ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قوشكېزەكلەرنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان ھەم تەسىرلەندۈرىدىغان ئاجايىپ-غارايىپ ھاياتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-02 09:42

ھاياتلىقنىڭ چېكى بولىدۇ، ھېسسىياتنىڭ چېكى بولمايدۇ.
تىل بىزنىڭ بارلىق كەيپىيات، ھېسسىيات، ئىنتىلىشىمىزنى ئىپادىلەيدىغان يول.
ھەر بىر دۆلەت، ھەر بىر ئىرقنىڭ تىلى بولىدۇ، ھەممە ئادەم بىر-بىرىنى چۈشىنەلەيدىغان ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ، دىققەت، بۇ يەردە بىر-بىرىنى چۈشىنىشتىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرت بار، بۇ نۇقتىنى نېمە ئۈچۈن تەكىتلەيمىز، قانداق غەلىتە ئىش يۈز بەردى؟ كۆپچىلىك بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.



1963-يىلى ئەنگلىيەدە بىر جۈپ قوشكېنزەك قىز بوۋاق تۇغۇلغان. بۇ كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ھاياجانغا سالىدىغان ۋە خۇشال قىلىدىغان ئىش ئەلۋەتتە، بۇ ئاچا-سىڭىللارنىڭ تۇغۇلۇشى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تولىمۇ خۇشال قىلغان.
قوشكېزەكلەرنىڭ ئائىلە شارائىتى كۆپ قىسىم كىشىلەردىن پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، ئاددىي-ھەم بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى گلورىيا (Gloria ) بىلەن ئابرېي (Aubrey) پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بالىلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلغان.
دەسلەپكى غەلىتە ئالامەتلەر
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بالىلارمۇ ئاستا-ئاستا چوڭ بولۇشقا باشلىغان، كېيىن دادىسىنىڭ خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ۋېلشتىكى خەۋىرفوردقا كۆچۈپ كەلگەن.
ئېنىقلا بىر قېتىملىق ئاددىيلا ئۆي كۆچۈش بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، بۇ ئاددىي ئائىلىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا دەز كەتكەن.



مەسىلە قوشكېزەكلەردە بولۇپ، ئۇلار ئۈچ ياشقا كىرەي دەپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن تېخى گەپ قىلالمايتتى، شۇڭا ئاتا-ئانىلىرى ئۇلارنىڭ تىلى چىقماي قېلىشىدىن بەكلا ئەنسىرىگەن. بەختكە يارىشا قوشكېزەكلەر ئۈچ ياشقا كىرگەندە، ئاخىرى گەپ قىلالايدىغان بولغان، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن تېخىمۇ چوڭ بىر مەسىلە يېتىپ كەلگەن.
چوڭلار ئاستا-ئاستا بۇ ئىككى بالىنىڭ تىلىنىڭ يەرلىك تىل ئەمەسلىكىنى، ئانا تىلىمۇ ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ھېچكىمنىڭ چۈشىنەلمەيدىغانلىقىنى، ئەلۋەتتە باشقا دۆلەتنىڭ تىلىمۇ ئەمەسلىكىنى بايقىغان. نېمە ئۈچۈندۇر ئۇلارنىڭ بىر يۈرۈش مۇستەقىل تىل سىستېمىسى بار ئىدى. بۇ ئەھۋال گلورىيا بىلەن ئابرېينى ناھايىتى تىت-تىت قىلىۋەتكەن، بۇنداق ئەھۋال داۋاملاشقىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، ئىككى بالىنىڭ پىسخىكىسىدا بىرەر مەسىلە بارمۇ-يوق ھېچكىم بىلەلمىگەن.
بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، گلورىيا بىلەن ئابرېي پىسخىكا دوختۇرى تەكلىپ قىلغان.
لېكىن، پىسخىكا دوختۇرى قانداق تەكشۈرسىمۇ، بۇ ئەھۋالنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەلمىگەن، بارلىق نەتىجە ئىككىيلەندە ھېچقانداق مەسىلە يوقلىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى، شۇڭا دوختۇر ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارغا پەقەت يېزىق شەكلىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش تەكلىپى بەرگەن ھەمدە گلورىيا بىلەن ئابرېينى يېزىق ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەسىلىسى ۋە ئېھتىياجىنى كۆپرەك چۈشىنىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە بۇيرۇغان.



