغقا سوقۇلۇپ كېتىدۇ؟

بۇنىڭغا نىسبەتەن تارىختىن بۇيان نۇرغۇن قاراشلار بولدى، كېمە باشلىقىنىڭ تېخنىكىغا بەك ئىشىنىپ كېتىپ خاتا مەشغۇلات قىلىشى، كېمىنىڭ ئاستى قىسمىغا سۈپىتىدە نۇقسان بار بولغان مىخ ئىشلىتىلىشى؛ ياكى شۇ كۈنى يورۇقلۇق ئېنىق بولماي، قاراڭغۇ مۇھىت كۆزەتكۈچىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى بىلەن مۇز تاغ ئارىلىقىنى ئىگىلەشكە تەسىر كۆرسىتىشى... قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىراق يېقىنقى ئىككى مۇھىم تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈندىكى ئالاھىدە تەبىئەت ھادىسىسى بۇ غايەت زور ئاپەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

تۇنجى تەتقىقات ئامېرىكا تېكساس شتاتى داشۆسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار يەر شارى سۇ رايى بىلەن ئاسترونومىيەنى سېلىشتۇرۇپ، شۇ يىلىدىكى يەر شارىنىڭ قۇياش بىلەن ئاي شارىغا بىنورمال يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرسەتكەن. يەر شارىنىڭ بۇ خىل بىنورمال ھالىتى ئاي-شارى بىلەن قۇياشنىڭ دېڭىز-ئوكيانلارغا بولغان تارتىش كۈچىنى كۈچەيتكەن، ھەم مىسلى كۆرۈلمىگەن تاشقىن پەيدا قىلغان. بۇ خىل ئاز ئۇچرايدىغان ئوربىتا ئايلىنىشى 1911-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1912-يىلىنىڭ بېشىغىچە يۈز بەرگەن بولۇپ، پەيدا قىلغان غەلىتە تاشقىن بىرلا ۋاقىتتا زور مىقداردىكى مۇز تاغلارنىڭ ئورنىنى يۆتكىگەن ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان سۇ يولىدا لەيلەپ يۈرگەن. بۇ خىل غەلىتە تاشقىننىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى مىڭ يىلدا بىر قېتىم دېگۈدەك بولسىمۇ، ئەمما قېرىشقاندەك «تىتانىك» ناملىق پاراخوتنىڭ تۇنجى قېتىملىق سەپىرىگە توغرا كەلگەن.



ئىككىنچى نۇقتىئىنەزەرنى ئەنگلىيە تارىخشۇناسى تىم مالتېن (Tim Maltin) ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭ قارىشىچە، شۇ كۈنى كەچتە، مۇزدەك دېڭىز يۈزى بىلەن سۇ پارى ئېزىتقۇ ھادىسىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر مۇز تاغنىڭ ئەمەلىي ئورنىغا خاتا ھۆكۈم قىلىپ قويغان، قۇتقۇزۇشقا كەلگەن پاراخوتلارنىڭ «تىتانىك» ناملىق پاراخوتنىڭ ئېنىق ئورنىنى ئىگىلىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن. بۇ سەۋەب قۇتقۇزۇش ۋاقتىنىڭ كېچىكىشى ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بۇ قاراش ئۇنىڭ يېقىندا نەشردىن چىققان «تىتانىك: ئالدامچىلىققا تولغان كېچە» ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان (ئۇ تىتانىك ناملىق پاراخوتقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان).

ئېزىتقۇ بىر خىل تەبىئىي ھادىسە بولۇپ، يەر يۈزىگە يېقىن بولغان ئىسسىق ھاۋا نۇرىنى يۇقىرىغا قارىتا سۇندۇرغاندا شەكىللىنىدۇ؛ سوغۇق ھاۋا نۇرىنى تۆۋەنگە سۇندۇرغاندا يەنە بىر خىل ئېزىتقۇ پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا كۆزەتكۈچىلەر يېقىن جايدىكى بۇيۇملار ياكى ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئۇپۇق سىزىقىغا تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئارىلىققا خاتا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى بىر قىسىم كۈندىلىك خاتىرە ۋە ماتېرىياللارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، شۇ كۈنى كەچتە «تىتانىك» ناملىق پاراخوت ۋە كېيىن قۇتقۇزۇشقا بارغان پاراخوتلارنىڭ مۇزدەك دېڭىز ئېقىمىغا كىرىپ، ئېزىتقۇنىڭ شەكىللىنىشىگە كۆڭۈلدىكىدەك شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