ئاچا سىڭىللار زىددىيىتى بارغانسېرى كۈچەيدى.
گلورىيا بىلەن ئابرېي يېزىق ئارقىلىق بالىلىرىغا دىققەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلە ياخشىلانمىغان. ئىككى قوشكېزەك 11 ياشقا كىرگەندە، مەكتەپتە ئوقۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ مەسىلىسى ھەل بولماي، ئەكسىچە بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتكەن. ئۇلار باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا، دوست تۇتۇشقا، ئۆگىنىشكە موھتاج ئىدى. لېكىن ئۇلار باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالىمايلا قالماستىن، بەلكى باشقىلار بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشقا بارغانسېرى ئۆچ بولۇپ كەتكەن.
گلورىيا بىلەن ئابرېي ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىنىپ باققاندىن كېيىن، مەسىلىنىڭ ئۆي كۆچكەندىن كېيىن پەيدا بولۇشقا باشلىغانلىقىنى ھېس قىلغان.
ئۆي كۆچكەندىن كېيىن، ناتونۇش مۇھىتقا كەلگەن بۇ قوشكېزەكلەر، بۇ يەردىكى بىردىنبىر قارا تەنلىك بالا بولۇش سۈپىتى بىلەن، دائىم بوزەك قىلىنغان. ئەمما گلورىيا بىلەن ئابرېي ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقىمىغان ھەمدە بالىلارغا ياردەم بەرمىگەچكە، ئىككى بالا بارغانسېرى بىر-بىرىگە تايىنىدىغان بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.



لېكىن سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئينەزەر، مەسىلە بولغان ئىكەن ھامان ھەل قىلىش كېرەك، شۇڭا گلورىيا بىلەن ئابرېي قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا، ئوخشىمىغان مەكتەپلەرگە ئەۋەتكەن. بەلكىم بۇنداق بولغاندا، ئۇلار قەلب دەرۋازىسىنى ئېچىپ ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جەمئيەتكە سىڭىپ كىرىپ، بىلىم ئۆگىنىپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى مۇمكىن ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، بۇ ئىككى ئاچا-سىڭىل ئايرىلىپ كەتكەن، بىراق ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئىپادىسى كىشىنى تېخىمۇ بىئارام قىلغان، ئىككى ئاچا-سىڭىل ئەتراپتىكى كىشىلەرگە تېخىمۇ بەكرەك ئېتىبارسىز قارايدىغان بولۇپ قالغان.
مەكتەپ يېتەكچىسىنىڭ ياردىمى نەتىجىسىز بولغاندىن كېيىن، گلورىيا بىلەن ئابرېي ئامالسىزلىقتىن ئىككىيلەننى قايتىدىن بىر يەرگە جەم قىلغان. ئىككى ئاچا-سىڭىلنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئەسلىگە كەلگەن، تۇنجى پىسخىكا دوختۇرى تەۋسىيە قىلغان يېزىق ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىزچىل قوللىنىلغان، دادىسى بىلەن ئانىسى بۇ يېزىقلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلگەن، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى تېپىلغان، ئەمما بۇ ئۇسۇلغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.

ئاخىرقى نەتىجە: بىر-بىرىنى قىيناش

ئۇلارنىڭ يېزىقى بىر ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويغان: ئۇلار قارشى تەرەپنىڭ يوقاپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جېننې جېننىفۇرنى بوغۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان، جېننىفۇر بولسا جېننېنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان، شۇنداقلا ئىككىلا تەرەپ ھەرىكەت قىلىپ باققان، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان.
گلورىيا بىلەن ئابرېي ناھايىتى ئەنسىرەپ، دوختۇرنى ئىزدەپ بارغان، دوختۇرنىڭ تەكلىپى بىلەن، گلورىيا بىلەن ئابرېي ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ، ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم ئايرىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلغان.