تىم مالتېننىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قاراڭغۇ دېڭىز يۈزى بىلەن جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلۇق ئاسماننىڭ كېسىشىش سىزىقى ئىنتايىن غۇۋالىشىپ كېتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان مۇز تاغنىڭ سېلىشتۇرما دەرىجىسى ئازىيىدىكەن. قۇتقۇزۇشقا كەلگەن پاراخوتلارمۇ تەسىرگە ئۇچرىغان، ئۇلار «تىتانىك» ناملىق پاراخوتنىڭ مۇشۇ ئەتراپتا ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي ئورۇننى ئىگىلىيەلمىگەن.

ئەڭ ئاخىرىدا، ئالدامچىلىققا تولغان بۇ كېچىدە، سۇ يۈزى يەنىلا تىنچ بولۇپ، يۇلتۇزلار ئاسماندا يەنىلا چاقناپ تۇراتتى، لېكىن 1500 دىن ئارتۇق ئادەم دېڭىز ئاستىغا غەرق بولدى.



ناھايىتى ئېنىقكى، قېرى-ئاجىزلارنى ئالدىن قۇتقۇزۇش، ئاياللارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاياللارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىش بىر خىل مەدەنىيلىك ۋە تەربىيەنىڭ سىمۋولى، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل ئەرلىك جاسارەتنىڭ نامايەندىسى، «تىتانىك» دەل مۇشۇ ئۇلۇغ روھى بىلەن مەدھىيەلىنىدۇ. داڭلىق ئەر ساۋىنىزم نەزەرىيىچىسى، خارۋارد داشۆسىدىكى مانسفېلد (Mansfield) دائىم «تىتانىك» ناملىق پاراخوتنىڭ مىسالى ئارقىلىق مۇھاكىمە تۇرغۇزىدۇ.

تۆۋەندە ئىستاتىستىكا قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بىز ھەقىقەتەن نۇرغۇن بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ ھايات قالغانلىقىنى بىلەلەيمىز، فىلىمدە تەرتىپنى ساقلاش ئۈچۈن، ئوق چىقىرىپ يولۇچىلارنى ئۆلتۈرگەن ھەقىقىي شەخسمۇ بەلكىم ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن؛



لېكىن، بۇنداق تاللاش ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەھلىل قىلىپ باقايلى، بىز ئۇنى مەلۇم بىر ئەنگلىيە چەۋەنداز تۈزۈمىنىڭ تەسىرىدىكى ئۆلچەملىك ھەرىكەت قائىدىسىگە يىغىنچاقلىساق بولامدۇ؟ ئەگەر «تىتانىك» ناملىق پاراخوت ئەنگلىيە تەۋەلىكىدىكى پاراخوت بولماي، جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى پاراخوت بولغان بولسا، يەنە مۇشۇنداق ئاياللارغا يول قويىدىغان قىلمىش يۈز بېرەمدۇ؟

شۋېتسىيەگە جايلاشقان ئۇپۇسالا داشۆسى بىر پارچە تەتقىقات ماقالىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىقتىساد پەنلىرى پروفېسسورى مايكېل ئىلەندېر (Mikael Elinder) بىلەن ئوسكار ئېرىكسون (Oscar Erixson) تىنچلىق مەزگىلىدە پۈتۈن دۇنيادا يۈز بەرگەن 18 قېتىملىق دېڭىز ھادىسىسى (ئۇرۇش مەزگىلىدىكى مىساللار بۇنىڭ سىرتىدا)نى تەتقىق قىلىپ تەھلىل قىلغان، ئۇلارنىڭ يەكۈنى شۇكى، بۇ 18 قېتىملىق دېڭىز ھادىسىسىنىڭ 11 قېتىمىدا ئاياللارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى ئەرلەرنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن بولغان. ئاياللارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى ئەرلەرنىڭكىدىن روشەن يۇقىرى بولغىنى پەقەت ئىككى قېتىم بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1852-يىلىدىكى بوكېنخېيد ناملىق پاراخوت ۋە 1912-يىلىدىكى تىتانىك ناملىق پاراخوت ئىكەن.

ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھايات قېلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى كېمە خادىملىرى، ئاندىن كېمە باشلىقى بولىدۇ، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى كەمچىل بولغان بالىلارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، «تىتانىك» ناملىق پاراخوتتىكى ئەڭ ئاخىرقى ھايات قالغان ئاياللار ئاپەت يۈز بەرگەن ۋاقىتتا بوۋاق ھالەتتە ئىدى؛ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، «تىتانىك» ناملىق پاراخوتنى بۇ تەتقىقاتنىڭ ئالاھىدە مىسالى قىلىش، «تىتانىك» ناملىق پاراخوتتىكى ئەرلەرنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدىغاندەك قىلىدۇ.

ئۇنداقتا بۇ «تىتانىك» ناملىق پاراخوتنىڭ ئەنگلىيە تەۋەلىكىدە بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ تەتقىقات تەھلىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، پاراخوتنىڭ چۆكۈش سۈرئىتىنىڭ تېز ياكى ئاستا بولۇشى، يولۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى ئاياللارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىكەن، بۇ يەردىكى ئەڭ ھالقىلىق سەۋەب قوماندانغا، يەنى كاپىتاننىڭ قارارىغا باغلىق ئىكەن.



ئەگەر كېمە باشلىقى قاتتىق قول بولۇپ ئاياللار، بالىلارنى ئالدىن تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ؛ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدىغان جانلىقلارنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان تۇغما قابىلىيىتى بويىچە بولغاندا، ئاياللار ۋە بالىلار جەزمەن ئاپەتنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانىغا ئايلانغان بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، تەتقىقاتتا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەنگلىيە تەۋەلىكىدىكى ئاپەت ۋەقەلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەنگلىيە چەۋەنداز تۈزۈمى ئاستىدا ھادىسە يۈز بەرگەن پاراخوتتىكى ئاياللارنىڭ ھادىسىگە ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ناچار، تېخىمۇ ياخشى ئەمەسلىكى بايقالدى، بۇ بەلكىم چەۋەنداز ئەقىدىسىگە نىسبەتەن مەسخىرە بولۇشى مۇمكىن.

كىنودا بىر ياشانغان ئايال باش پېرسوناژ ياشلىقتىكى رومانتىك مۇھەببەتلىك يىللىرىنى ئەسلەپ، ئاخىرىدا مۇھەببەتنى كۈيلەپ، قىممەتلىك «ئوكيان يۈرىكى»نى دېڭىزغا تاشلىۋېتىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەت شۇكى، ئەينى چاغدا نۇرغۇن ئايال ھايات قالغۇچىلار ئىقتىسادىي جەھەتتە تۈۋرۈكىدىن ئايرىلىپلا قالماي، بەلكى تېزلا ئىككىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلەتتى؛ كېيىنكى ئاغزاكى زىيارەت خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، ئەينى چاغدا ھايات قالغان ئاياللارنىڭ كۆپرەكى ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇپ ھايات-ماماتتا بىللە بولۇشنى تاللىغان.

فىلىم ئاپەتنى سۈرەتلەش، ئىنسان تەبىئىتىنى تەسۋىرلەش، مۇھەببەتنى مەدھىيەلەشنى ئاساسى نۇقتا قىلغان بولۇپ، سىز فىلىمنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى غىڭشىغاچ، يۇقارقى سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئىستىكى بىلەن يەنە بىر قېتىم كىنوخانىغا كىرگىنىڭىزدە شۇنى بايقايسىزكى: بىز ئاللىقاچان بىر ئەسىرنى بېسىپ ئۆتتۇق.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نېمە ئۈچۈن «تىتانىك» ناملىق پاراخوتتىكى ھايات قالغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئاياللار بولىدۇ؟

داڭلىق سەھنە سۆزى، چوڭ-كىچىك كوچىلاردا ئېيتىلىۋاتقان كىنو ناخشىسىغا ئەگىشىپ، تەسىرلىك، گۈزەل، مۇڭلۇق مۇھەببەت ھېكايىسى، كۈچلۈك جاسارەتكە تولغان ئاۋاز ۋە نۇر كۆرۈنۈشىگە يەنە تىراگېدىيەنىڭ نەتىجىسى قوشۇلۇپ، كىنو تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ بېلەت كىرىمى ياراتقان «تىتانىك» ناملىق كىنونى بارلىققا كەلتۈرگەن.