ئەمما ئۇلارنى ئىككى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويغان ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش، بىر-بىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ھېچقانداق بىر ئادەم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالىماي، پۈتۈنلەي بېكىنىۋالغان. ئامالسىز قالغان گلورىيا بىلەن ئابرېي، ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم قايتا جەم قىلغان. قايتا جەم بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە تايىنىشى تېخىمۇ كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئەمما قارشى تەرەپنى يوقىتىش ئويىمۇ قىلچە پەسەيمىگەن.
بۇنداق خىياللارنىڭ تەسىرىدە ئۇلاردا بىر خىل غەلىتە ھالەت شەكىللەنگەن، بىرسى تەلۋىلەرچە ئۆز بەدىنىنى زەخمىلەندۈرسە، يەنە بىرسى نورمال تۇرمۇش كەچۈرگەن.
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، قىيناش ئوبيېكتى ئالماشقان. ئۇلار مانا مۇشۇنداق بىر-بىرىنى قىيناشتىن تەسەللىي تېپىپ ياشىغان. 1993-يىلىغا كەلگەندە، تېنى ساغلام جېننىفۇر نېمە ئۈچۈندۇر تۇيۇقسىز غەلىتە ئۆلۈپ كەتكەن.
جېننې بولسا ئاخىرى نورمال تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىغان، لېكىن ئۇ 50 نەچچە ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە توي قىلىپ بالىلىق بولمىغان، پەقەت ئۆزى يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرگەن.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، جېننىفۇرنىڭ قەبرە تېشىغا مۇنداق بىر شېئىر ئويۇلغان ئىكەن: «بىز ئىلگىرى ئىككى ئىدۇق، بىز ئىككىمىز بىرنى ئىجاد قىلدۇق، بىز ئەمدى ئىككى ئەمەس، مەڭگۈ بىر، خاتىرجەم يېتىڭ».



خاتىمە:
بۇ قوشكېزەكلەرنىڭ ھېكايىسى بىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ، لېكىن يەنە ئازراق تەسىرلىنىمىز، بىرسى بۇ دۇنيادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، يەنە بىرسى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يالغۇز ياشىغان. قوشكېزەكلەر بىر-بىرىگە تايانغان ھەم بىر-بىرىنى قىينىغان، بۇ بەلكىم يەنە بىر خىل مۇھەببەت بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار نېمە ئۈچۈن چوقۇم بىرنى يوقاتماقچى بولىدۇ؟ جېننىفۇرنىڭ زادى قانداق ئۆلگەنلىكىمۇ ئېنىق ئەمەس، قەبرە تېشىدىكى شېئىرلار ئۇلارنىڭ ھېكايىسىگە شۇنداق ماس كەلگەن بولۇپ، كىشىنى چۆچۈتىدۇ ھەم قاتتىق تەسىرلەندۈرىدۇ.
مۇھەببەت شەخسىيەتسىز، تەقدىم قىلىشتۇر، جېننىفۇر ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا جېننېنىڭ قەلبىدە.
بەلكىم جېننىفۇر مەڭگۈ جېننېنىڭ قەلبىدە بولغاچقا، جېننې ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى كەچۈرۈپلا قالماي، يەنە جېننىفۇرنىڭ تۇرمۇشىنىمۇ ياخشى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلىغان بولسا كېرەك، شۇڭا ئۇ نورمال تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئەمما بىر ئۆمۈر توي قىلمىغان، پەقەت كۆڭۈل قويۇپ دۇنيانى، تۇرمۇشنى ھېس قىلغان.
بىزنىڭ بۇنداق كەچۈرمىشىمىز يوق، لېكىن، بىزمۇ تىرىشىپ ھەر بىر كۈننى ياخشى ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك. ھاياتنىڭ چاقى توختاپ قالمايدۇ، شۇڭا بىز چوقۇم باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك، غەيرەت قىلايلى!

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قوشكېزەكلەرنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان ھەم تەسىرلەندۈرىدىغان ئاجايىپ-غارايىپ ھاياتى

ھاياتلىقنىڭ چېكى بولىدۇ، ھېسسىياتنىڭ چېكى بولمايدۇ. تىل بىزنىڭ بارلىق كەيپىيات، ھېسسىيات، ئىنتىلىشىمىزنى ئىپادىلەيدىغان يول.